Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «2»

تارىخ-تەزكىرە «2» 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ ھۆكۈمرانلىقى مۇستەھكەملەندى؛ چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنى بەك بۈيۈك قىلدى.
2سۇلايمان پۈتكۈل ئىسرائىللارنى، مىڭبېشى، يۈزبېشى، سوراقچى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ قەبىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەت باشلىقلىرى بولغان ئەمەلدارلارنى چاقىرتىپ ئۇلارغا سۆز قىلدى.
3سۇلايمان بارلىق جامائەت بىلەن بىرلىكتە گىبېئوننىڭ ئېگىزلىكىگە باردى؛ چۈنكى ئۇ يەردە خۇدانىڭ «جامائەت چېدىرى»، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا باياۋاندا ياساتقان چېدىر بار ئىدى.
4خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بولسا داۋۇت كىرىئات‫‪‎-‎‬‬يېئارىمدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۆزى ئۇنىڭغا تەييارلىغان يەرگە ئەكەلگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ يېرۇسالېمدا ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر چېدىر تىكتۈرگەنىدى.
5خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەل ياسىغان مىس قۇربانگاھ بولسا گىبېئوندا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائەت چېدىرى ئالدىدا ئىدى؛ سۇلايمان جامائەت بىلەن بىرلىكتە بېرىپ، شۇ يەردە پەرۋەردىگاردىن تىلەك تىلىدى.
6سۇلايمان جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى مىس قۇربانگاھنىڭ يېنىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قۇربانگاھتا مىڭ مالنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.
7شۇ كېچىسى خۇدا سۇلايمانغا ئايان بولۇپ، ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن نېمىنى تىلىسەڭ، شۇنى بېرىمەن، دېدى.
8سۇلايمان خۇداغا‫‪:‬‬ ــ سەن ئاتام داۋۇتقا زور مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت ئاتا قىلغان، مېنى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ.
9ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئەمدى سەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى پۇختا ئورۇنلىغايسەن؛ چۈنكى سەن مېنى يەردىكى توپىدەك نۇرغۇن خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ قىلدىڭ.
10ئەمدى سەن ماڭا بۇ خەلققە يېتەكچىلىك قىلغۇدەك دانالىق ۋە بىلىم بەرگەيسەن؛ ئۇنداق بولمىسا سېنىڭ مۇنچىۋالا چوڭ بۇ خەلقىڭگە كىم ھۆكۈم سۈرەلىسۇن؟ ــ دېدى.
11خۇدا سۇلايمانغا‫‪:‬‬ ــ مەن سېنى خەلقىمگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىم. ئەمدى سەن مۇشۇنداق نىيەتكە كېلىپ، نە بايلىق، مال‫‪‎-‎‬‬مۈلۈك، نە ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ھۆرمەت ۋە دۈشمەنلىرىڭنىڭ جانلىرىنى تىلىمەي، نە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى تىلىمەي، بەلكى بۇ خەلقىمگە ھۆكۈم سۈرۈشكە دانالىق ۋە بىلىم تىلىگەن ئىكەنسەن،
12دانالىق ۋە بىلىم ساڭا تەقدىم قىلىندى؛ ۋە مەن ساڭا بايلىق، مال‫‪‎-‎‬‬مۈلۈك ۋە ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ھۆرمەتمۇ بېرەي؛ شۇنداق بولىدۇكى، سېنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ھېچبىرىدە ئۇنداق بولمىغان، سېنىڭدىن كېيىن بولغۇسى پادىشاھلاردىمۇ ئۇنداق بولمايدۇ، دېدى.
13بۇ ئىشتىن كېيىن سۇلايمان گىبېئون ئېگىزلىكىدىكى «جامائەت چېدىرى»دىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئىسرائىل ئۈستىدە سەلتەنەت قىلدى.
14سۇلايمان جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنى توپلىدى‫‪:‬‬ ــ ئۇنىڭ بىر مىڭ تۆت يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق لەشكىرى بار ئىدى؛ ئۇ بۇلارنى «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»گە ھەم پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى.
15پادىشاھ يېرۇسالېمدا ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈشلەرنى تاشلاردەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى تۈزلەڭلىكتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىدەك كۆپ قىلدى.
16سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ھەم كۇۋەدىن كەلتۈرۈلەتتى؛ پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى كۇۋەدىن توختىتىلغان باھاسى بويىچە سېتىۋالاتتى.
17ئۇلار مىسىردىن سېتىۋالغان ھەربىر ھارۋىنىڭ باھاسى ئالتە يۈز كۈمۈش تەڭگە، ھەربىر ئاتنىڭ باھاسى بىر يۈز ئەللىك كۈمۈش تەڭگە ئىدى؛ ئات‫‪‎-‎‬‬ھارۋىلار يەنە ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرى ۋە سۇرىيە پادىشاھلىرىغىمۇ ئەنە شۇ سودىگەرلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن سېتىۋېلىناتتى.