35زىئوندا تۇرغۇچى قىز: ــ «بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار مېنى يۇتۇپ، مېنى غاجىلاپ ئەزگەن؛ ئۇ ئىچىمنى بوشىتىلغان قاچىدەك قىلىپ قويغان؛ ئۇ ئەجدىھادەك مېنى يۇتۇپ، ئۆزىنى نازۇ-نېمەتلىرىم بىلەن تويغۇزغان، مېنى قۇرۇقداپ پاك-پاكىز قىلىۋەتكەن. ماڭا، مېنىڭ تېنىمگە قىلغان زوراۋانلىقى بابىلنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلسۇن» ــ دەيدۇ، ۋە يېرۇسالېم: «مېنىڭ قانلىرىم كالدىيەدە تۇرغۇچىلارنىڭ بېشىغا تۆكۈلسۇن» ــ دەيدۇ.
36شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنىڭ دەۋايىڭنى سورايمەن، سەن ئۈچۈن قىساس ئالىمەن؛ مەن ئۇنىڭ دېڭىزىنى قۇرۇتىمەن، بۇلىقىنى قاغجىرىتىمەن.
37بابىل بولسا دۆۋە-دۆۋە خارابىلەر، چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسى بولىدۇ؛ زېمىنى ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ھەم دائىم ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ئوبيېكت بولىدۇ، ھېچ ئادەم شۇ يەردە تۇرمايدۇ.
38ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياش شىرلاردەك ھۇۋلىشىدۇ، ئارسلانلاردەك بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشىدۇ؛
39ئۇلارنىڭ كەيپىياتى قىزىپ كەتكەندە، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ قويىمەنكى، ئۇلارنى مەست قىلىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يايراپ-ياشناپ كېتىدۇ، ــ ئاندىن مەڭگۈگە ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ، قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
40بوغۇزلاشقا يېتىلىگەن قوزىلاردەك ۋە بىللە يېتىلەنگەن قوچقارلار ھەم تېكىلەردەك مەن ئۇلارنى بوغۇزلاشقا چۈشۈرىمەن.
41شېشاقنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىغا قارا! پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ پەخرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىغا قارا! بابىلنىڭ ئەللەر ئارىسىدا ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكتى بولغانلىقىغا قارا!
42دېڭىز بابىل ئۈستىدىن ئۆرلەپ كەتتى؛ ئۇ نۇرغۇنلىغان دولقۇنلار بىلەن غەرق بولدى.
43ئۇنىڭ شەھەرلىرى ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكت، قاغجىراق يەر، بىر چۆل، ھېچكىم تۇرمايدىغان زېمىن بولدى؛ ھېچقانداق ئىنسان بالىسى قايتىدىن شۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ.
44مەن بابىلدا بەلنى جازالايمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن يۇتۇۋالغىنىنى ياندۇرىۋالىمەن؛ ئەللەر قايتىدىن ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشمەيدۇ؛ بەرھەق، بابىلنىڭ سېپىلى غۇلاپ كېتىدۇ.
45ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىڭلار، ئى خەلقىم! ھەربىرىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدىن ئۆز جېنىڭلارنى ئېلىپ بەدەر قېچىڭلار!
46سىلەر زېمىندا ئاڭلىنىۋاتقان پىتنە-ئىغۋادىن يۈرىكىڭلارنى سۇ قىلماڭلار ۋە قورقماڭلار؛ بۇ يىل بىر پىتنە-ئىغۋا، كېلەر يىلى يەنە بىر پىتنە-ئىغۋا چىقىدۇ؛ زېمىندا زۇلۇم-زوراۋانلىق پارتلايدۇ، ھۆكۈمدارلار ھۆكۈمدارلارغا قارشى چىقىدۇ.
47شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، مەن بابىلدىكى ئويما مەبۇدلارنى جازالايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۇنىڭ ئىچىدە يىقىلىدۇ؛
48شۇنىڭ بىلەن ئاسمان ۋە زېمىن ۋە ئۇلاردا بار بولغانلار بابىل ئۈستىدىن شادلىقتىن ياڭرايدۇ؛ چۈنكى شىمالدىن ھالاك قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
49بابىل تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلغاندەك، بابىل ئىسرائىلدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر تۈپەيلىدىن بابىل يىقىلماي قالمايدۇ.
50قىلىچتىن قاچقانلار، يىراق كېتىڭلار، ھايال بولماڭلار؛ چەت يەرلەردىن پەرۋەردىگارنى سېغىنىڭلار، يېرۇسالېمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار.
51«بىز خىجالەتكە قالدۇق، چۈنكى ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق؛ شەرمەندىچىلىكتىن يۈزىمىز تۆكۈلدى؛ چۈنكى يات ئادەملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مۇقەددەس جايلارغا بېسىپ كىردى!».
52شۇڭا شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭدىكى ئويما مەبۇدلارنى جازالايمەن؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى بويىدا يارىلىنىپ جان ھەلقۇمىدا ئىڭرىشىدۇ.
53بابىل ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۇقىرى ئىستىھكام-قورغىنى مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭدىن ئۇنىڭغا ھالاك قىلغۇچىلار يېتىپ بارىدىغان بولدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
54بابىلدىن نالە-پەريادنىڭ ئاۋازى، كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدىن زور ھالاكەتنىڭ ساداسى كۆتۈرۈلىدۇ.
55چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلنى ھالاك قىلماقچى بولىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىنى يوقىتىدۇ؛ سۇلارنىڭ دولقۇنلىرى ئۆركەشلەۋاتقان سۇلاردەك شارقىرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاۋازى شاۋقۇنلاپ كېلىدۇ.
56چۈنكى ھالاك قىلغۇچى ئۇنىڭغا، يەنى بابىلغا جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پالۋانلىرى ئەسىرگە چۈشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ــ قىساسلار ئالغۇچى تەڭرىدۇر؛ ئۇ يامانلىقنى ياندۇرماي قالمايدۇ.
57ــ مەن ئۇنىڭ ئەمىرلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، ھۆكۈمدارلىرى ۋە پالۋانلىرىنى مەست قىلىمەن؛ ئۇلار مەڭگۈگە ئۇخلايدۇ ۋە قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ ــ دەيدۇ پادىشاھ، ــ نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
58ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بابىلنىڭ كەڭ سېپىللىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئېگىز دەرۋازىلىرى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەللەرنىڭ جان تىكىپ تاپقان مېھنىتى بىھۇدە بولىدۇ، ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەجىرى پەقەت ئوتقا يېقىلغۇ بولىدۇ.
59يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا تەختكە ئولتۇرغان تۆتىنچى يىلى، بابىلغا بارغىنىدا ماھسېياھنىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى سېرايا زەدەكىياغا ھەمراھ بولۇپ بارغان (سېرايا باش غوجىدار ئىدى). يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سۆز تاپىلىغان.
60يەرەمىيا ئورام قەغەزگە بابىلنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى، ــ يەنى بابىل توغرۇلۇق پۈتۈكلۈك بۇ بارلىق سۆزلەرنى يازغانىدى؛
61ۋە يەرەمىيا سېراياغا مۇنداق دېدى: ــ سەن بابىلغا يېتىپ بارغاندا، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىپ ۋە: ــ