Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئاموس

ئاموس 7

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1رەب پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتتىكى ــ كېيىنكى ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپ باش تارتقان ۋاقتىدا، مانا ئۇ چېكەتكىلەرنى ياسىدى (بۇ پادىشاھ ئۆزىگە ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپ ئورغاندىن كېيىنكى، ئىككىنچى قېتىملىق ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپ ئۆسكەن ۋاقىت ئىدى)
2ھەم شۇنداق بولدىكى، چېكەتكىلەر زېمىندىكى ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپنى قالدۇرماي يەۋەتكەندىن كېيىن، مەن‫‪:‬‬ ــ «ئى رەب پەرۋەردىگار، ئۆتۈنۈپ قالاي، كەچۈرگەيسەن! ياقۇپ قانداقمۇ چىدىيالايدۇ؟ ئۇ كىچىك تۇرسا!» ــ دېدىم.
3پەرۋەردىگار ئەمدى ئۇنداق قىلىشتىن ياندى‫‪:‬‬ «ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ» ــ دېدى پەرۋەردىگار.
4رەب پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتتى ــ مانا، رەب پەرۋەردىگار خەلقى بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئوتنى چاقىردى؛ ئوت ھەتتا چوڭقۇر دېڭىزنىمۇ قۇرۇتتى، مىراس بولغان زېمىننىمۇ يەپ كەتتى؛
5ئەمدى مەن‫‪:‬‬ ــ «ئى رەب پەرۋەردىگار، ئۆتۈنۈپ قالاي، توختىغايسەن! ياقۇپ قانداقمۇ چىدىيالايدۇ؟ ئۇ كىچىك تۇرسا!» ــ دېدىم.
6پەرۋەردىگار شۇنداق قىلىشتىن ياندى‫‪:‬‬ «ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ» ــ دېدى رەب پەرۋەردىگار.
7ئەمدى ئۇ ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى كۆرسەتتى ــ ۋە مانا، رەب تىك ئۆلچىگۈچ يىپ بىلەن قوپۇرۇلغان تام تۈۋىدە، قولىدا تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى تۇتقىنىچە تۇراتتى؛
8ۋە پەرۋەردىگار مەندىن‫‪:‬‬ ــ «ئاموس، نېمىنى كۆردۇڭ؟» دەپ سورىدى. مەن‫‪:‬‬ «تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى» ــ دېدىم. رەب‫‪:‬‬ «مەن يەنە ئۆز خەلقىم ئىسرائىل ئوتتۇرىسىغا تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى تىكلەيمەن؛ مەن يەنە ئۇلارنى جازالىماي ئۆتۈپ كەتمەيمەن؛
9ھەم ئىسھاقنىڭ «يۇقىرى جايلىرى» ھالاك بولىدۇ، ئىسرائىلنىڭ تاۋاپگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ؛ يەرەبوئام جەمەتىگە قىلىچ بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئورنۇمدىن تۇرىمەن» ــ دېدى.
10شۇنىڭ بىلەن بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلدىكى كاھىن ئامازىيا ئىسرائىل پادىشاھى يەرەبوئامغا خەۋەر يوللاپ‫‪:‬‬ ــ «ئاموس ئىسرائىل جەمەتى ئارىسىدا تۇرۇپمۇ سىلىگە سۇيىقەست قىلدى؛ زېمىن ئۇنىڭ قىلغان بارلىق گەپلىرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
11چۈنكى ئاموس‫‪:‬‬ ــ «يەرەبوئام قىلىچتا ئۆلىدۇ، ئىسرائىل ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن بولماي قالمايدۇ!» ــ دەيدۇ» ــ دېدى.
12ئاندىن ئامازىيا ئاموسقا‫‪:‬‬ ــ ھەي ئالدىن كۆرگۈچى! بەس، يوقال، يەھۇدا زېمىنىغا قاچ، ئاشۇ يەردە بېشارەت بېرىپ، شۇ يەردە نان تېپىپ يە!
13بىراق بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلدە يەنە بېشارەت بەرمە؛ چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ تاۋاپگاھى، شاھلىق ئۆيدۇر، ــ دېدى.
14ئاموس ئامازىياغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «مەن ئەسلى پەيغەمبەر ئەمەس ئىدىم، ياكى پەيغەمبەرنىڭ ئوغلىمۇ ئەمەسمەن؛ بەلكى مەن بىر چارۋىچى، شۇنداقلا ئېرەن دەرەخلىرىنىڭ مېۋىسىنى تەرگۈچى ئىدىم.
15بىراق پادا بېقىۋاتقان چېغىمدا پەرۋەردىگار مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى ۋە ماڭا‫‪:‬‬ «بارغىن، خەلقىم ئىسرائىلغا بېشارەت بەر» ــ دېدى.
16ئەمدى، ئى ئامازىيا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال! سەن ماڭا‫‪:‬‬ «ئىسرائىلنى ئەيىبلەيدىغان بېشارەتلەرنى بەرمە، ئىسھاق جەمەتىنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى ئېيتما»، دېدىڭ.
17شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «سېنىڭ ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ، ئوغۇل‫‪‎-‎‬‬قىزلىرىڭ قىلىچ بىلەن قىرىلىدۇ ۋە زېمىنىڭ ئۆلچەش تانىسى تارتىلىشى بىلەن پارچىلىنىدۇ؛ سەن ناپاك بىر زېمىندا ئۆلىسەن؛ ۋە ئىسرائىل ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن بولماي قالمايدۇ»».