Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «2»

تارىخ-تەزكىرە «2» 30

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ھەزەكىيا پۈتۈن ئىسرائىلغا ۋە يەھۇداغا ئادەم ئەۋەتىپ ھەمدە ئەفرائىملار بىلەن ماناسسەھلەرگە خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشنى چاقىردى
2(پادىشاھ، ئەمەلدارلىرى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق جامائەت بىلەن بىللە مەسلىھەتلىشىپ، ئىككىنچى ئايدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەيلى دەپ قارارغا كېلىشتى.
3لېكىن پاكلانغان كاھىنلار يېتىشمىگەچكە، خەلقمۇ يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولمىغاچقا، ھېيتنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزەلمىدى).
4پادىشاھ ۋە پۈتكۈل جامائەت بۇ پىلاننى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، دەپ قارىدى.
5شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ بەئەر‫‪‎-‎‬‬شېبادىن دانغىچە بارلىق خەلقىنى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىقنامە ئەۋەتەيلى، دەپ بېكىتتى؛ چۈنكى ئۇلار ھېيتنى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان پۈتۈلگەن بەلگىلىمە بويىچە ئۆتكۈزۈلمىگەنىدى.
6چاپارمەنلەر پادىشاھ بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ خەتلىرىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىل ۋە يەھۇدا يۇرتىنى كېزىپ، پادىشاھنىڭ يارلىقى بويىچە مۇنداق خەۋەرنى جاكارلىدى‫‪:‬‬ «ئى ئىسرائىللار، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا يېنىپ كېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلغان قالدىڭلارنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىدۇ.
7ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋاڭلار ۋە قېرىندىشىڭلارغا ئوخشاش بولماڭلار؛ ئۇلار ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغاچقا، ئۇ خۇددى سىلەر كۆرگەندەك ئۇلارنى خارابىچىلىككە تاپشۇرغان.
8ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋاڭلارغا ئوخشاش بوينۇڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپىنىڭ سىلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن، ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارغا بېقىنىڭلار، ئۇ مەڭگۈگە ئۆزىگە خاس دەپ ئاتىغان مۇقەددەسخانىغا كېلىپ، خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار.
9ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا قايتساڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار ۋە بالا‫‪‎-‎‬‬چاقىلىرىڭلار ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلارنىڭ ئالدىدا رەھىم‫‪‎-‎‬‬ئىلتىپاتقا ئېرىشىپ، بۇ يۇرتقا قايتىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگار شاپائەتلىك ۋە رەھىملىكتۇر؛ سىلەر ئۇنىڭ تەرىپىگە ئۆتسەڭلار، ئۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ».
10چاپارمەنلەر شەھەرمۇ‫‪‎-‎‬‬شەھەر بېرىپ، تاكى زەبۇلۇنغىچە ئەفرائىم ۋە ماناسسەھنىڭ يۇرتلىرىنى كېزىپ چىقتى؛ لېكىن ئۇ يەردىكىلەر ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ مەسخىرە قىلاتتى.
11ھالبۇكى، ئاشىر، ماناسسەھ ۋە زەبۇلۇنلاردىن بەزىلىرى ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ يېرۇسالېمغا كەلدى.
12ئۇنىڭ ئۈستىگە، خۇدانىڭ قولى يەھۇدالارنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئۇلارنى بىر نىيەتتە پادىشاھنىڭ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئاساسەن چىقارغان ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىر جان بىر دىل قىلدى.
13شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى ئايدا نۇرغۇن كىشىلەر پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا يىغىلغانىدى؛ توپلانغان خەلق زور بىر تۈركۈم ئادەم ئىدى.
14ئۇلار قوزغىلىپ يېرۇسالېم شەھىرىدىكى قۇربانگاھلارنى بۇزۇپ يوقىتىپ، ئىسرىقگاھلارنىمۇ ئېلىپ چىقىپ، كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ تاشلىدى.
15ئۇلار ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى سويدى. كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار بۇنىڭغا قاراپ خىجىل بولۇپ، ئۆزلىرىنى خۇداغا مۇقەددەس بولۇشقا پاكلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشتى.
16ئۇلار خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا ئاساسەن، بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ئورۇنلىرىغا كېلىپ تۇرۇشتى. كاھىنلار لاۋىيلارنىڭ قولىدىن قاننى ئېلىپ قۇربانگاھقا سەپتى.
17جامائەت ئىچىدە پاكلىنىپ بولمىغانلار خېلى بولغاچقا، لاۋىيلار پاكلانمىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورنىدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا بېغىشلانغان قوزىلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش ئۈچۈن سويۇشقا مەسئۇل ئىدى.
19چۈنكى ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇندىن كەلگەن كۆپىنچىسى، خېلى كۆپ بىر تۈركۈم كىشىلەر پاكلانماي تۇرۇپلا، تەۋرات بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتاپ سويۇلغان قوزا گۆشلىرىنى يېيىشكە كىرىشتى؛ بىراق ھەزەكىيا ئۇلار ھەققىدە دۇئا قىلىپ‫‪:‬‬ ــ كىمكى ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىسىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى چىن كۆڭلىدىن ئىزلەش نىيىتىگە كەلگەن بولسا، گەرچە ئۇلار مۇقەددەسخانىغا ئائىت پاكلىنىش بەلگىلىمىسىگە مۇۋاپىق پاك قىلىنمىسىمۇ، مېھرىبان پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئەپۇ قىلغاي، دېدى.

20پەرۋەردىگار ھەزەكىيانىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سېلىپ خەلقنى ئەپۇ قىلدى.
21يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار پېتىر نان ھېيتىنى يەتتە كۈن شۇنداق خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى؛ لاۋىيلار بىلەن كاھىنلار ھەر كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مەدھىيە سازلىرى بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى.
22ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ماھىر لاۋىيلارغا ئىلھام بېرىپ تۇردى؛ خەلق يەتتە كۈن ھېيت قۇربانلىقلىرىنى يېدى؛ ئۇلار ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلىدى.
23بارلىق جامائەت يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزۈش توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىپ، يەنە خۇشال‫‪‎-‎‬‬خۇراملىققا چۆمگەن ھالدا يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى.
24چۈنكى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا جامائەتكە مىڭ بۇقا ۋە يەتتە مىڭ قوي ھەدىيە قىلدى؛ ئەمەلدارلارمۇ جامائەتكە مىڭ بۇقا، ئون مىڭ قوي ھەدىيە قىلدى. نۇرغۇن كاھىنلار ئۆزلىرىنى خۇداغا ئاتاپ پاكلىدى.
25پۈتكۈل يەھۇدا جامائىتى، كاھىنلار، لاۋىيلار، ئىسرائىلدىن چىققان بارلىق جامائەت، جۈملىدىن ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار ھەمدە يەھۇدادا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسى ئالامەت خۇشال بولۇشتى.
26يېرۇسالېمنى غايەت زور خۇشاللىق كەيپىيات قاپلىدى؛ چۈنكى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ زامانىدىن بۇيان، يېرۇسالېمدا مۇنداق تەنتەنە بولۇپ باقمىغانىدى.
27ئاخىرىدا لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلار ئورنىدىن قوپۇپ، خەلققە بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت تىلىدى؛ ئۇلارنىڭ ساداسى خۇداغا ئاڭلاندى، دۇئاسى ئاسمانلارغا، ئۇنىڭ مۇقەددەس تۇرالغۇسىغا يەتتى.