Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - سامۇئىل «2»

سامۇئىل «2» 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئامالەكلەرنى قىرغىن قىلىپ يېنىپ كەلگەندە، ئۇ زىكلاگدا ئىككى كۈن تۇردى.
2ئۈچىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، مانا سائۇلنىڭ لەشكەرگاھىدىن كىيىمى يىرتىق ۋە بېشىغا توپا‫‪‎-‎‬‬چاڭ چاچقان بىر ئادەم كەلدى. ئۇ داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، يەرگە يىقىلىپ باش ئۇردى.
3داۋۇت ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ نەدىن كەلدىڭ؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ‫‪:‬‬ ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىدىن قېچىپ كەلدىم ــ دېدى.
4داۋۇت ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ئىش قانداق بولدى؟ ماڭا دەپ بەرگىن، دېدى. ئۇ‫‪:‬‬ خەلق جەڭدىن قاچتى، خەلقتىن بەك جىق كىشى سوقۇشتا ئۆلدى. سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتانمۇ ئۆلدى، ــ دېدى.
5داۋۇت خەۋەر ئېلىپ كەلگەن يىگىتتىن‫‪:‬‬ سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ ئۆلگىنىنى قانداق بىلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى.
6ئۇنىڭغا خەۋەر بەرگەن يىگىت‫‪:‬‬ مەن تاسادىپىي گىلبوئا تېغىغا چىققانىدىم، مانا سائۇل نەيزىگە يۆلىنىپ تۇرۇپتۇ؛ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى قوغلاۋاتاتتى.
7ئۇ كەينىگە قاراپ مېنى كۆرۈپ چاقىردى. مەن «مانا مەن»، دېدىم.
8ئۇ‫‪:‬‬ ئۆزۈڭ كىم بولىسەن، دەپ مەندىن سورىۋىدى، مەن ئامالەكلەردىنمەن، دېدىم.
9ئۇ يەنە ماڭا‫‪:‬‬ ئۈستۈمدە تۇرۇپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ گەرچە جېنىم مەندە بولسىمۇ، مەن بەك ئازاپلىنىپ كېتىۋاتىمەن ــ دېدى.
10شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈردۈم، چۈنكى، ئۇ شۇ ھالدا يىقىلسىلا، تىرىك قالمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئاندىن بېشىدىكى تاجنى ۋە بىلىكىدىكى بىلەزۈكنى ئېلىپ مۇشۇ يەرگە غوجامغا ئېلىپ كەلدىم، ــ دېدى.
11شۇئان داۋۇت ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ، تىلما‫‪‎-‎‬‬تىلما قىلىۋەتتى؛ ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق ئادەملەرمۇ ھەم شۇنداق قىلدى.
12ئۇلار سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ جەمەتى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئاھ‫‪‎-‎‬‬زار كۆتۈرۈپ كەچكىچە روزا تۇتتى؛ چۈنكى ئۇلار قىلىچ ئاستىدا يىقىلىپ قازا قىلغانىدى.
13داۋۇت ئۇنىڭ ئۆزىگە خەۋەر بەرگەن يىگىتتىن‫‪:‬‬ قەيەردىن سەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ‫‪:‬‬ مەن بىر ئامالەك مۇساپىرنىڭ ئوغلىمەن ــ دېدى.
14داۋۇت ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ سەن قانداقمۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى ھالاك قىلىشقا قولۇڭنى سوزۇشتىن قورقمىدىڭ؟ ــ دېدى.
15ئاندىن داۋۇت ئۆز غۇلاملىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ بۇياققا كەل، ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگىن ــ دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى ئۇرۇۋىدى، ئامالەك ئۆلدى.
16داۋۇت ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ قان قەرزىڭ بېشىڭغا چۈشسۇن! چۈنكى ئۆز ئاغزىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى ئۆلتۈرگىنىڭگە گۇۋاھلىق بېرىپ ئەيىبلىدى، ــ دېدى.
17شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ مۇنداق بىر نەزمە ئوقۇدى
18(ئۇ «ئوقيا» دەپ ئاتالغان بۇ نەزمىنى پۈتكۈل يەھۇدا خەلقىگە ئۆگىتىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. دەرۋەقە ئۇ «ياشار» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەنىدى)‫‪:‬‬ ــ   

19ــ ئى ئىسرائىل، سېنىڭ گۈزەل ئەزىزىڭ يۇقىرى جايلىرىڭدا قىرغىن بولۇپ ياتىدۇ! پالۋانلار شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ!؟
20گات شەھىرىدە بۇ خەۋەرنى بەرمەڭلار، ئاشكېلوننىڭ كوچىلىرىدا ئۇنى ئېلان قىلماڭلار، فىلىستىيىنىڭ قىزلىرى شادلانمىسۇن، خەتنىسىزلەرنىڭ قىزلىرى تەنتەنە قىلمىسۇن!
21ئى گىلبوئا تاغلىرى، ئۈستۈڭلارغا نە شەبنەم بولمىسۇن، نە يامغۇر چۈشمىسۇن، نە سىلەردە كۆتۈرۈلمە ھەدىيەلەر ئۈچۈن ھوسۇل بېرىدىغان ئېتىزلار يەنە كۆرۈنمىسۇن! چۈنكى ئۇ يەردە پالۋانلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى؛ سائۇلنىڭ قالقىنى ياغ بىلەن سۈرۈلمەيدىغان بولدى.
22قىرىلىدىغانلارنىڭ قېنىنى تۆكمەي، پالۋانلارنىڭ تېنىدىكى يېغىنى چاپماي، يوناتاننىڭ ئوقياسى ھېچقاچان جەڭدىن يانغان ئەمەس، سائۇلنىڭ قىلىچى ھېچقاچان قىنىغا قايتقان ئەمەس.
23سائۇل بىلەن يوناتان ھايات ۋاقتىدا سۆيۈملۈك ھەم يېقىملىق ئىدى، ئۇلار ئۆلۈمىدىمۇ بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىدىن ئايرىلمىدى؛ ئۇلار بۈركۈتلەردىن چاققان، شىرلاردىن كۈچلۈك ئىدى.
24ئى ئىسرائىل قىزلىرى، سائۇل ئۈچۈن يىغلاڭلار، ئۇ سىلەرنى بېزەپ قىزغۇچ كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، كىيىملىرىڭلارنى ئالتۇن زىبۇ‫‪‎-‎‬‬زىننەت بىلەن زىننەتلىگەنىدى.
25پالۋانلار كەسكىن جەڭدە شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ!؟ يوناتان يۇقىرى جايلىرىڭدا قىرغىن بولۇپ ياتىدۇ!
26سەن ئۈچۈن ھەسرەتتە قالدىم، ئى ئىنىم يوناتان! ماڭا شۇنچە سۆيۈملۈك ئىدىڭ! ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ قالتىس ئىدى، ھەتتا قىز‫‪‎-‎‬‬ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىن ئارتۇق ئىدى.
27پالۋانلار شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ! جەڭ قوراللىرى شۇنداق دەھشەتلىك ۋەيران قىلىندىغۇ!»