Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «2»

تارىخ-تەزكىرە «2» 15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1خۇدانىڭ روھى ئودەدنىڭ ئوغلى ئازارىيانىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
2شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسا بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئى ئاسا، پۈتكۈل يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن بىللە بولغىنىڭلاردا، ئۇمۇ سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. سىلەر ئۇنى ئىزلىسەڭلار ئۇ سىلەرگە تاپقۇزۇلىدۇ؛ لېكىن سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار ئۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ.
3ئىسرائىللار ئۇزۇن كۈنلەرگىچە ھەقىقىي خۇدا، تەلىم بېرىدىغان كاھىن ۋە قانۇن‫‪‎-‎‬‬ئەھكاملاردىن جۇدا بولۇپ يۈردى؛
4لېكىن ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقىتلاردا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا قايتىپ، ئۇنى ئىزدىدى ۋە ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنى تاپقۇزدى.
5ئۇ ۋاقىتلاردا چىقىپ‫‪‎-‎‬‬كىرىپ تۇرغانلارغا ھېچ ئاراملىق بولمىغان، چۈنكى ھەرقايسى ئەل‫‪‎-‎‬‬يۇرتلار مالىمانچىلىق ئىچىدە تۇراتتى.
6خۇدا ئۇلارنى ھەرخىل قىيىنچىلىق‫‪‎-‎‬‬مالىمانچىلىق ئىچىدە قالدۇرغاچقا، مەملىكەت بىلەن مەملىكەت، شەھەر بىلەن شەھەر ئۆزئارا سوقۇشۇپ ۋەيران بولدى.
7لېكىن سىلەر بولساڭلار، قەيسەر بولۇڭلار، مەزمۇت تۇرۇپ قوللىرىڭلارنى بوشاتماڭلار، چۈنكى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئەجىر‫‪‎-‎‬‬ئىنئامى باردۇر، دېدى.
8ئاسا بۇ گەپلەرنى ۋە ئودەد پەيغەمبەر بەرگەن بېشارەتنى ئاڭلىغاندا ئۇ دادىللىشىپ، پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىنلىرىدا، شۇنداقلا ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا قولغا چۈشۈرگەن ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يىرگىنىچلىك بۇتلارنى يوقاتتى ۋە يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئايۋان ئالدىدا تۇرغان پەرۋەردىگار قۇربانگاھىنى يېڭىباشتىن ياساتتى.
9ئۇ بارلىق يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلارنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان بارلىق ئەفرائىمىي، ماناسسەھىي، شىمېئونىي مۇساپىرلىرىنى يىغدى (چۈنكى نۇرغۇن ئىسرائىللار ئاسانىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بولۇپ، ئىسرائىلدىن چىقىپ ئاسا تەرەپكە ئۆتكەنىدى).
10ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى ئۈچىنچى ئايدا ئۇلار يېرۇسالېمغا يىغىلدى.
11شۇ كۈنى ئۇلار ئېلىپ كەلگەن جەڭ غەنىمەتلىرىدىن يەتتە يۈز بۇقا ۋە يەتتە مىڭ قوينى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى.
12ئۇلار يەنە ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبى ۋە بۈتۈن جېنى بىلەن ئىزدەشكە بىر ئەھدە تۈزۈشتى؛
13ئەھدىدە، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدىمىگەن قېرى‫‪‎-‎‬‬ياش، ئەر‫‪‎-‎‬‬ئايال دېمەي ھەممىسى ئۆلتۈرۈلسۇن، دېيىلدى.
14ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىراش ۋە كاناي ھەم بۇرغا چېلىش بىلەن پەرۋەردىگارغا قەسەم بېرىشتى.
15پۈتكۈل يەھۇدا جامائىتى ئىچكەن قەسىمىدىن شادلاندى؛ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن قەسەم ئىچكەن بولۇپ، پەرۋەردىگارنى تولىمۇ تەلمۈرۈپ ئىزدىدى؛ ۋە ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنى تاپقۇزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا تۆت ئەتراپىدا ئاراملىق ئاتا قىلدى.
16ئاسا پادىشاھ يەنە چوڭ ئانىسى مائاقاھنى يىرگىنچلىك بىر «ئاشېراھ» تۈۋرۈكنى ياسىغىنى ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئاسا بۇ يىرگىنچلىك بۇتنى كېسىپ، ئاياغ ئاستىدا چەيلىدى ۋە كىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى.  
17«يۇقىرى جايلار» يوقىتىلمىسىمۇ، ئاسانىڭ قەلبى پەرۋەردىگارغا پۈتۈنلەي بېغىشلانغانىدى.
19ھەم ئاتىسى ھەم ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان نەرسىلەرنى، جۈملىدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە تۈرلۈك قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلارنى خۇدانىڭ ئۆيىگە كەلتۈردى.