Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «2»

تارىخ-تەزكىرە «2» 22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1يېرۇسالېمدا تۇرۇۋتقانلار يەھورامنىڭ كەنجى ئوغلى ئاھازىيانى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى؛ چۈنكى ئەرەبلەر بىلەن بىللە بارگاھقا بېسىپ كىرگەن قاراقچىلار ئاھازىيانىڭ ئاكىلىرىنى قويماي ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا سەلتەنەت قىلدى.
2ئاھازىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئاتالىيا بولۇپ، ئومرىنىڭ نەۋرە قىزى ئىدى.
3ئاھازىيامۇ ئاھاب جەمەتىنىڭ يوللىرىغا ماڭدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنى رەزىللىككە ئۈندەيتتى.
4ئۇ ئاھاب جەمەتى قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئاھاب جەمەتىدىكىلەر ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان رەزىل نەسىھەتلەرنى بېرەتتى.
5ئۇ ئۇلارنىڭ نەسىھىتىگە ئەگىشىپ، ئىسرائىل پادىشاھى ئاھابنىڭ ئوغلى يەھورام بىلەن بىرلىكتە گىلېئادتىكى راموتقا بېرىپ سۇرىيە پادىشاھى ھازائەل بىلەن سوقۇشتى؛ شۇ چاغدا سۇرىيلەر يەھورامنى زەخمىلەندۈردى.
6ئاندىن يەھورام راماھدا سۇرىيە پادىشاھى بىلەن سوقۇشقان چاغدىكى جاراھەتلىرىنى داۋالىتىش ئۈچۈن يىزرەئەلگە قايتتى. ئاندىن يەھورامنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيا ئاھابنىڭ ئوغلى يەھورامنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنى يوقلىغىلى يىزرەئەلگە باردى.
7ھالبۇكى، ئاھازىيانىڭ يەھورامنى يوقلىغىلى بارغىنى دەل ئۆزىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان، خۇدا بېكىتكەن ئىش ئىدى. چۈنكى ئۇ بارغاندىن كېيىن يەھورام بىلەن بىرلىكتە نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇغا قارشى سوقۇشۇشقا چىقتى. مۇشۇ يەھۇ ئەسلىدە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئاھابنىڭ جەمەتىنى يوقىتىش ئۈچۈن مەسىھ قىلىنغانىدى.
8ۋە شۇنداق بولدىكى، يەھۇ خۇدا بېكىتكەن ھۆكۈمنى ئاھاب جەمەتىنىڭ ئۈستىگە يۈرگۈزگەن ۋاقتىدا، ئۇ يەھۇدادىكى ئەمەلدارلارنى ۋە ئاھازىيانىڭ خىزمىتىدە بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇچرىتىپ، ئۇلارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋەتتى.
9يەھۇ ئاھازىيانىمۇ ئىزدىدى؛ كىشىلەر ئۇنى تۇتۇۋالدى (ئۇ سامارىيەگە يوشۇرۇنۇۋالغانىدى). ئۇلار ئۇنى يەھۇنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلدى، چۈنكى كىشىلەر‫‪:‬‬ «بۇ دېگەن پەرۋەردىگارنى چىن كۆڭلىدىن ئىزدىگەن يەھوشافاتنىڭ نەۋرىسىدۇر» دېگەنىدى. ئاھازىيانىڭ جەمەتىدە پادىشاھلىقنى قولىغا ئالغۇدەك بىرەر ئادەم قالمىدى.
10ئەمدى ئاھازىيانىڭ ئانىسى ئاتالىيا ئوغلىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگەندە، يەھۇدا جەمەتىدىكى بارلىق شاھ نەسلىنى ئۆلتۈرۈشكە قوزغالدى.
11لېكىن پادىشاھنىڭ قىزى يەھوشېبىيات ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاھازىيانىڭ ئوغلى يوئاشنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ۋە كىندىك ئانىسىنى ياستۇق‫‪‎-‎‬‬كىرلىك ئامبىرىغا يوشۇرۇپ قويدى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ يەھورامنىڭ قىزى، (يەنى ئاھازىيانىڭ سىڭلىسى)، باش كاھىن يەھۇيادانىڭ خوتۇنى يەھوشېبىيات يوئاشنى ئاتالىيا ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن دەپ ئاتالىيادىن يوشۇرۇپ قويدى.
12ئاندىن كېيىن يوئاش ئۇلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى؛ ئۇ چاغدا ئاتالىيا يەھۇدا زېمىنىدا سەلتەنەت قىلاتتى.