Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - سامۇئىل «2»

سامۇئىل «2» 17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاھىتوفەل ئابشالومغا‫‪:‬‬ ماڭا ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى تاللىۋېلىشقا رۇخسەت بەرسەڭ، مەن بۈگۈن كېچە قوزغىلىپ، داۋۇتنى قوغلاي؛
2مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشكىنىمدە ئۇ ھېرىپ، قوللىرى ئاجىز بولىدۇ؛ مەن ئۇنى ئالاقزادە قىلىۋېتىمەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق خەلق قاچىدۇ. مەن پەقەت پادىشاھنىلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرىمەن،
3ئاندىن ھەممە خەلقنى ساڭا بېقىندۇرۇپ قايتۇرىمەن. سەن ئىزدىگەن ئادەم يوقالسا، ھەممە خەلق سېنىڭ قېشىڭغا قايتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن قالىدۇ، دېدى.
4بۇ مەسلىھەت ئابشالومغا ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا ياقتى،
5لېكىن ئابشالوم‫‪:‬‬ ئاركىلىق ھۇشاينىمۇ چاقىرىڭلار؛ ئۇنىڭ سۆزىنىمۇ ئاڭلايلى، ــ دېدى.
6ھۇشاي ئابشالومنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئابشالوم ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ئاھىتوفەل مۇنداق‫‪‎-‎‬‬مۇنداق ئېيتتى؛ ئۇ دېگەندەك قىلايلىمۇ؟ بولمىسا، سەن بىر مەسلىھەت بەرگىن، ــ دېدى.
7ھۇشاي ئابشالومغا‫‪:‬‬ ئاھىتوفەلنىڭ بۇ ۋاقىتتا بەرگەن مەسلىھەتى ياخشى ئەمەس، ــ دېدى.
8ھۇشاي يەنە مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ «سەن ئاتاڭ بىلەن ئادەملىرىنى بىلىسەنغۇ ــ ئۇلار پالۋانلاردۇر، ھازىر دالادىكى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىنغان چىشى ئېيىقتەك پەيلى يامان. ئاتاڭ بولسا ھەقىقىي جەڭچىدۇر، ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىرگە قونمايدۇ.
9مانا ئۇ ھازىر بىر غاردا يا باشقا بىر يەردە مۆكۈنۈۋالغان بولسا كېرەك. مۇبادا ئۇ ئاۋۋال خەلقىمىز ئۈستىگە چۈشسە شۇنى ئاڭلىغان ھەركىم‫‪:‬‬ ئابشالومغا ئەگەشكەنلەر قىرغىنچىلىققا ئۇچراپتۇ، ــ دەيدۇ.
10ئۇ ۋاقىتتا ھەتتا شىر يۈرەك پالۋانلارنىڭ يۈرەكلىرىمۇ سۇ بولۇپ كېتىدۇ؛ چۈنكى پۈتكۈل ئىسرائىل ئاتاڭنىڭ باتۇر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭمۇ پالۋان ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
11شۇڭا مەسلىھەتىم شۇكى، پۈتكۈل ئىسرائىل داندىن تارتىپ بەئەر‫‪‎-‎‬‬شېباغىچە سېنىڭ قېشىڭغا تېز يىغىلسۇن (ئۇلار دېڭىزدىكى قۇملاردەك كۆپتۇر!). سەن ئۆزۈڭ ئۇلارنى باشلاپ جەڭگە چىققىن.
12بىز ئۇنى قەيەردە تاپساق، شەبنەم يەرگە چۈشكەندەك ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشەيلى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان كىشىلەردىن ھېچ كىممۇ قالمايدۇ.
13ئەگەر ئۇ بىر شەھەرگە كىرىۋالسىمۇ، پۈتكۈل ئىسرائىل شۇ يەرگە ئارغامچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، شەھەرنى ھەتتا ئۇنىڭدىكى كىچىك شېغىل‫‪‎-‎‬‬تاشلارنىمۇ قالدۇرماي سۆرەپ ئەكىلىپ، دەريا جىلغىسىغا تاشلىۋېتىمىز».
14ئابشالوم بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى‫‪:‬‬ ئاركىلىق ھۇشاينىڭ مەسلىھەتى ئاھىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىدىن ياخشى ئىكەن، دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئابشالومنىڭ بېشىغا بالا كەلسۇن دەپ، ئاھىتوفەلنىڭ ياخشى مەسلىھەتىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى بېكىتكەنىدى.
15ھۇشاي زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلارغا‫‪:‬‬ ئاھىتوفەلنىڭ ئابشالوم بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا بەرگەن مەسلىھەتى مۇنداق‫‪‎-‎‬‬مۇنداق، ئەمما مېنىڭ مەسلىھەتىم بولسا مۇنداق‫‪‎-‎‬‬مۇنداق؛
16ھازىر سىلەر دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ داۋۇتقا‫‪:‬‬ بۇ كېچىدە چۆلنىڭ كېچىكلىرىدە قونماي، بەلكى تېز ئۆتۈپ كېتىڭلار، بولمىسا پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە خەلق ھالاك بولۇشى مۇمكىن، دەپ يەتكۈزۈڭلار ــ دېدى.
17ئۇ ۋاقىتتا يوناتان بىلەن ئاخىمائاز ئەن‫‪‎-‎‬‬روگەلدە كۈتۈپ تۇراتتى؛ ئۇلار باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن شەھەرگە كىرمىدى؛ بىر دېدەكنىڭ چىقىپ ئۇلارغا خەۋەر بېرىشى بېكىتىلدى. ئۇلار بېرىپ داۋۇت پادىشاھقا خەۋەرنى يەتكۈزدى.
18لېكىن بىر ياش يىگىت ئۇلارنى كۆرۈپ قېلىپ، ئابشالومغا دەپ قويدى. ئەمما بۇ ئىككىيلەن ئىتتىك بېرىپ، باھۇرىمدىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردى. بۇ ئادەمنىڭ ھويلىسىدا قۇدۇق بار ئىدى؛ ئۇلار شۇنىڭغا چۈشۈپ يوشۇرۇندى.

19ئۇنىڭ ئايالى قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا ياپقۇچىنى يېپىپ ئۈستىگە سوقۇلغان بۇغداينى تۆكۈپ قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن ھېچ ئىش ئاشكارىلانمىدى.
20ئابشالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۆيگە كىرىپ ئايالنىڭ قېشىغا كېلىپ‫‪:‬‬ ئاخىمائاز بىلەن يوناتان قەيەردە؟ ــ دەپ سورىدى. ئايال‫‪:‬‬ ئۇلار ئېرىقتىن ئۆتۈپ كەتتى، دېدى. كەلگەنلەر ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالماي، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.
21ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، بۇ ئىككىيلەن قۇدۇقتىن چىقىپ، بېرىپ داۋۇت پادىشاھقا خەۋەر بەردى. ئۇلار داۋۇتقا‫‪:‬‬ قوپۇپ، سۇدىن ئۆتكىن؛ چۈنكى ئاھىتوفەل سېنى تۇتۇش ئۈچۈن شۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ، ــ دېدى.
22شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق خەلق قوزغىلىپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى؛ تاڭ ئاتقۇچە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمىگەن ھېچكىم قالمىدى.
23ئاھىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئېشىكىنى توقۇپ، ئۆز شەھىرىدىكى ئۆيىگە بېرىپ، ئۆيىدىكىلەرگە ۋەسىيەت تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئېسىلىپ ئۆلىۋالدى. ئۇ ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى.
24شۇ ئارىلىقتا داۋۇت ماھانائىمغا يېتىپ كەلگەنىدى، ئابشالوم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرىمۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بولغانىدى.
25ئابشالوم يوئابنىڭ ئورنىدا ئاماسانى قوشۇننىڭ ئۈستىگە سەردار قىلىپ قويدى. ئاماسا بولسا يىترا ئىسىملىك بىر ئىسرائىللىق كىشىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ كىشى ناھاشنىڭ قىزى ئابىگائىل بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانىدى. ناھاش يوئابنىڭ ئانىسى زەرۇئىيا بىلەن ئاچا‫‪‎-‎‬‬سىڭىل ئىدى.
26ئىسرائىل بىلەن ئابشالوم گىلېئادنىڭ زېمىنىدا بارگاھ تىكتى.
27داۋۇت ماھانائىمغا يېتىپ كەلگەندە، ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدىن بولغان ناھاشنىڭ ئوغلى شوبى بىلەن لو‫‪‎-‎‬‬دىبارلىق ئاممىئەلنىڭ ئوغلى ماكىر ۋە روگېلىمدىن بولغان گىلېئادلىق بارزىللاي دېگەنلەر
28يوتقان‫‪‎-‎‬‬كۆرپە، داس، قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچا، بۇغداي، ئارپا، ئۇن، قوماچ، پۇرچاق، قىزىل ماش، قۇرۇغان پۇرچاقلار،
29ھەسەل، قايماق ۋە قويلارنى كەلتۈرۈپ، كالا سۈتىدە قىلىنغان قۇرۇت‫‪‎-‎‬‬ئىرىمچىك قاتارلىقلارنى داۋۇت بىلەن خەلققە يېيىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدى، چۈنكى ئۇلار‫‪:‬‬ شۈبھىسىزكى، خەلق چۆلدە ھېرىپ‫‪‎-‎‬‬ئېچىپ، ئۇسساپ كەتكەندۇ، دەپ ئويلىغانىدى.