Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئاموس

ئاموس 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەيىبلەپ ئېيتقان بۇ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى، يەنى مەن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقارغان بۇ پۈتكۈل جەمەت‫‪:‬‬ ــ
2«يەر يۈزىدىكى بارلىق جەمەتلەر ئارىسىدىن پەقەت سىلەرنى تونۇپ كەلدىم؛ شۇڭا ئۈستۈڭلارغا بارلىق قەبىھلىكلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى چۈشۈرىمەن».
3ئىككى كىشى بىر نىيەتتە بولمىسا، قانداقمۇ بىللە ماڭالىسۇن؟
4ئولجىسى يوق شىر ئورماندا ھۆركىرەمدۇ؟ ئارسلان ھېچنېمىنى ئالمىغان بولسا ئۇۋىسىدا ھۇۋلامدۇ؟
5تۇزاقتا يەمچۈك بولمىسا قۇش يەرگە يىقىلامدۇ؟ ئالغۇدەك نەرسە بولمىسا، قىسماق يەردىن ئېتىلىپ چىقامدۇ؟
6شەھەردە ئاگاھ كانىيى چېلىنسا، خەلق قورقمامدۇ؟ پەرۋەردىگار قىلمىغان بولسا، شەھەرگە يامانلىق چۈشەمدۇ؟
7رەب پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە ئاۋۋال ئاشكارىلىماي تۇرۇپ، ئۇ ھېچ ئىش قىلمايدۇ.
8شىر ھۆركىرىگەن تۇرسا، كىم قورقمايدۇ؟ رەب پەرۋەردىگار سۆز قىلغاندا، كىم ئۇنىڭ بېشارىتىنى يەتكۈزمەي تۇرالايدۇ؟
9ئاشدودتىكى قەلئە‫‪‎-‎‬‬ئوردىلاردا، شۇنداقلا مىسىردىكى قەلئە‫‪‎-‎‬‬ئوردىلاردا ئېلان قىلىپ‫‪:‬‬ ــ «سامارىيە تاغلىرى ئۈستىدە يىغىلىڭلار، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زور قىيقاس‫‪‎-‎‬‬سۈرەنلەرنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى جەبىر‫‪‎-‎‬‬زۇلۇملارنى كۆرۈپ بېقىڭلار» ــ دەڭلار.
10ــ ئۇلار ھەق ئىش قىلىشنى بىلمەيدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار ئوردىلىرىغا زۇلۇم‫‪‎-‎‬‬زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋالغانلىرىنى ھەم ئولجىلارنى جۇغلىغۇچىلار!
11شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «مانا بىر ياۋ! ئۇ زېمىننى قورشىۋالدى! ئۇ مۇداپىئەڭنى ئېلىپ تاشلايدۇ، قەلئە‫‪‎-‎‬‬ئوردىلىرىڭ بۇلاڭ‫‪‎-‎‬‬تالاڭ قىلىنىدۇ.
12پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــــ پادىچى شىرنىڭ ئاغزىدىن قوينىڭ ئىككى پۇتىنى ياكى قۇلىقىنىڭ بىر پارچىسىنى قۇتقۇزۇپ ئالغاندەك، سامارىيىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارمۇ شۇنداق قۇتقۇزۇلىدۇ، ــ شەھەردە پەقەت كارىۋاتنىڭ بىر بۇرجىكى، دىۋاندىكى بىر پارچە دەمەشق لىباسىلا قالىدۇ!
13ــ ئاڭلاڭلار، ياقۇپنىڭ جەمەتىدە گۇۋاھلىق بېرىڭلار، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،
14ــ مەن ئىسرائىلنىڭ ئاسىيلىقلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەن كۈنىدە، بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەل شەھىرىنىڭ قۇربانگاھلىرىنىمۇ جازالايمەن؛ قۇربانگاھنىڭ بۇرجەكلىرىدىكى مۈڭگۈزلەر كېسىۋېتىلىپ يەرگە چۈشۈرۈلىدۇ.
15مەن «قىشلىق ساراي» ۋە «يازلىق ساراي»نى بىراقلا ئۇرۇۋېتىمەن؛ پىل چىشى ئۆيلەرمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ، كۆپلىگەن ئۆيلەر تۈگىشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.