Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 10

لۇقا 10:25-34

Help us?
Click on verse(s) to share them!
25ۋە مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.
26ئۇ جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ تەۋرات قانۇنىدا نېمە پۈتۈلگەن؟ بۇنىڭغا ئۆزۈڭ قانداق قارايسەن؟ ــ دېدى.
27ھېلىقى كىشى جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ ۋە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ دېدى.  
28ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ توغرا جاۋاب بەردىڭ. مانا شۇنداق قىلساڭ ھايات بولىسەن، ــ دېدى.
29لېكىن ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ئىسپاتلىماقچى بولۇپ، ئەيسادىن يەنە سوراپ‫‪:‬‬ ــ ئەمدى «مېنىڭ قوشنام» كىمدۇر؟ ــ دېدى.
30ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ بىر ئادەم يېرۇسالېمدىن يېرىخو شەھىرىگە چۈشۈۋېتىپ، يولدا قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى يارىلاندۇرۇپ، چالا ئۆلۈك ھالدا تاشلاپ كېتىپتۇ.
31ۋە شۇنداق بولدىكى، مەلۇم بىر كاھىن شۇ يولدىن چۈشۈۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
32شۇنىڭدەك بىر لاۋىيلىق روھانىي بۇ يەرگە كەلگەندە، يېنىغا كېلىپ قاراپ قويۇپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
33لېكىن سەپەردە بولغان بىر سامارىيەلىك ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ
34ۋە ئالدىغا بېرىپ، جاراھەتلىرىگە ماي ۋە شاراب قۇيۇپ، تېڭىپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۇلىغىقا مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ.

Read لۇقا 10لۇقا 10
Compare لۇقا 10:25-34لۇقا 10:25-34