Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «2»

تارىخ-تەزكىرە «2» 25

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئامازىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەھوئاددان بولۇپ، يېرۇسالېملىق ئىدى.
2ئامازىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغان ئىشلارنى قىلدى، لېكىن پۈتۈن كۆڭلى بىلەن قىلمىدى.
3ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن پادىشاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى.
4لېكىن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇن كىتابىدا پەرۋەردىگارنىڭ‫‪:‬‬ «نە ئاتىلارنى ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ نە ئوغۇللىرىنى ئاتىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ھەربىرى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەن ئەمرى بويىچە، ئۇ ئۆلتۈرگىچىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمىدى.
5ئامازىيا يەھۇدالارنى يىغىپ، جەمەتلىرىگە قاراپ پۈتۈن يەھۇدالارنى ۋە بىنيامىنلارنى مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلار ئاستىغا بېكىتتى؛ ئۇ ئۇلاردىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانىنى ئېلىۋىدى، جەڭگە چىقالايدىغان، قولىغا نەيزە ۋە قالقان ئالالايدىغان خىل لەشكەردىن ئۈچ يۈز مىڭ ئادەم چىقتى.
6ئۇ يەنە بىر يۈز تالانت كۈمۈش سەرپ قىلىپ ئىسرائىلدىن يۈز مىڭ باتۇر جەڭچى ياللىۋالدى.
7لېكىن خۇدانىڭ بىر ئادىمى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ ئى پادىشاھىم، ئىسرائىل قوشۇنىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە بارغۇزمىغايلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىللار ياكى ئەفرائىمىيلارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن بىللە ئەمەس.
8ھەتتا سىلى چوقۇم شۇنداق قىلىمەن، باتۇرانە كۈرەش قىلىمەن دېسىلىمۇ، خۇدا ئۆزلىرىنى دۈشمەن ئالدىدا يىقىتىدۇ، چۈنكى خۇدا ئىنسانغا ياردەم بېرىشكىمۇ قادىردۇر، ئىنساننى يىقىتىشقىمۇ قادىردۇر، دېدى.
9ئامازىيا خۇدانىڭ ئادىمىگە‫‪:‬‬ ــ ئەمىسە مەن ئىسرائىلنىڭ ياللانما قوشۇنىغا بەرگەن يۈز تالانت كۈمۈشنى قانداق قىلسام بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە بۇنىڭدىنمۇ زىيادە كۆپ بېرىشكە قادىردۇر، دەپ جاۋاب بەردى.
10شۇنىڭ بىلەن ئامازىيا ئەفرائىمدىن ئۆزىگە كەلتۈرۈلگەن ياللانما قوشۇننى ئايرىپ چىقىپ، ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتتى؛ شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يەھۇدالارغا بەك غەزەپلىنىپ، قاتتىق قەھر ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.
11ئامازىيا جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزىنىڭ خەلقىنى باشلاپ «شور ۋادىسى»غا بېرىپ سېئىرلاردىن ئون مىڭ ئادەمنى يوقاتتى.
12يەھۇدالار يەنە ئون مىڭ ئادەمنى تىرىك تۇتۇۋېلىپ، تىك يارنىڭ لېۋىغا ئاپىرىپ، ياردىن ئىتتىرىۋىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پارە‫‪‎-‎‬‬پارە قىلىنىپ تاشلاندى.
13ھالبۇكى، ئامازىيا ئۆزى بىلەن بىللە جەڭ قىلىشقا رۇخسەت قىلماي قايتۇرۇۋەتكەن ياللانما ئەسكەرلەر سامارىيەدىن بەيت‫‪‎-‎‬‬ھورۇنغىچە بولغان يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ئۈچ مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى ھەم نۇرغۇن مال‫‪‎-‎‬‬مۈلۈكنى بۇلاپ كەتتى.
14لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئامازىيا ئېدومىيلارنى مەغلۇپ قىلىپ قايتىپ كەلگەن چاغدا ئۇ سېئىرلارنىڭ بۇتلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن مەبۇد قىلىپ، ئۇلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارغا خۇشبۇي ياقتى.
15شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئامازىياغا قوزغالدى، ئۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۆز خەلقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزالمىغان بۇ خەلقنىڭ ئىلاھلىرىنى زادى نېمە دەپ ئىزدەيسەن؟ ــ دېدى.
16ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھقا تېخى سۆز قىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بىز سېنى پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلىپ تىكلىگەنمۇ؟ قوي، بۇ گېپىڭنى! ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ نېمە؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر گەپتىن توختىدى‫‪‎-‎‬‬دە، يەنە‫‪:‬‬ ــ بۇ ئىشنى قىلغىنىڭ ھەم نەسىھىتىمگە قۇلاق سالمىغىنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سېنى يوقىتىشنى قارار قىلدى، دەپ بىلىمەن، ــ دېدى.
17شۇنىڭدىن كېيىن ئامازىيا مەسلىھەتلىشىپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھۇنىڭ نەۋرىسى، يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ‫‪:‬‬ «قېنى، جەڭ مەيدانىدا يۈز تۇرانە كۆرۈشەيلى» دېدى.
18ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزدى‫‪:‬‬ «لىۋاندىكى تىكەن لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىگە سۆز ئەۋەتىپ‫‪:‬‬ «ئۆز قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرگىن!» ــ دېدى. لېكىن لىۋاندىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسىۋەتتى.

19سەن دەرۋەقە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭ؛ كۆڭلۈڭدە ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزۈڭدىن مەغرۇرلىنىپ يايراپ كەتتىڭ. ئەمدى ئۆيۈڭدە قالغىنىڭ ياخشى؛ نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟».
20ئەمما ئامازىيا قۇلاق سالمىدى. بۇ ئىش خۇدادىن كەلدى؛ چۈنكى ئۇلار ئېدومنىڭ ئىلاھلىرىنى ئىزدىگەنىدى، خۇدا ئۇلارنى يوئاشنىڭ قولىغا چۈشسۇن دەپ ئەنە شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانىدى.
21شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل پادىشاھى يوئاش جەڭگە ئاتلىنىپ چىقتى؛ ئىككى تەرەپ، يەنى ئۇ يەھۇدا پادىشاھى ئامازىيا بىلەن بەيت‫‪‎-‎‬‬شەمەشتە، جەڭ مەيدانىدا يۈز تۇرانە ئۇچراشتى.
22يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن تىرىپىرەن قىلىنىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەتتى.
23ئىسرائىل پادىشاھى يوئاش بەيت‫‪‎-‎‬‬شەمەشتە يەھوئاھازنىڭ نەۋرىسى، يوئاشنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى ئامازىيانى ئەسىر قىلىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ۋە ئۇ يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنىڭ ئەفرائىم دەرۋازىسىدىن تارتىپ بۇرجەك دەرۋازىسىغىچە بولغان تۆت يۈز گەزلىك بىر بۆلىكىنى ئۆرۈۋەتتى.
24ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىدە، ئوبەد‫‪‎-‎‬‬ئېدوم مەسئۇل بولۇپ ساقلاۋاتقان ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىدىن تېپىلغان بارلىق ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈش، قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلارنى بۇلىۋالدى ۋە كېپىللىك سۈپىتىدە بىرنەچچە تۇتقۇننى ئېلىپ سامارىيەگە يېنىپ كەتتى.
25ئىسرائىل پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆردى.
26ئامازىيانىڭ قالغان ئەمەللىرى بولسا، مانا ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
27ئامازىيا پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەندىن باشلاپلا يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنى قەستلەشكە كىرىشكەنىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ لاقىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى؛ لېكىن قەستلىگۈچىلەر كەينىدىن لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى.
28ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئاتلارغا ئارتىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «يەھۇدانىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى.