Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - سامۇئىل «2»

سامۇئىل «2» 11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شۇنداق بولدىكى، يېڭى يىلنىڭ بېشىدا، پادىشاھلار جەڭگە ئاتلانغان ۋاقىتتا داۋۇت يوئابنى ئادەملىرى بىلەن ھەمدە ھەممە ئىسرائىلنى جەڭگە ماڭدۇردى؛ ئۇلار ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىپ، رابباھ شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. لېكىن داۋۇت يېرۇسالېمدا قالدى.   
2بىر كۈنى كەچتە داۋۇت كارىۋاتتىن قوپۇپ، پادىشاھ ئوردىسىنىڭ ئۆگىزىسىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى؛ ئۆگزىدىن ئۇ مۇنچىدا يۇيۇنىۋاتقان بىر ئايالنى كۆردى. بۇ ئايال بەك چىرايلىق ئىدى.
3داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئايالنىڭ خەۋىرىنى سورىدى؛ بىرسى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بۇ ئېلىئامنىڭ قىزى، ھىتتىي ئۇرىيانىڭ ئايالى بات‫‪‎-‎‬‬شېبا ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى
4داۋۇت كىشى ئەۋەتىپ، ئۇنى قېشىغا ئەكەلتۈردى (ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئادەتتىن پاكلىنىۋاتقانىدى). ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەندە، داۋۇت ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى؛ ئاندىن ئۇ ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى.  
5شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ھامىلىدار بولدى، ھەم داۋۇتقا‫‪:‬‬ مېنىڭ بويۇمدا قاپتۇ، دەپ خەۋەر ئەۋەتتى.
6شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يوئابقا خەۋەر يەتكۈزۈپ‫‪:‬‬ ھىتتىي ئۇرىيانى مېنىڭ قېشىمغا ئەۋەتىڭلار، دېدى. يوئاب ئۇرىيانى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى.
7ئۇرىيا داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇ يوئابنىڭ ھالىنى، خەلقنىڭ ھالىنى ۋە جەڭ ئەھۋالىنى سورىدى.
8ئاندىن داۋۇت ئۇرىياغا‫‪:‬‬ ئۆز ئۆيۈڭگە بېرىپ پۇتلىرىڭنى يۇغىن، دېدى. ئۇرىيا پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن چىققاندا، پادىشاھ كەينىدىن ئۇنىڭغا بىر سوۋغا ئەۋەتتى.
9لېكىن ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بارماي، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ دەرۋازىسىدا، غوجىسىنىڭ باشقا قۇل‫‪‎-‎‬‬خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا ياتتى.
10ئۇلار داۋۇتقا‫‪:‬‬ ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بارمىدى، دەپ خەۋەر بەردى. داۋۇت ئۇرىيادىن‫‪:‬‬ سەن يىراق سەپەردىن كەلدىڭ ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا ئۆز ئۆيۈڭگە كەتمىدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى.
11ئۇرىيا داۋۇتقا‫‪:‬‬ مانا، ئەھدە ساندۇقى، ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار بولسا كەپىلەردە تۇرۇپ، غوجام يوئاب بىلەن غوجامنىڭ خىزمەتكارلىرى ئوچۇق دالادا چېدىر تىكىپ يېتىۋاتسا، مەن يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ، ئايالىم بىلەن يېتىشقا ئۆيۈمگە بارايمۇ؟ سېنىڭ جېنىڭ بىلەن ۋە ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنداق ئىشنى قىلمايمەن ــ دېدى.
12داۋۇت ئۇرىياغا‫‪:‬‬ بۈگۈن بۇ يەردە قالغىن، ئەتە سېنى كەتكۈزۋېتىمەن، ــ دېدى. ئۇرىيا ئۇ كۈنى ۋە ئەتىسى يېرۇسالېمدا قالدى.
13داۋۇت ئۇنى چاقىرىپ ھەمداستىخان قىلىپ، يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچكۈزۈپ مەست قىلدى. لېكىن شۇ كېچىسى ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بارماي، چىقىپ غوجىسىنىڭ قۇل‫‪‎-‎‬‬خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆز كارىۋىتىدا ئۇخلىدى.
14ئەتىسى داۋۇت يوئابقا خەت يېزىپ، ئۇرىيانىڭ ئالغاچ كېتىشىگە بەردى.
15خەتتە ئۇ‫‪:‬‬ ئۇرىيانى سوقۇش ئەڭ كەسكىن بولىدىغان ئالدىنقى سەپتە تۇرغۇزغىن، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن چېكىنىپ تۇرۇڭلار، دەپ يازغانىدى.
16شۇنىڭ بىلەن يوئاب شەھەرنى كۆزىتىپ، ئۇرىيانى پالۋانلار كەسكىن سوقۇشقان يەرگە ماڭدۇردى.
17شەھەردىكى ئادەملەر چىقىپ، يوئاب بىلەن سوقۇشقاندا خەلقتىن، يەنى داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن بىرنەچچىسى يىقىلدى؛ ئۇرىيامۇ ئۆلدى.
18يوئاب ئادەم ئەۋەتىپ جەڭنىڭ ھەممە ۋەقەلىرىدىن داۋۇتقا خەۋەر بەردى.

19ئۇ خەۋەرچىگە مۇنداق تاپىلىدى‫‪:‬‬ پادىشاھقا جەڭنىڭ ھەممە ۋەقەلىرىنى دەپ بولغىنىڭدا،
20ئەگەر پادىشاھ غەزەپلىنىپ سېنىڭدىن‫‪:‬‬ سوقۇشقاندا نېمىشقا شەھەر سېپىلىغا شۇنداق يېقىن باردىڭلار؟ ئۇلارنىڭ سېپىلىدىن يا ئاتىدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟
21يەرۇببەشەتنىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى كىم ئۆلتۈرگىنىنى بىلمەمسەن؟ بىر خوتۇن سېپىلدىن ئۇنىڭغا بىر پارچە يارغۇنچاق تېشىنى ئېتىپ، ئۇ تەبەز شەھىرىدە ئۆلمىدىمۇ؟ نېمىشقا سېپىلغا ئۇنداق يېقىن باردىڭلار؟ ــ دېسە، سەن‫‪:‬‬ سىلىنىڭ قۇللىرى ھىتتىي ئۇرىيامۇ ئۆلدى، دەپ ئېيتقىن ــ دېدى.  
22خەۋەرچى بېرىپ يوئاب ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ ئەۋەتكەن خەۋەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتقا دەپ بەردى.
23خەۋەرچى داۋۇتقا‫‪:‬‬ دۈشمەنلەر بىزدىن كۈچلۈك كېلىپ، دالادا بىزگە ھۇجۇم قىلدى؛ لېكىن بىز ئۇلارغا زەربە بېرىپ چېكىندۈرۈپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغىچە قوغلىدۇق.
24ئاندىن يا ئاتقۇچىلار سېپىلدىن قۇل‫‪‎-‎‬‬خىزمەتكارلىرىڭغا يا ئېتىپ، پادىشاھنىڭ قۇل‫‪‎-‎‬‬خىزمەتكارلىرىدىن بىرنەچچىنى ئۆلتۈردى. قۇللىرى ئۇرىيامۇ ئۆلدى ــ دېدى.
25داۋۇت خەۋەرچىگە‫‪:‬‬ يوئابقا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ بۇ ئىش نەزىرىڭدە ئېغىر بولمىسۇن، قىلىچ يا ئۇنى يا بۇنى يەيدۇ؛ شەھەرگە بولغان ھۇجۇمىڭلارنى قاتتىق قىلىپ، ئۇنى غۇلىتىڭلار، دەپ ئېيتىپ ئۇنى جۈرئەتلەندۈرگىن ــ دېدى.
26ئۇرىيانىڭ ئايالى ئېرى ئۇرىيانىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلاپ، ئېرى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى.
27ماتەم كۈنلىرى ئۆتكەندە داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى ئوردىسىغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ داۋۇتنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغدى. لېكىن داۋۇتنىڭ قىلغان ئىشى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئىدى.