1ئۇززىيا يەھۇداغا، يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، يەر تەۋرەشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، تەكوئادىكى چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ئاموسنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرى: ــ
2ئۇ: «پەرۋەردىگار زىئون تېغىدىن ھۆركىرەيدۇ، يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ پادىچىلارنىڭ ئوتلاقلىرى ماتەم تۇتىدۇ، كارمەل چوققىسى غازاڭلىشىدۇ» ــ دېدى.
3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «دەمەشقنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار گىلېئادتىكىلەرنى تۆمۈر تىرنىلىق سۆرەملەر بىلەن سوققانىدى؛
4شۇنداقلا ھازائەلنىڭ ئۆيىگە بىر ئوت ئەۋەتىمەن، ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ.
5دەمەشق دەرۋازىسىدىكى تۆمۈر بالداقنى سۇندۇرىۋېتىمەن، ئاۋەن جىلغىسىدا تۇرغۇچىنى، بەيت-ئېدەندە شاھانە ھاسىسىنى تۇتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ سۇرىيەنىڭ خەلقى ئەسىرگە چۈشۈپ كىرغا ئېلىپ كېتىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
6پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «گازا شەھىرىنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار ئېدومغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە، بارلىق تۇتقۇنلارنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى.
7ھەم مەن گازانىڭ سېپىلىغا ئوت ئەۋەتىمەن، ئۇ ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛
8مەن ئاشدودتا تۇرغۇچىنى، ئاشكېلوندا شاھانە ھاسىنى تۇتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئەكرون شەھىرىگە قارشى قول كۆتۈرىمەن؛ فىلىستىيلەرنىڭ قالدۇقى يوقىلىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
9پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «تۇرنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار بارلىق تۇتقۇنلارنى ئېدومغا تاپشۇرۇۋەتتى، شۇنداقلا قېرىنداشلىق ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالمىدى.
10ھەم مەن تۇرنىڭ سېپىلىغا ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ.
11پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئېدومنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇ بارلىق رەھىم-شەپقەتنى تاشلىۋېتىپ، قىلىچ بىلەن ئۆز قېرىندىشىنى قوغلىغان؛ ئۇ يىرىلغۇدەك غەزەپتە بولۇپ، دەرغەزىپتە بولغان ھالىتىنى ھەمىشە ساقلادۇ؛
12ھەم مەن تېمان شەھىرىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت بوزراھنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ».
13پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئامموننىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار چېگرىمىزنى كېڭەيتىمىز دەپ، گىلېئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساقلىرىنى يېرىۋەتتى.
14ھەم مەن رابباھنىڭ سېپىلىغا ئوت ياقىمەن، جەڭ كۈنىدە قىيا-چىيالار ئىچىدە، قارا قۇيۇننىڭ كۈنىدە قاتتىق بوران ئىچىدە، ئوت ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛
15ھەم ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئەسىرگە چۈشىدۇ، ــ ئۇ ئەمىرلىرى بىلەن بىللە ئەسىرگە چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.