Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «2»

تارىخ-تەزكىرە «2» 26

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ئۇنىڭ ئون ئالتە ياشقا كىركەن ئوغلى ئۇززىيانى تىكلەپ، ئۇنى ئاتىسى ئامازىيانىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى
2(پادىشاھ ئاتىسى ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلغۇچى دەل ئۇززىيا ئىدى).
3ئۇززىيا تەختكە چىققان چېغىدا ئون ئالتە ياش ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا جەمئىي ئەللىك ئىككى يىل پادىشاھلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەكولىيا بولۇپ، يېرۇسالېملىق ئىدى.
4ئۇ ئاتىسى ئامازىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى.
5خۇدا بەرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر بىلەن يورۇتۇلغان زەكەرىيا ئۇززىياغا تەلىم بەرگەچكە، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇززىيا خۇدانى ئىزدىدى؛ ۋە ئۇ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگەن كۈنلەردە خۇدا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى راۋان قىلدى.
6ئۇ چىقىپ فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلدى ۋە گاتنىڭ سېپىلىنى، جابنەھنىڭ سېپىلىنى ۋە ئاشدودنىڭ سېپىلىنى چاقتۇرۇۋەتتى. يەنە ئاشدود ئەتراپىدا، شۇنداقلا فىلىستىيلەر ئارىسىدا بىرنەچچە شەھەر بەرپا قىلدى.
7خۇدا ئۇنىڭ فىلىستىيلەر ۋە گۇر‫‪‎-‎‬‬بائالدا تۇرۇۋاتقان ئەرەبلەر بىلەن مائونلارغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
8ئاممونىيلار ئۇززىياغا ئولپان تۆلىدى؛ ئۇززىيا تولىمۇ قۇدرەتلىك بولۇپ، نام‫‪‎-‎‬‬شۆھرىتى تاكى مىسىرنىڭ چېگرىسىغىچە تارقالدى.
9ئۇززىيا يېرۇسالېمدىكى «بۇرجەك دەرۋازىسى»دا، «جىلغا دەرۋازىسى»دا ۋە سېپىلنىڭ قايرىلىدىغان يېرىدە مۇنارلار سالدى ۋە ئۇلارنى ئاجايىپ مۇستەھكەم قىلدى.
10ئۇ يەنە چۆللەردە بىرمۇنچە كۆزەت مۇنارلىرىنى سالغۇزدى ۋە كۆپ قۇدۇقلارنى كولاتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدە ۋە ئېگىزلىكتە نۇرغۇن چارۋىسى بار ئىدى؛ ئۇ يەنە تېرىقچىلىققا ئامراق بولغاچقا، تاغلاردا ۋە ئېتىز‫‪‎-‎‬‬باغلاردا نۇرغۇن باغۋەنلەرنى ۋە ئۈزۈمچىلەرنى ياللاپ ئىشلەتتى.
11ئۇززىيانىڭ يەنە ئۇرۇشقا ماھىر قوشۇنى بار ئىدى. قوشۇن كاتىپ جەئىيەل ۋە ئەمەلدار مائاسېياھ ئېنىقلىغان سانغا ئاساسەن قىسىم‫‪‎-‎‬‬قىسىملار بويىچە بۆلۈنۈپ، پادىشاھنىڭ سەردارلىرىدىن بىرى بولغان ھانانىيانىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا سەپ بولۇپ جەڭگە چىقاتتى.
12بۇ باتۇر جەڭچىلەر ئىچىدىكى ھەرقايسى جەمەت باشلىرى جەمئىي ئىككى مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى.
13ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدىكى قوشۇن جەمئىي ئۈچ يۈز يەتمىش يەتتە مىڭ بەش يۈز بولۇپ، ھەممىسى ئىشتا قابىل، جەڭدە ماھىر ئىدى، ئۇلار پادىشاھقا ياردەملىشىپ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلالايتتى.
14ئۇززىيا پۈتكۈل قوشۇنىدىكى لەشكەرلىرىنى قالقان، نەيزە، دوبۇلغا، ساۋۇت، ئوقيا ۋە سالغىلار بىلەنمۇ قوراللاندۇرغانىدى.
15ئۇ يەنە يېرۇسالېمدا ئۇستىلار ئىجاد قىلغان ئوق بېشى ۋە يوغان تاشلارنى ئاتقۇچى ئۈسكۈنىلەرنى ياسىتىپ، ئۇلارنى سېپىل مۇنارلىرىغا ۋە بۇرجەكلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئۇنىڭ نام‫‪‎-‎‬‬شۆھرىتى يىراق‫‪‎-‎‬‬يىراقلارغا كەتكەنىدى، چۈنكى ئۇ ئالامەت ياردەملەرگە ئېرىشكەچكە، كارامەت قۇدرەت تاپقانىدى.
16لېكىن ئۇ كۈچەيگەندىن كېيىن، مەغرۇرلىنىپ كەتتى ۋە بۇ ئىش ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ باردى. ئۇ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، خۇشبۇيگاھ ئۈستىدە خۇشبۇي ياقىمەن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى.
17كاھىن ئازارىيا بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ باشقا كاھىنلىرىدىن سەكسەن ئەزىمەت ئۇنىڭ ئارقىدىن كىردى؛
18ئۇلار پادىشاھ ئۇززىيانى توسۇپ‫‪:‬‬ ــ ئى ئۇززىيا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي يېقىش ساڭا تەۋە ئىش ئەمەس، بەلكى خۇشبۇي يېقىشقا مۇقەددەس خىزمەتكە ئاتالغان كاھىنلار بولغان، ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا مەنسۇپتۇر؛ مۇقەددەسخانىدىن چىققىن، چۈنكى ئىتائەتسىزلىك قىلىپ قويدۇڭ؛ سەن خۇدا پەرۋەردىگاردىن ئىززەت تاپالمايدىغان بولۇپ قالىسەن، دېدى.

19ئۇززىيا قاتتىق غەزەپلەندى؛ ئۇ خۇشبۇي ياققىلى تۇرغان ھالەتتە، قولىدا بىر خۇشبۇيداننى تۇتۇپ تۇراتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خۇشبۇيگاھنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كاھىنلارغا غەزەپلىنىۋاتقان چاغدا، كاھىنلارنىڭ ئالدىدىلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا ماخاۋ ئۆرلەپ چىقتى.
20باش كاھىن ئازارىيا بىلەن باشقا كاھىنلار قارىسا، مانا، بىردىنلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا ماخاۋ ئۆرلەپ چىققانىدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنى چىقىرىۋېتىشكە ئىتتەردى؛ ئۇ ئۆزىمۇ چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى ئۇرغانىدى.
21پادىشاھ ئۇززىيانى تاكى ئۆلگۈچە ماخاۋ كېسىلى چىرمىۋالدى؛ ئۇ ماخاۋ كېسىلى بولغاچقا، ئايرىم بىر ئۆيدە تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن مەھرۇم قىلىندى. ئۇنىڭ ئوغلى يوتام ئوردىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، يۇرت سورىدى.
22ئۇززىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى بولسا باشتىن ئاخىرىغىچە ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغاندۇر.
23ئۇززىيا ئۆزىنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ بەزىلەر‫‪:‬‬ ــ «ئۇ ماخاۋ بولغان ئادەم» دېگەچكە، ئۇ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى قاتارىدا ياتقۇزۇلغان بولسىمۇ، پادىشاھلار قەبرىستانلىقىغا تەۋە چەترەك بىر يەرلىككە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوتام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.