Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - سامۇئىل «2»

سامۇئىل «2» 5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاندىن كېيىن ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ھېبرونغا داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ‫‪:‬‬ قارىسىلا، بىز ئۆزلىرىنىڭ ئەت‫‪‎-‎‬‬سۆڭەكلىرىدۇرمىز!
2بۇرۇن سائۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سەلتەنەت قىلغاندىمۇ ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ‫‪‎-‎‬‬كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا؛ پەرۋەردىگار سىلىگە‫‪:‬‬ سەن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولۇپ، ئۇلارنى باقىسەن، ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن، دېگەنىدى ــ دېدى.  
3شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ھېبرونغا پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى؛ داۋۇت پادىشاھ ھېبروندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزۈشتى. ئاندىن ئۇلار داۋۇتنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدى.
4داۋۇت پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز ياشقا كىرگەن بولۇپ، قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى.
5ئۇ ھېبروندا يەھۇدانىڭ ئۈستىدە يەتتە يىل ئالتە ئاي سەلتەنەت قىلىپ، يېرۇسالېمدا پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىدە ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى.
6پادىشاھ ئۆز ئادەملىرى بىلەن يېرۇسالېمغا چىقىپ، شۇ زېمىندا تۇرغان يەبۇسىيلار بىلەن جەڭ قىلغىلى باردى. ئۇلار داۋۇتقا‫‪:‬‬ سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، بەلكى ھەتتا كورلار بىلەن ئاقساقلار سېنى چېكىندۈرىدۇ! ــ دېدى. چۈنكى ئۇلار‫‪:‬‬ «داۋۇت بۇ يەرگە قەتئىي كىرەلمەيدۇ»، دەپ ئويلايتتى.
7لېكىن داۋۇت زىئون قورغىنىنى ئالدى (بۇ يەر داۋۇتنىڭ شەھىرى دەپ ئاتىلىدۇ).
8داۋۇت ئۇ كۈنى‫‪:‬‬ كىمكى يەبۇسىيلارنى ئۇراي دېسە سۈڭگۈچ بىلەن چىقىشى كېرەك، ئاندىن ئۇ داۋۇت قىن‫‪‎-‎‬‬قىنىدىن ئۆچ كۆرىدىغان بۇ كور، ئاقساقلار بىلەن ھېسابلىشالايدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن «كورلار يا ئاقساقلار ئۆيگە كىرمىسۇن» دەيدىغان ماقال پەيدا بولدى.  
9شۇنداق قىلىپ داۋۇت قورغاندا تۇردى ۋە ئۇ يەرنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت شەھەرنىڭ ئەتراپىغا مىللودىن تارتىپ ئىچ تەرەپكىچە ئىمارەت سالدى.
10داۋۇت بارغانسېرى قۇدرەت تاپتى؛ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى.
11تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام داۋۇتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن قوشۇپ، كېدىر ياغاچلىرى، ياغاچچىلار ۋە تاشچىلارنى ئەۋەتتى؛ ئۇلار داۋۇت ئۈچۈن بىر ئوردا ياساپ بەردى.
12داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلغا پادىشاھ تىكلەپ، ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلىپ يەتتى.
13داۋۇت ھېبروندىن كەلگەندىن كېيىن يېرۇسالېمدىن يەنە ئاياللارنى ۋە كېنىزەكلەرنى ئالدى؛ شۇنىڭ بىلەن داۋۇتقا يەنە كۆپ ئوغۇل‫‪‎-‎‬‬قىزلار تۇغۇلدى.
14يېرۇسالېمدا ئۇنىڭدىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئىسىملىرى مانا مۇنداق ئىدى‫‪:‬‬ شاممۇئا، شوباب، ناتان، سۇلايمان،
15ئىبھار، ئېلىشۇئا، نەفەگ، يافىيا،
16ئېلىشاما، ئېلىئادا ۋە ئېلىفەلەت.
17فىلىستىيلەر داۋۇتنىڭ ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلەنگىنىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار ھەممىسى داۋۇتنى تۇتقىلى چىقتى، داۋۇت بۇنى ئاڭلاپلا، قورغانغا چۈشتى.
18فىلىستىيلەر كېلىپ «رەفايىم جىلغىسى»دا يېيىلىپ تۇردى؛

19داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ‫‪:‬‬ فىلىستىيلەرگە قارشى ئاتلىنايمۇ؟ ئۇلارنى قولۇمغا تاپشۇرارسەنمۇ؟ ــ دېدى. پەرۋەردىگار داۋۇتقا‫‪:‬‬ چىققىن! چۈنكى، مەن فىلىستىيلەرنى جەزمەن قولۇڭغا تاپشۇرىمەن ــ دېدى.
20ئۇ ۋاقىتتا داۋۇت بائال‫‪‎-‎‬‬پەرازىمغا باردى. ئۇ يەردە داۋۇت ئۇلارنى تارمار قىلدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ «پەرۋەردىگار مېنىڭ ئالدىمدا دۈشمەنلىرىم ئۈستىگە خۇددى كەلكۈن يارنى ئېلىپ كەتكەندەك بۆسۈپ كىردى» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرنى «بائال‫‪‎-‎‬‬پەرازىم» دەپ ئاتىدى.   
21فىلىستىيلەر ئۇ يەردە ئۆز مەبۇدلىرىنى تاشلاپ كەتتى؛ داۋۇت بىلەن ئادەملىرى ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى.
22ئەمدى فىلىستىيلەر يەنە چىقىپ «رەفايىم جىلغىسى»دا يېيىلىپ تۇردى.
23داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سورىدى. پەرۋەردىگار‫‪:‬‬ سەن ئۇ يەرگە چىقماي، بەلكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىن ھۇجۇم قىلغىن ــ دېدى،
24شۇنداق بولىدۇكى، سەن ئۈجمە دەرەخلىكىنىڭ ئۈستىدىن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا دەرھال ئاتلان؛ چۈنكى شۇ تاپتا پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇمغا چىققان بولىدۇ، ــ دېدى.
25داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئەمر قىلغىنىدەك قىلىپ، فىلىستىيلەرنى گىبېئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ قىردى.