Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئاموس

ئاموس 9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1مەن رەبنىڭ قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇرغىنىنى كۆردۇم؛ ئۇ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ــ تۈۋرۈكلەرنىڭ باشلىرىنى ئۇرۇڭلار، بوسۇغىلار سىلكىنگىچە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنى ئىبادەتخانىدىكىلەرنىڭ باشلىرىغا چۈشۈرۈپ، پارە‫‪‎-‎‬‬پارە قىلىڭلار! مەن شۇ بۇتپەرەسلەردىن ئەڭ ئاخىردا قالغانلىرىنىمۇ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىمەن؛ ئۇلاردىن قاچاي دېگەنلەر قاچالمايدۇ، ئۇلاردىن قۇتۇلاي دېگەنلەر قۇتۇلۇپ چىقالمايدۇ.
2ئۇلار تەھتىسارا ئىچىگە تېشىپ كىرسە، قولۇم ئاشۇ يەردىن ئۇلارنى تارتىپ چىقىرىدۇ؛ ئۇلار ئاسمانغا يامىشىپ چىقسا، مەن شۇ يەردىن ئۇلارنى تارتىپ چۈشۈرىمەن؛  
3ئۇلار كارمەل چوققىسىغا مۆكۈۋالسىمۇ، مەن ئۇلارنى ئىزدەپ شۇ يەردىن ئالىمەن؛ ئۇلار دېڭىز تېگىدە نەزىرىمدىن يوشۇرۇنۇۋالغان بولسىمۇ، مەن يىلاننى بۇيرۇيمەن، ئۇ ئۇلارنى چاقىدۇ؛
4دۈشمەنلىرىگە ئەسىرگە چۈشكەن بولسىمۇ، مەن شۇ يەردە قىلىچنى بۇيرۇيمەن، ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ؛ مەن ياخشىلىقنى ئەمەس، بەلكى يامانلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى ئۇلارغا تىكىمەن.
5ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، زېمىنغا تەگكۈچى بولسا دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر؛ ئۇ تېگىشى بىلەنلا، زېمىن ئېرىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتىدۇ؛ زېمىن نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ ــ مىسىرنىڭ دەرياسىدەك ئۆركەشلەپ، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ.
6راۋاقلىرىنى ئەرشلەرگە سېلىپ، ئاسمان گۈمبىزىنى يەر يۈزىگە بېكىتكۈچى شۇدۇر؛ دېڭىزدىكى سۇلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە قۇيغۇچى ئۇدۇر؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر.
7سىلەر ماڭا نىسبەتەن ئېفىئوپىيە بالىلىرىغا ئوخشاش ئەمەسمۇ، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؟ مەن ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىقارغان ئەمەسمۇ؟ فىلىستىيلەرنى كرېت ئارىلىدىن، سۇرىيەلىكلەرنى كىر شەھىرىدىن چىقارغان ئەمەسمۇ؟
8قاراڭلار، رەب پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى «گۇناھكار پادىشاھلىق» ئۈستىگە چۈشتى ــ مەن يەر يۈزىدىن ئۇنى يوقىتىمەن؛ لېكىن مەن ياقۇپ جەمەتىنى تولۇق يوقىتىۋەتمەيمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
9چۈنكى قاراڭلار، مەن بۇيرۇق چۈشۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن خۇددى بىرسى داننى غەلۋىردە تاسقىغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىنى ئەللەر ئارىسىدا تاسقايمەن، بىراق ئۇلاردىن ئەڭ كىچىكىمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
10ھالبۇكى، خەلقىمنىڭ بارلىق گۇناھكارلىرى، يەنى‫‪:‬‬ «كۈلپەت بىزگە ھەرگىز يېقىنلاشمايدۇ، بېشىمىزغا چۈشمەيدۇ» دېگۈچىلەر قىلىچ تېگىدە ئۆلىدۇ.
11شۇ كۈنى مەن داۋۇتنىڭ يىقىلغان كەپىسىنى يېڭىباشتىن تىكلەيمەن، ئۇنىڭ يېرىقلىرىنى ئېتىمەن؛ ئۇنى خارابىلىكتىن ئوڭشاپ، ئەينى زاماندىكى پېتىدەك قۇرىمەن.  
12شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېدومنىڭ قالدىسىغا ھەمدە نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ــ دەيدۇ بۇنى بېجىرگۈچى پەرۋەردىگار.
13مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەر ھەيدىگۈچى ھوسۇل يىغقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ، ئۈزۈملەرنى چەيلىگۈچى ئۇرۇق چاچقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ؛ تاغلار يېڭى شارابنى تېمىتىپ، بارلىق دۆڭ‫‪‎-‎‬‬ئېگىزلىكلەر ئېرىپ كېتىدۇ.  
14ۋە خەلقىم ئىسرائىلنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرىمەن؛ ئۇلار خاراب شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ، ئۇلاردا ماكانلىشىدۇ؛ ئۇلار ئۈزۈمزارلارنى تىكىپ، ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچىدۇ؛ ئۇلار باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىسىنى يەيدۇ.
15مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنى ئۈستىگە تىكىمەن، ئۇلار مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىندىن ھەرگىز قايتىدىن يۇلۇۋېتىلمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ.