1بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئابشالوم ئۆزىگە جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئاتلارنى تەييارلاتتى ھەم ئۆز ئالدىدا يۈگۈرىدىغان ئەللىك ئەسكەرنى بېكىتتى.
2ئابشالوم تاڭ سەھەردە قوپۇپ، دەرۋازىغا بارىدىغان يولنىڭ يېنىدا تۇراتتى. قاچان بىرسى دەۋايىمنى كەسسۇن دەپ، پادىشاھقا ئەرز تۇتقىلى كەلسە، ئابشالوم ئۇنى چاقىرىپ: سەن قايسى شەھەردىن كەلدىڭ، ــ دەپ سورايتتى. ئۇ كىشى: قۇلۇڭ ئىسرائىلنىڭ پالانچى قەبىلىسىدىن كەلدى، دېسە،
3ئابشالوم ئۇنىڭغا: مانا، دەۋايىڭلار دۇرۇس ۋە ھەق ئىكەن، لېكىن پادىشاھ تەرىپىدىن ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئەرزىڭنى ئاڭلاشقا قويۇلغان ئادەم يوق، دەيتتى.
4ئاندىن ئابشالوم يەنە: كاشكى، مەن زېمىندا سوراقچى قىلىنسامىدى، ھەر كىمنىڭ ئەرزى ياكى دەۋايى بولۇپ، مېنىڭ قېشىمغا كەلسە، ئۇنىڭغا ئادالەت كۆرسىتەتتىم! ــ دەيتتى.
5بىركىم ئۇنىڭغا تەزىم قىلغىلى ئالدىغا بارسا، ئابشالوم قولىنى ئۇزۇتۇپ، ئۇنى تۇتۇپ سۆيەتتى.
6ئابشالوم شۇنداق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا كەلگەن ئىسرائىلنىڭ ھەربىر ئادەملىرىنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۇتۇۋالاتتى.
7تۆت يىل ئۆتكەندە، ئابشالوم پادىشاھقا: مېنىڭ ھېبروندا پەرۋەردىگارغا ئىچكەن قەسىمىمنى ئادا قىلىشىم ئۈچۈن، شۇ يەرگە بېرىشقا ئىجازەت بەرسەڭ؛
8چۈنكى قۇلۇڭ سۇرىيەدىكى گەشۇردا تۇرغىنىمدا قەسەم ئىچىپ: ئەگەر پەرۋەردىگار مېنى يېرۇسالېمغا قايتۇرسا، مەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىمەن، دەپ ئېيتقانىدى، ــ دېدى.
9پادىشاھ ئۇنىڭغا: تىنچ-ئامان بېرىپ كەلگىن، دېۋىدى، ئۇ قوزغىلىپ ھېبرونغا كەتتى.
10لېكىن ئابشالوم ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىگە مەخپىي ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا: «ئابشالوم ھېبروندا پادىشاھ بولدى!» دەپ ئېلان قىلىڭلار، دېدى.
11ئەمدى ئىككى يۈز ئادەم تەكلىپ بىلەن ئابشالوم بىلەن بىرگە يېرۇسالېمدىن بارغانىدى. ئۇلار ھەقىقىي ئەھۋالدىن بىخەۋەر بولغاچقا، ساددىلىق بىلەن بارغانىدى.
12ئابشالوم قۇربانلىق ئۆتكۈزگەندە، ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان گىلوھلۇق ئاھىتوفەلنى ئۆز شەھىرى گىلوھدىن ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن قەست بارغانسېرى كۈچەيدى، ئابشالومغا ئەگەشكەنلەر بارغانسېرى كۆپۈيۈۋاتاتتى.
13داۋۇتقا بىر خەۋەرچى كېلىپ: ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنىڭ كۆڭۈللىرى ئابشالومغا مايىل بولدى، ــ دېدى.
14شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يېرۇسالېمدا ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە قۇل-خىزمەتكارلىرىغا: قوپۇپ قاچايلى! بولمىسا، ئابشالومدىن قۇتۇلالمايمىز. ئىتتىك كېتەيلى؛ بولمىسا، ئۇ تۇيۇقسىز ئۈستىمىزگە بېسىپ كېلىپ، بىزگە بالا كەلتۈرۈپ شەھەر خەلقىنى قىلىچ بىسى بىلەن ئۇرىدۇ، دېدى.
15پادىشاھنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى پادىشاھقا: غوجام پادىشاھ نېمە بېكىتسە، شۇنى قىلىمىز، دېدى.
16شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، چىقىپ كەتتى؛ ئەمما پادىشاھ كېنىزەكلىرىدىن ئوننى ئوردىغا قاراشقا قويدى.
17پادىشاھ چىقىپ كەتكەندە ھەممە خەلق ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ ئۇلار بەيت-مەرھاكتا تۇرۇپ قالدى.
18ھەممە خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىدرون ئېقىنىدىن ئۆتۈۋاتاتتى؛ بارلىق كەرەتىيلەر، بارلىق پەلەتىيلەر، بارلىق گاتلىقلار، يەنى گات شەھىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈز ئادەم پادىشاھنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى.
19پادىشاھ گاتلىق ئىتتايغا: سەن نېمىشقا بىز بىلەن بارىسەن؟ يېنىپ بېرىپ پادىشاھنىڭ قېشىدا تۇرغىن؛ چۈنكى سەن ئۆز يۇرتۇڭدىن مۇساپىر بولۇپ پالانغانسەن.
20سەن پەقەت تۈنۈگۈنلا كەلدىڭ، مەن بۈگۈن قانداقسىگە سېنى ئۆزۈم بىلەن بىللە سەرسان قىلاي؟ مەن بولسام، نەگە بارالىسام، شۇ يەرگە بارىمەن. قېرىنداشلىرىڭنى ئېلىپ يېنىپ كەتكىن؛ خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ساڭا يار بولغاي! ــ دېدى.
21لېكىن ئىتتاي پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن ۋە غوجام پادىشاھنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەيلى ھايات ياكى مامات بولسۇن، غوجام پادىشاھ قەيەردە بولسا، قۇلۇڭ شۇ يەردىمۇ بولىدۇ! ــ دېدى.
22داۋۇت ئىتتايغا: ئەمدى سەنمۇ بېرىپ ئېقىندىن ئۆتكىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن گاتلىق ئىتتاي ھەممە ئادەملىرى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ماڭغان بارلىق بالا-چاقىلىرى ئۆتۈپ كەتتى.
23ھەممە خەلق ئۆتۈۋاتقاندا، پۈتكۈل شۇ يۇرتتىكىلەر قاتتىق ئاۋاز بىلەن يىغلىدى. پادىشاھ ئۆزىمۇ كىدرون ئېقىنىدىن ئۆتكەندە، بارلىق خەلق چۆللۈك تەرىپىگە قاراپ يول ئالدى.
24ۋە مانا، زادوك بىلەن لاۋىيلارمۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ بىللە كەلدى؛ ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەردە قويدى. بارلىق خەلق شەھەردىن چىقىپ ئۆتكۈچە ئابىياتار بولسا، قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ تۇراتتى.
25پادىشاھ زادوكقا: خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى شەھەرگە ياندۇرۇپ ئېلىپ كىرگىن. مەن ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ كۆزلىرىدە ئىلتىپات تاپسام، ئۇ چوقۇم مېنى ياندۇرۇپ كېلىدۇ ۋە ئۇ ماڭا ئەھدە ساندۇقىنى ۋە ئۆز ماكانىنى يەنە كۆرگۈزىدۇ؛
26لېكىن ئۇ مېنىڭ توغرامدا: سەندىن خۇرسەنلىكىم يوق، دېسە، مانا مەن؛ ئۇ مېنى قانداق قىلىشنى لايىق كۆرسە، شۇنداق قىلسۇن، ــ دېدى.
27پادىشاھ كاھىن زادوكقا: سەن ئالدىن كۆرگۈچى ئەمەسمۇ؟ سەن ۋە ئۆز ئوغلۇڭ ئاخىمائاز ۋە ئابىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان، يەنى ئىككىڭلارنىڭ ئىككى ئوغلۇڭلار ساڭا ھەمراھ بولۇپ تىنچ-ئامان شەھەرگە قايتقىن.
28مانا، مەن سىلەردىن خەۋەر كەلگۈچە چۆلدىكى ئۆتكەللەردە كۈتۈپ تۇراي، ــ دېدى.
29شۇنىڭ بىلەن زادوك بىلەن ئابىياتار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇ يەردە قالدى.
30لېكىن داۋۇت زەيتۇن تېغىغا چىققاندا، بېشىنى يېپىپ يالاڭ ئاياغ بولۇپ يىغلاۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە خەلقنىڭ ھەربىرى بېشىنى يېپىپ يىغلاپ چىقىۋاتاتتى.
31بىرسى كېلىپ داۋۇتقا: ئاھىتوفەلمۇ ئابشالومنىڭ قەستىگە قاتناشقانلار ئىچىدە ئىكەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت دۇئا قىلىپ: ئى پەرۋەردىگار، ئاھىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىنى ئەخمەقانىلىككە ئايلاندۇرغايسەن، دېدى.
32داۋۇت تاغنىڭ چوققىسىغا، يەنى ئادەتتە ئۇ مەخسۇس خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان جايغا يەتكەندە، ئاركىلىق ھۇشاي تونى يىرتىق، بېشىغا توپا-چاڭ چېچىلغان ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.
33داۋۇت ئۇنىڭغا: مېنىڭ بىلەن بارساڭ، ماڭا يۈك بولۇپ قالىسەن؛
34لېكىن شەھەرگە قايتىپ بېرىپ ئابشالومغا: ئى پادىشاھ، مەن بۈگۈنگە قەدەر ئاتاڭنىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغاندەك، ئەمدى سېنىڭ قۇل-خىزمەتكارىڭ بولاي، دىسەڭ، سەن مەن ئۈچۈن ئاھىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىنى بىكار قىلىۋېتەلەيسەن.
35مانا زادوك ۋە ئابىياتار دېگەن كاھىنلارمۇ شۇ يەردە سەن بىلەن بىللە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن نېمە ئاڭلىساڭ، زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلارغا ئېيتقىن.
36مانا، ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز بىلەن ئابىياتارنىڭ ئوغلى يوناتانمۇ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. ھەرنېمە ئاڭلىساڭ، ئۇلار ئارقىلىق ماڭا خەۋەر يەتكۈزگىن ــ دېدى.
37شۇنىڭ بىلەن داۋۇتنىڭ دوستى ھۇشاي شەھەرگە باردى؛ ئابشالوممۇ دەل شۇ چاغدا يېرۇسالېمغا كىردى.