Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 9

لۇقا 9:51-61

Help us?
Click on verse(s) to share them!
51ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۈزىنى يېرۇسالېمغا بېرىشقا قاراتتى.   
52شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئالدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئۇلار يولغا چىقىپ، ئۇنىڭ كېلىشىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سامارىيە ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىغا كىردى.
53بىراق ئۇ يۈزىنى يېرۇسالېمغا قاراتقانلىقى تۈپەيلىدىن يېزىدىكىلەر ئەيسانى قوبۇل قىلمىدى.   
54ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ ئىشنى كۆرۈپ‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن ئىلىياس پەيغەمبەردەك ئاسماندىن ئوت يېغىشىنى چىقىرىشىمىزنى خالامسەن؟ ــ دېدى.
55لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ‫‪:‬‬ «سىلەر قانداق روھتىن بولغانلىقىڭلارنى بىلمەيدىكەنسىلەر» ــ دېدى.
56ئاندىن ئۇلار باشقا بىر يېزىغا ئۆتۈپ كەتتى.
57ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىرسى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، سەن قەيەرگە بارما، مەن ساڭا ئەگىشىپ ماڭىمەن، ــ دېدى.
58ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ تۈلكىلەرنىڭ ئۆڭكۈرلىرى، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى بار. بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، ــ دېدى.
59ئۇ يەنە باشقا بىرسىگە‫‪:‬‬ ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. لېكىن ئۇ‫‪:‬‬ ــ رەب، ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويغىلى ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى.  
60لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا ــ ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى كۆمسۇن! بىراق سەن بولساڭ، بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىغىن، ــ دېدى.  
61يەنە بىرسى‫‪:‬‬ ــ ئەي رەب، مەن ساڭا ئەگىشىمەن، لېكىن ئاۋۋال ئۆيۈمگە بېرىپ، ئۆيدىكىلىرىم بىلەن خوشلىشىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى.

Read لۇقا 9لۇقا 9
Compare لۇقا 9:51-61لۇقا 9:51-61