Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار - باتۇر ھاكىملار 6

باتۇر ھاكىملار 6:36-40

Help us?
Click on verse(s) to share them!
36گىدېئون خۇداغا‫‪:‬‬ ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن ئېيتقىنىڭدەك مېنىڭ قولۇم بىلەن ئىسرائىلنى قۇتقۇزىدىغان بولساڭ،
37ئۇنداقتا مانا، مەن خامانغا بىر پارچە قوي تېرىسى قويۇپ قويىمەن؛ ئەگەر پەقەت تېرىنىڭ ئۈستىگىلا شەبنەم چۈشۈپ، چۆرىسىدىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق تۇرسا، مەن ئۆزۈڭ ئېيتقىنىڭدەك مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ئىسرائىلنى قۇتقۇزماقچى بولغىنىڭنى بىلىمەن، ــ دېدى.
38ئىش دەرۋەقە شۇنداق بولدى. ئەتىسى سەھەردە گىدېئون قوپۇپ، يۇڭنى سىقىۋىدى، لىق بىر پىيالە شەبنەم سۈيى چىقتى.
39ئاندىن گىدېئون خۇداغا يەنە‫‪:‬‬ غەزىپىڭنى ماڭا قوزغىمىغايسەن، مەن پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا دەيمەن! سەندىن ئۆتۈنەي، مەن پەقەت يەنە بۇ قېتىم بۇ تېرە بىلەن سىناپ باقاي؛ ئىلتىجا قىلىمەنكى، ئەمدى بۇ قېتىم پەقەت تېرە قۇرۇق بولۇپ، چۆرىسىدىكى يەرنىڭ ھەممىسىگە شەبنەم چۈشكەي، ــ دېدى.
40بۇ كېچىسىمۇ خۇدا شۇنداق قىلدى؛ دەرۋەقە پەقەت تېرىلا قۇرۇق بولۇپ، چۆرىسىدىكى يەرنىڭ ھەممىسىگە شەبنەم چۈشكەنىدى.

Read باتۇر ھاكىملار 6باتۇر ھاكىملار 6
Compare باتۇر ھاكىملار 6:36-40باتۇر ھاكىملار 6:36-40