Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «2»

تارىخ-تەزكىرە «2» 31

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگىگەندىن كېيىن، بۇ يەردە ھازىر بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ، ئۇ يەرلەردىكى «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى چېقىپ، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىپ تاشلىۋەتتى؛ يەنە يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىندا، شۇنداقلا ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ زېمىنىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىكى «يۇقىرى جايلار» ۋە قۇربانگاھلارنى، ھەممىسىنى بۇزۇپ يوقاتقۇچە سۆكۈپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز تەۋەلىكىگە، ئۆز شەھەرلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.
2ھەزەكىيا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى نۆۋەت‫‪‎-‎‬‬گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ھەرقايسىسىنى ئۆزىگە خاس خىزمىتىگە بېكىتىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇپ، پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا، ئىشىك‫‪‎-‎‬‬دەرۋازىلىرى ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەپ، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە ئوقۇيدىغان قىلدى.
3پادىشاھ يەنە ئۆز مېلىدىن بىر ئۈلۈشنى ئېلىپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بۇيرۇدى؛ بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنى بويىچە ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، شابات كۈنى، يېڭى ئاي ۋە ھېيت‫‪‎-‎‬‬بايرام كۈنلىرىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئايرىلدى.
4پادىشاھ يەنە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى چىڭ ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن، تەقدىم قىلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئۇلارغا بېرىڭلار، دەپ يېرۇسالېمدا تۇرۇشلۇق خەلققە بۇيرۇدى.
5بۇ بۇيرۇق چىقىرىلىشى بىلەنلا، ئىسرائىللار ھوسۇل‫‪‎-‎‬‬مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەسلەپكى ئېلىنغان قىسمى ئاشلىق، يېڭى شاراب، زەيتۇن مېيى ۋە ھەسەللەرنى ھەمدە ئېتىزلىقتىن چىققان ھەرخىل مەھسۇلاتلارنىڭ ھوسۇللىرىدىن ئەكىلىشتى، يەنە ھەرخىل نەرسىلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە تۈركۈملەپ ئەكىلىشتى.
6يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالارمۇ قوي‫‪‎-‎‬‬كالىلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە ۋە پەرۋەردىگار خۇداسىغا ئاتالغان مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە ئەكىلىپ، دۆۋە‫‪‎-‎‬‬دۆۋە دۆۋىلىۋەتتى.
7ئۈچىنچى ئايدىن باشلاپ دۆۋىلىنىپ، يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە توختىدى.
8ھەزەكىيا ئەمەلدارلار بىلەن بىللە كېلىپ، دۆۋە‫‪‎-‎‬‬دۆۋە بولغان بۇ مەھسۇلاتلارنى كۆرۈپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە ئوقۇدى ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەخت‫‪‎-‎‬‬سائادەت تىلىدى.
9ھەزەكىيا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلاردىن بۇ دۆۋە‫‪‎-‎‬‬دۆۋە مەھسۇلاتلار توغرۇلۇق سورىۋىدى،
10زادوك جەمەتىدىن بولغان باش كاھىن ئازارىيا ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ‫‪:‬‬ ــ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ھەدىيە كەلتۈرگىلى باشلىغاندىن بۇيان تويغۇدەك يېدۇق، يەنە نۇرغۇن ئېشىپ قالدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى بەرىكەتلىگەن، شۇڭا ئېشىپ قالغىنىمۇ شۇنچە كۆپ، دېدى.
11ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئامبارلارنى تەييارلاشنى بۇيرۇۋىدى، ئۇلار شۇنداق قىلدى.
12ئۇلار سەمىمىي‫‪‎-‎‬‬ساداقەتلىك بىلەن ھەدىيەلەرنى، ئوندىن بىر ئۆشرە ۋە خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان نەرسىلەرنى ئامبارلارغا ئەكىردى. لاۋىيلاردىن بولغان كونونىيا باش ئامبارچى، ئىنىسى شىمەي مۇئاۋىن باش ئامبارچى بولدى.
13كونونىيا ۋە ئىنىسى شىمەينىڭ قول ئاستىدا يەھىيەل، ئازارىيا، ناخات، ئاساھەل، يەرىموت، يوزاباد، ئەلىيەل، يىسماقىيا، ماھات ۋە بىنايالار نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەزەكىيا پادىشاھ بىلەن خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئازارىيانىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئىشلەيتتى.
14شەرقىي دەرۋازىنىڭ دەرۋازىۋىنى لاۋىي يىمناھنىڭ ئوغلى كورە خۇداغا خالىس قىلىنغان ھەدىيە‫‪‎-‎‬‬سوۋغاتلارغا مەسئۇل ئىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ۋە «ئەڭ مۇقەددەس» بولغان نەرسىلەرنى تەقسىم قىلاتتى.
15ئېدەن، مىنيامىن، يەشۇئا، شېمايا، ئامارىيا ۋە شېكانىيالار ئۇنىڭ قول ئاستىدا بولۇپ، ئۇلار كاھىنلارنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە، چوڭ‫‪‎-‎‬‬كىچىكلىكىگە قارالماي، نۆۋەت بويىچە ئۆز قېرىنداشلىرىغا بۇلارنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشكە تەيىنلەندى؛
16بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار نەسەبنامىگە تىزىملانغان ئۈچ ياشتىن يۇقىرى ئەركەكلەردىن، ھەر كۈنى نۆۋىتى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدىغانلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ تەقسىم قىلىپ بېرەتتى.
17ئۇلار نەسەبى تىزىملانغان جەمەتلىرى بويىچە كاھىنلارغىمۇ ھەمدە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان لاۋىيلارغا نۆۋىتى ۋە ۋەزىپىسىگە قاراپ تەقسىم قىلىپ بېرەتتى؛
18نەسەبنامىدە «لاۋىي جامائىتى» دەپ، پۈتۈلگىنىگە قاراپ بۇلارنىڭ بارلىق كىچىك بالىلىرىغا، خوتۇنلىرى ۋە ئوغۇل‫‪‎-‎‬‬قىز پەرزەنتلىرىگىمۇ تەقسىم قىلىپ بېرەتتى؛ چۈنكى ئۇلار ساداقەتلىك بىلەن ئۆزلىرىنى خۇداغا ئاتاپ پاكلىنىپ، مۇقەددەس بولۇشقا بېغىشلىغانىدى.

19ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان، ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلارغا بولسا، ھەربىر شەھەردە مەخسۇس تىزىملانغان ئادەم قويۇلغانىدى؛ ئۇلار كاھىنلار ئىچىدىكى بارلىق ئەركەكلەرگە ۋە شۇنداقلا نەسەبنامىدە پۈتۈلگەن بارلىق لاۋىيلارغا تېگىشلىك ئۈلۈشلىرىنى بېرەتتى.
20ھەزەكىيا پۈتۈن يەھۇدا زېمىنىدا شۇنداق قىلدى؛ ئۇ ئۆز خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا ياخشى، دۇرۇس ۋە ھەق بولغاننى قىلدى.
21مەيلى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتلەرگە ئائىت ئىشتا بولسۇن، مەيلى تەۋرات قانۇنىغا ھەم ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش نىيىتىدە خۇداسىنى ئىزدەشتە بولسۇن، ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن قىلدى ۋە روناق تاپتى.