Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «2»

تارىخ-تەزكىرە «2» 7

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1سۇلايمان دۇئاسىنى تۈگىتىشىگىلا، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ھەمدە باشقا قۇربانلىقلارنى قويماي كۆيدۈرۈۋەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى ئۆينى تولدۇردى.
2پەرۋەردىگارنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى ئۆينى تولدۇرۇۋەتكەچكە، كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرەلمىدى.
3ئوت چۈشكەنلىكىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى ئۆينىڭ ئۈستىدە توختىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى تاش ياتقۇزۇلغان مەيداندا يۈكۈنۈپ باش ئۇرۇپ‫‪:‬‬ «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈگىچە تۇرىدۇ!» دەپ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە ئوقۇشتى.
4پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلىرىنى سۇندى.
5سۇلايمان پادىشاھ يىگىرمە ئىككى مىڭ كالا، بىريۈز يىگىرمە مىڭ قوينى قۇربانلىق قىلىپ سۇندى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق خۇدانىڭ ئۆيىنى خۇداغا بېغىشلىدى.
6كاھىنلار ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارغا ئاتىغان سازلارنى تۇتقان لاۋىيلار ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇراتتى (پادىشاھ داۋۇت بۇ سازلارنى پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىدە ئىشلەتكىلى ياسىغانىدى، ئۇ پەرۋەردىگارغا‫‪:‬‬ «ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدگىچىدۇر» دەپ مەدھىيە ئوقۇغىنىدا ئۇلارنى ئىشلىتەتتى)؛ كاھىنلار لاۋىيلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇپ كاناي چېلىشاتتى؛ ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئۆرە تۇرۇشقانىدى.
7سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ مۇقەددەس قىلىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى سۇندى؛ چۈنكى سۇلايمان ياساتقان مىس قۇربانگاھ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاش ھەدىيىلىرى ۋە قۇربانلىقلارنىڭ ياغلىرىنى قوبۇل قىلىشقا كىچىك كەلدى.
8شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاقىتتا سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتۈن ئىسرائىل، يەنى خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ مىسىر ئېقىنىغىچە ھەممە يەرلەردىن كەلگەن زور بىر جامائەت ھېيت ئۆتكۈزدى.
9سەككىزىنچى كۈنى ئۇلار تەنتەنىلىك بىر ئىبادەت يىغىلىشى ئۆتكۈزدى؛ ئۇلار يەتتە كۈن قۇربانگاھنى خۇداغا ئاتاپ بېغىشلىغانىدى ئاندىن ئۇلار يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى.
10يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھ خەلقنى ئۆز ئۆي‫‪‎-‎‬‬چېدىرلىرىگە قايتۇردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا، سۇلايمانغا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن قەلبىدە شاد‫‪‎-‎‬‬خۇرام بولۇپ قايتىپ كەتتى.
11شۇنداق قىلىپ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ياساپ پۈتتۈردى. سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىدا نېمە قىلىش كەلگەن بولسا، شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق پۈتتى.
12ئاندىن پەرۋەردىگار كېچىدە سۇلايمانغا ئايان بولۇپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە ئۆزۈمگىمۇ بۇ جاينى «قۇربانلىق ئۆيى» بولۇشقا تاللىدىم.
13ئەگەر مەن ئاسماننى يامغۇر ياغمايدىغان قىلىپ ئېتىۋەتسەم ياكى چېكەتكىلەرگە زېمىندىكى مەھسۇلاتلارنى يەپ تاشلاشنى بۇيرۇسام ۋە ياكى خەلقىم ئارىسىغا ۋابا تارقىتىۋەتسەم،
14شۇ چاغدا نامىم بىلەن ئاتالغان بۇ خەلقىم ئۆزىنى كەمتەر تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ يۈزۈمنى ئىزلەپ، رەزىل يوللىرىدىن يانسا، مەن ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىمەن ۋە زېمىنىنى ساقايتىمەن.
15ئەمدى بۇ يەردە قىلىنغان دۇئالارغا مېنىڭ كۆزلىرىم ئوچۇق ۋە قۇلاقلىرىم دىڭ بولىدۇ.
16مەن ئەمدى نامىم مەڭگۈ بۇ يەردە ئايان قىلىنسۇن دەپ بۇ ئۆينى تاللاپ، ئۇنى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلدىم؛ كۆزۈممۇ، قەلبىممۇ ھەمىشە شۇ يەردە بولىدۇ.
17سەن بولساڭ، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ئالدىمدا ماڭغىنىدەك سەنمۇ ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىمىلىرىم ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ ئالدىمدا ماڭساڭ،
18مەن ئەمدى ئاتاڭ داۋۇتقا‫‪:‬‬ «ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ئەھدە قىلغىنىمدەك، مەن سېنىڭ پادىشاھلىق تەختىڭنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە مەھكەم قىلىمەن.

19بىراق ئەگەر سىلەر مېنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا جاكارلىغان بەلگىلىمىلىرىم ۋە ئەمرلىرىمنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ چوقۇنساڭلار،
20شۇ چاغدا مەن ئىسرائىلنى ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىنىدىن يۇلۇپ تاشلايمەن؛ ۋە ئۆز نامىمنى كۆرسىتىشكە ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلغان بۇ ئۆينى نەزىرىمدىن تاشلايمەن ۋە ئىسرائىلنى ھەممە خەلقلەر ئارىسىدا سۆز‫‪‎-‎‬‬چۆچەك ۋە تاپا‫‪‎-‎‬‬تەنىنىڭ ئوبيېكتى قىلىمەن؛
21بۇ ئۆي گەرچە ھازىر ئۇلۇغ بولسىمۇ، شۇ زاماندا ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىق ھەيران قىلىشىپ‫‪:‬‬ «پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا ۋە بۇ ئۆيگە نېمىشقا شۇنداق قىلغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ.
22كىشىلەر‫‪:‬‬ ــ چۈنكى زېمىندىكى خەلقلەر ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى، يەنى ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنى باشقا ئىلارھلارغا باغلاپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ قۇللۇقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بۇ پۈتكۈل كۈلپەتنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈپتۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.