Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئاموس

ئاموس 5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئى ئىسرائىل جەمەتى، بۇ سۆزنى، يەنى مەن سەن توغرۇلۇق ئوقۇيدىغان بىر مەرسىيەنى ئاڭلاپ قوي‫‪:‬‬ ــ
2«پاك قىز ئىسرائىل يىقىلدى؛ ئۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرمايدۇ؛ ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا تاشلانغان، ئۇنى تۇرغۇزۇپ يۆلىگۈچى يوقتۇر».
3چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ ئىسرائىلنىڭ مىڭ لەشكەر چىققان بىر شەھىرىنىڭ يۈز لەشكىرىلا تىرىك قالىدۇ؛ يۈز لەشكەر چىققان بىر شەھىرىنىڭ ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن ئون لەشكىرىلا تىرىك قالىدۇ؛
4چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ مېنى ئىزدەڭلار، ھاياتقا ئېرىشىسىلەر؛
5بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلنى ئىزدىمەڭلار، گىلگالغىمۇ بارماڭلار، بەئەر‫‪‎-‎‬‬شېباغا سەپەر قىلماڭلار؛ چۈنكى گىلگال ئەسىرگە ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنماي قالمايدۇ، بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەل يوققا چىقىدۇ.  
6پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ھاياتقا ئېرىشىسىلەر؛ بولمىسا ئۇ يۈسۈپ جەمەتى ئىچىدە ئوت كەبى پارتلاپ، ئۇنى يەپ كېتىدۇ، ھەم بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلدە ئوتنى ئۆچۈرگۈدەك ئادەم تېپىلمايدۇ.
7ئى ئادالەتنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغۇچى، ھەققانىيلىقنى يەرگە تاشلىغۇچىلار،
8سىلەر ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەلب يۇلتۇز توپىنى ياراتقۇچى، ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرغۇچى، كۈندۈزنى قاراڭغۇلۇق بىلەن كېچىگە ئايلاندۇرغۇچى، دېڭىزدىكى سۇلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە قۇيغۇچىنى ئىزدەڭلار؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر.
9ئۇ باتۇرلار ئۈستىگە تۇيۇقسىز ھالاكەتنى پارتلىتىدۇ، ئىستىھكام ئۈستىگە ھالاكەت چۈشۈرىدۇ.
10شۇ ئىسرائىللار شەھەر دەرۋازىسىدا تەنبىھ بېرىدىغانلارغا ئۆچ، دۇرۇس سۆزلەيدىغانلاردىن يىرگىنىدۇ.
11ئەمدى سىلەر نامراتلارنى ئېزىپ، ئۇلاردىن بۇغداي «ھەدىيە»لەرنى ئالدىڭلار! ئويۇلغان تاشلاردىن ئۆيلەرنى سالدىڭلار، بىراق ئۇلاردا تۇرمايسىلەر؛ سىلەر گۈزەل ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلغانسىلەر، بىراق ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيسىلەر.  
12چۈنكى سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلارنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن؛ ئۇلار ھەققانىي ئادەمنى ئېزىدۇ، ئۇلار پارا يەيدۇ، شەھەر دەرۋازىسىدا مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى قايرىۋالىدۇ.
13شۇڭا بۇنداق دەۋردە «پەملىك ئادەم» سۈكۈت قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ رەزىل بىر دەۋردۇر.
14ھايات ياشاش ئۈچۈن يامانلىقنى ئەمەس، مېھرىبانلىق‫‪‎-‎‬‬ياخشىلىقنى ئىزدەڭلار؛ شۇنداق بولغاندا سىلەر دېگىنىڭلاردەك، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ.
15يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار، مېھرىبانلىق‫‪‎-‎‬‬ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدا ئادالەتنى ئورنىتىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا بەلكىم يۈسۈپنىڭ قالدىسىغا شاپائەت كۆرسىتەر.  
16شۇڭا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا رەب مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «بارلىق كەڭ رەستە‫‪‎-‎‬‬بازارلاردا ئاھ‫‪‎-‎‬‬زارلار ئاڭلىنىدۇ؛ ئۇلار ھەممە كوچىلاردا «ۋاي... ۋاي!...» دەپ ئاۋازىنى كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار دېھقانلارنىمۇ ماتەم تۇتۇشقا، ئاھ‫‪‎-‎‬‬زارلار كۆتۈرگۈچى «ئۇستىلار»نى يىغلاشقا چاقىرىدۇ.
17ھەم بارلىق ئۈزۈمزارلاردىمۇ ئاھ‫‪‎-‎‬‬زارلار كۆتۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۆزۈم ئاراڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
18پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىگە تەقەززار بولغان سىلەرگە ۋاي! پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى سىلەرگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرەر؟ ئۇ يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ.  

19ئۇ كۈنى بىرسى شىردىن قېچىپ، ئېيىققا ئۇچراپ، ئاندىن ئۆيىگە كىرىپ، قولى بىلەن تامغا يۆلەنگەندە، يىلان ئۇنى چاققاندەك بىر ئىش بولىدۇ!
20پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقلا ئېلىپ كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭدا پەقەت قاراڭغۇلۇقلا بولۇپ، يورۇقلۇق ھېچ بولمايدىغۇ؟!
21ھېيتلىرىڭلارغا نەپرەتلىنىمەن، ئۇلاردىن بىزار بولدۇم، ئىبادەت سورۇنلىرىڭلارنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغۇم يوق.
22چۈنكى سىلەر ماڭا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ھەم «ئاش ھەدىيە»لىرىڭلارنى سۇنۇپ ئاتىساڭلارمۇ، مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن؛ سىلەرنىڭ بورداق ماللىرىڭلار بىلەن قىلغان «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلار»غا قارىمايمەن.
23مەندىن مۇناجاتلىرىڭلارنىڭ سادالىرىنى ئېپكېتىڭلار، چىلتارلىرىڭلارنىڭ كۈيلىرىنى ئاڭلىمايمەن؛
24بۇنىڭ ئورنىدا ئادالەت خۇددى شارقىراتمىدەك، ھەققانىيلىق ئەبەدىي ئاقىدىغان ئېقىمدەك دولقۇنلىسۇن!
25سىلەر چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندىكى قىرىق يىلدا قىلغان قۇربانلىق‫‪‎-‎‬‬ھەدىيىلەرنى ماڭا ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟!  
26بەرھەق، سىلەر «سۇككوت» دېگەن پادىشاھىڭلار، ھەم «قىئۇن» دېگەن بۇتلىرىڭلارنى، يەنى «يۇلتۇز ئىلاھى»ڭلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار!
27ئەمدى مەن سىلەرنى ئەسىر قىلىپ، دەمەشقتىن يىراقلارغا سۈرگۈن قىلدۇرىمەن، ــ دەيدۇ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان پەرۋەردىگار.