Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - سامۇئىل «2»

سامۇئىل «2» 13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابشالومنىڭ تامار دېگەن چىرايلىق بىر سىڭلىسى بار ئىدى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن، داۋۇتنىڭ ئوغلى ئامنون ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدى.
2ئامنون سىڭلىسى تامارنىڭ ئىشقىدا شۇنچە دەرد تارتتىكى، ئۇ كېسەل بولۇپ قالدى. ئەمما تامار تېخى قىز ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئامنونغا ئۇنى بىر ئىش قىلىش مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈندى.
3لېكىن ئامنوننىڭ يوناداب ئىسىملىك بىر دوستى بار ئىدى. ئۇ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمېئاھنىڭ ئوغلى ئىدى. بۇ يوناداب تولىمۇ ھىيلىگەر بىر كىشى ئىدى.
4ئۇ ئامنونغا‫‪:‬‬ سەن پادىشاھنىڭ ئوغلى تۇرۇپ، نېمىشقا كۈندىن كۈنگە بۇنداق جۈدەپ كېتىسەن؟ قېنى، ماڭا ئېيتىپ بەر، دېدى. ئامنون ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ مەن ئىنىم ئابشالومنىڭ سىڭلىسى تامارغا ئاشىق بولدۇم، دېدى.
5يوناداب ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ سەن ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ، يېتىپ قالغان بولۇۋال؛ ئاتاڭ سېنى كۆرگىلى كەلگەندە ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ سىڭلىم تامار كېلىپ ماڭا تاماق بەرسۇن؛ ئۇنىڭ تاماق ئەتكىنىنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن، ئالدىمدا تاماق ئېتىپ بەرسۇن، مەن ئۇنىڭ قولىدىن تاماق يەي، دەپ ئېيتقىن، دېدى.
6شۇنىڭ بىلەن ئامنون يېتىۋېلىپ ئۆزىنى كېسەل كۆرسەتتى. پادىشاھ ئۇنى كۆرگىلى كەلگەندە، ئامنون پادىشاھقا‫‪:‬‬ ئۆتۈنىمەن، سىڭلىم تامار بۇ يەرگە كېلىپ، ماڭا ئىككى قوتۇرماچ تەييار قىلىپ بەرسۇن، ئاندىن مەن ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ يەي، دېدى.
7شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئوردىسىغا ئادەم ئەۋەتىپ تامارغا‫‪:‬‬ سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ئاكاڭ ئامنوننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا يېگۈدەك بىر نېمە تەييارلاپ بەرگىن، دەپ ئېيتتى.
8تامار ئامنوننىڭ ئۆيىگە باردى؛ ئۇ ياتقانىدى. ئۇ ئۇن ئېلىپ يۇغۇرۇپ، قوتۇرماچلارنى كۆز ئالدىدا ئەتتى.
9ئاندىن ئۇ قوتۇرماچنى قازاندىن ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. لېكىن ئۇ يىگىلى ئۇنىمىدى؛ ئۇ‫‪:‬‬ ــ ھەممە ئادەم مېنىڭ قېشىمدىن چىقىپ كەتسۇن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشىلەر ئۇنىڭ قېشىدىن چىقىپ كەتتى.
10ئاندىن ئامنون تامارغا‫‪:‬‬ تائامنى ئىچكىرىكى ھۇجرىغا ئېلىپ كىرگىن، ئاندىن قولۇڭدىن ئېلىپ يەيمەن، ــ دېدى. تامار ئۆزى ئەتكەن قوتۇرماچنى ئىچكىرىكى ھۇجرىغا، ئاكىسى ئامنوننىڭ قېشىغا ئېلىپ كىردى.
11تامار ئۇلارنى ئۇنىڭغا يېگۈزۈپ قويماقچى بولۇۋىدى، ئۇ ئۇنى تۇتۇۋېلىپ‫‪:‬‬ ئى سىڭلىم، كەل! مەن بىلەن ياتقىن! دېدى.
12لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ياق، ئى ئاكا، مېنى نومۇسقا قويمىغىن! ئىسرائىلدا بۇنداق ئىش يوق! سەن بۇنداق پەسكەشلىك قىلمىغىن!
13مەن بۇ شەرمەندىچىلىكنى قانداقمۇ كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمەن؟! سەن بولساڭ ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىكى ئەخمەقلەردىن بولۇپ قالىسەن. ئۆتۈنۈپ قالاي، پەقەت پادىشاھقا دېسەڭلا، ئۇ مېنى ساڭا تەۋە بولۇشتىن توسىمايدۇ، ــ دېدى.
14لېكىن ئۇ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ ئۇنىڭدىن كۈچلۈك كېلىپ، ئۇنى زورلاپ ئاياغ ئاستى قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتتى.
15ئاندىن ئامنون ئۇنىڭغا ئىنتايىن قاتتىق نەپرەتلەندى؛ ئۇنىڭ ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتى ئۇنىڭغا بولغان ئەسلىدىكى مۇھەببىتىدىن زىيادە بولدى. ئامنون ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ قوپۇپ، يوقال! ــ دېدى.
16تامار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ياق! مېنى ھەيدىگەن گۇناھىڭ سەن ھېلى ماڭا قىلغان شۇ ئىشتىن بەتتەردۇر، دېدى. لېكىن ئامنون ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى،
17بەلكى خىزمىتىدىكى ياش يىگىتنى چاقىرىپ‫‪:‬‬ بۇ خوتۇننى ماڭا چاپلاشتۇرماي، سىرتقا چىقىرىۋەت، ئاندىن ئىشىكنى تاقاپ قوي، دېدى.
18تامار تولىمۇ رەڭدار بىر كۆڭلەك كىيگەنىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلىرى شۇنداق كىيىم كىيەتتى. ئامنوننىڭ خىزمەتكارى ئۇنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئىشىكنى تاقىۋالدى.

19تامار بېشىغا كۈل چېچىپ، كىيگەن رەڭدار كۆڭلىكىنى يىرتىپ، قولىنى بېشىغا قويۇپ يىغلىغان پېتى كېتىۋاتاتتى.
20ئاكىسى ئابشالوم ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ئاكاڭ ئامنون سەن بىلەن ياتتىمۇ؟ ھازىرچە جىم تۇرغىن، سىڭلىم. ئۇ سېنىڭ ئاكاڭ ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىشنى كۆڭلۈگگە ئالمىغىن، ــ دېدى. تامار ئاكىسى ئابشالومنىڭ ئۆيىدە كۆڭلى سۇنۇق ھالدا تۇرۇپ قالدى.
21داۋۇت پادىشاھمۇ بولغان بارلىق ئىشلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئاچچىقلاندى.
22ئابشالوم بولسا ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان ھېچ گەپ قىلمىدى. چۈنكى ئابشالوم سىڭلىسى تامارنى ئامنوننىڭ خورلىغانلىقىدىن ئۇنى ئۆچ كۆرەتتى.
23تولۇق ئىككى يىل ئۆتۈپ، ئەفرائىمغا يېقىن بائال‫‪‎-‎‬‬ھازوردا ئابشالومنىڭ قىرقىغۇچىلىرى قويلىرىنى قىرقىۋاتاتتى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى تەكلىپ قىلدى.
24ئابشالوم پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ‫‪:‬‬ مانا قۇللىرى قويلىرىنى قىرقىتىۋاتىدۇ، پادىشاھ ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ سىلىنىڭ قۇللىرى بىلەن بىللە بېرىشىنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى.
25پادىشاھ ئابشالومغا‫‪:‬‬ ياق، ئوغلۇم، بىز ھەممىمىز بارمايلى، ساڭا ئېغىرچىلىق چۈشۈپ قالمىسۇن، ــ دېدى. ئابشالوم شۇنچە دېسىمۇ، ئۇ بارغىلى ئۇنىمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا ئامەت تىلىدى.
26لېكىن ئابشالوم‫‪:‬‬ ئەگەر بېرىشقا ئۇنىمىسىلا، ئاكام ئامنوننى بىز بىلەن بارغىلى قويسىلا، ــ دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ نېمىشقا ئۇ سېنىڭ بىلەن بارىدۇ؟» ــ دەپ سورىدى.
27ئەمما ئابشالوم ئۇنى كۆپ زورلىغىنى ئۈچۈن ئۇ ئامنوننىڭ، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىشىغا قوشۇلدى.
28ئابشالوم ئۆز غۇلاملىرىغا بۇيرۇپ‫‪:‬‬ سەگەك تۇرۇڭلار، ئامنون شاراب ئىچىپ خۇش كەيپ بولغاندا، مەن سىلەرگە ئامنوننى ئۇرۇڭلار دېسەم، ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرۈڭلار. قورقماڭلار! بۇلارنى سىلەرگە بۇيرۇغۇچى مەن ئەمەسمۇ؟ جۈرئەتلىك بولۇپ باتۇرلۇق كۆرسىتىڭلار ــ دېدى.
29شۇنىڭ بىلەن ئابشالومنىڭ غۇلاملىرى ئامنونغا ئابشالوم ئۆزى بۇيرۇغاندەك قىلدى. شۇئان پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى قوپۇپ، ھەر بىرى ئۆز قېچىرىغا مىنىپ قاچتى.
30شۇنداق بولدىكى، ئۇلار تېخى يولدا قېچىپ كېتىۋاتقاندا، «ئابشالوم پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈردى. ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى قالمىدى» دېگەن خەۋەر داۋۇتقا يەتكۈزۈلدى.
31پادىشاھ قوپۇپ كىيىملىرىنى يىرتىپ يەردە دۈم ياتتى؛ ئۇنىڭ ھەممە قۇل‫‪‎-‎‬‬خىزمەتكارلىرى بولسا كىيىملىرى يىرتىق ھالدا يېنىدا تۇراتتى.
32ئەمما داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمېئاھنىڭ ئوغلى يوناداب ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ غوجام، ئۇلار پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى بولغان ھەممە يىگىتلەرنى ئۆلتۈردى، دەپ خىيال قىلمىسىلا. چۈنكى پەقەت ئامنون ئۆلدى؛ ئۇ ئىش ئامنوننىڭ ئابشالومنىڭ سىڭلىسى تامارنى خار قىلغان كۈندىن باشلاپ ئابشالومنىڭ ئاغزىدىن چىقارمىغان نىيىتى ئىدى.
33ئەمدى غوجام پادىشاھ «پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى ئۆلدى» دېگەن ئويدا بولۇپ كۆڭۈللىرىنى بىئارام قىلمىسىلا. چۈنكى پەقەت ئامنونلا ئۆلدى ــ دېدى.
34ئابشالوم بولسا قېچىپ كەتكەنىدى. يېرۇسالېمدىكى كۆزەتچى غۇلام قارىۋىدى، مانا، غەرب تەرىپىدىن تاغنىڭ يېنىدىكى يول بىلەن نۇرغۇن ئادەملەر كېلىۋاتاتتى.
35يوناداب پادىشاھقا‫‪:‬‬ مانا، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى كەلدى. دەل قۇللىرى دېگەندەك بولدى ــ دېدى.
36سۆزىنى تۈگىتىپ تۇرىۋىدى، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ قاتتىق يىغا‫‪‎-‎‬‬زار قىلدى. پادىشاھ بىلەن خىزمەتكارلىرىمۇ قاتتىق يىغلاشتى.

37لېكىن ئابشالوم بولسا گەشۇرنىڭ پادىشاھى، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى تالماينىڭ قېشىغا باردى. داۋۇت ئوغلى ئۈچۈن ھەر كۈنى ھازا تۇتۇپ قايغۇردى.
38ئابشالوم قېچىپ، گەشۇرغا بېرىپ ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇردى.
39داۋۇت پادىشاھنىڭ قەلبى ئابشالومنىڭ يېنىغا بېرىشقا ئىنتىزار بولدى؛ چۈنكى ئۇ ئامنونغا نىسبەتەن تەسەللى تاپقانىدى، چۈنكى ئۇ ئۆلگەنىدى.