Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەرەمىيا

يەرەمىيا 2

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى‫‪:‬‬ ــ
2بېرىپ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا مۇنداق جار سالغىن‫‪:‬‬ ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ مەن سېنىڭ ياش ۋاقتىڭدىكى ۋاپادارلىقىڭنى، يەنى قىزنىڭ ئاشىقىغا بولغان مۇھەببىتىدەك سېنىڭ چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندا، يەنى تېرىلمىغان يەرلەردە ماڭا ئەگىشىپ يۈرگەنلىرىڭنى سېنىڭ ئۈچۈن ئەسلەيمەن.
3شۇ چاغدا ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا پاك، ئالاھىدە ئاتالغان، ئۇلار ئۇنىڭ ئۆز ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسى دەپ قارالغانىدى؛ ئۇلارنى يەۋالماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار دەپ ھېسابلانغانىدى ھەم ئۇلارنىڭ باشلىرىغا بالايىئاپەت چۈشكەنىدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
4پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق ئائىلە‫‪‎-‎‬‬تاۋابىئاتلىرى‫‪:‬‬ ــ
5پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلار مەندە زادى قانداق ئادالەتسىزلىكلەرنى بايقاپتۇ، ئۇلار مەندىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ؟ ئۇلار نېمىشقا بىمەنە بۇتلارغا باش ئۇرۇپ، ئۆزلىرى بىمەنە بولۇپ كەتتى؟
6ئۇلار ھېچقاچان‫‪:‬‬ «بىزنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىپ، باياۋاندىن، يەنى چۆل‫‪‎-‎‬‬دەشت ۋە تىك ئازگاللار بىلەن قاپلانغان جايلاردىن، قۇرغاقچىلىق ۋە ئۆلۈم سايىسى ئوراپ تۇرغان يەرلەردىن، ئادەمزات ئۆتمەيدىغان ھەمدە ئىنسان تۇرمايدىغان شۇ باياۋاندىن بىزنى ئۆتكۈزگەن پەرۋەردىگار قېنى؟» دەپ سوراپ قويۇشماپتىغۇ؟
7مەن سىلەرنى مېۋىسى ھەم مولچىلىقىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن مۇنبەت بىر زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنمەن؛ سىلەر كېلىپ زېمىنىمنى بۇلغىدىڭلار، مېنىڭ مىراسىمنى يىرگىنچلىك بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار.
8كاھىنلار‫‪:‬‬ «پەرۋەردىگار قېنى؟» دەپ ھېچ سوراپ قويمىدى؛ تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇن ئىجراچىلىرى مېنى ھېچ تونۇمىدى؛ خەلق پادىچىلىرى ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ پەيغەمبەرلەر بولسا بائالنىڭ نامىدا بېشارەت بەردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھېچ پايدىسىز بىمەنە نەرسىلەرگە ئەگىشىپ كەتتى.  
9شۇڭا سىلەر بىلەن دەۋالاشماقچىمەن، بالىلىرىڭلار ھەم بالىلىرىڭلارنىڭ بالىلىرى بىلەن دەۋالىشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
10ــ سىلەر سىپرۇستىكى دېڭىز بويلىرىغا ئۆتۈپ بېقىڭلار، كېدارغا تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتىپ بېقىڭلار ــ مۇشۇنداق بىر ئىش زادى بولۇپ باققانمۇ‫‪‎-‎‬‬يوق دەپ كۆرۈپ بېقىڭلار ــ
11قايسى بىر ئەل ئۆز ئىلاھلىرىنى (ئۇلار ھېچ ئىلاھ ئەمەس، ئەلۋەتتە) ئۆزگەرتكەنمۇ؟ لېكىن مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى بولغۇچىسىنى بولسا پايدىسىز‫‪‎-‎‬‬بىمەنە بىر نەرسىگە ئالماشتۇرغان.
12بۇنىڭغا ئەجەبلىنىڭلار، ئى ئاسمانلار؛ ھاڭ‫‪‎-‎‬‬تاڭ بولۇڭلار! ساراسىمىگە چۈشۈڭلار! چۆچۈڭلار! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
13ــ چۈنكى مېنىڭ خەلقىم ئىككى رەزىل ئىشنى قىلدى؛ ئۇلار ھاياتلىق سۇ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى؛ ئاندىن ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ئازگاللىرىنى، يەنى سۇ تۇرمايدىغان يېرىق سۇ ئازگاللىرىنى يونۇپ چىقتى.
14ئىسرائىل ئەسلى قۇلمىدى؟ ئۇ خوجايىننىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان قۇلمىدى؟ نېمىشقا ئەمدى ئۇ ئولجىغا ئايلىنىپ قالدى؟
15ياش شىرلار ئۇنى ئولجا قىلىپ ھۆركىرىدى؛ ئۇلار ئاۋازىنى قويۇۋەتتى؛ ئۇلار ئىسرائىل زېمىنىنى ۋەيرانە قىلدى؛ شەھەرلىرى كۆيدۈرۈلدى، ئادەمزاتسىز قالدى.   
16ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەتتا نوف ۋە تاھپانەس شەھىرىدىكىلەرمۇ چوققاڭنى يېرىۋەتتى.
17بۇ ئىشلارنى ئۆزۈڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەسمۇ؟ ــ چۈنكى ساڭا يول باشلاۋاتقىنىدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن ۋاز كەچكەنىدىڭ.
18ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە يەنە شىھور دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ يولىنى باسقىنىڭ نېمىسى؟ ئەفرات دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن ئاسۇرىيەنىڭ يولىنى باسقىنىڭ نېمىسى؟   

19ئۆز رەزىللىكىڭ ئۆزۈڭگە ساۋاق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۆزۈڭنىڭ يېنىمدىن چەتنەپ كەتكىنىڭ ئۆزۈڭگە تەنبىھ بولىدۇ؛ ئەمدى سېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭ ۋە مېنىڭ قورقۇنچۇمنىڭ سەندە بولماسلىقىنىڭ ئىنتايىن رەزىل ھەمدە زەرداپقا تولغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ قوي، ــ دەيدۇ رەب، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
20چۈنكى سەن قەدىمدىنلا مەن ساڭا سالغان بويۇنتۇرۇقنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ رىشتىنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەنسەن؛ سەن‫‪:‬‬ «قۇللۇقۇڭدا بولمايمەن!» دېدىڭ. چۈنكى بارلىق دۆڭ‫‪‎-‎‬‬ئېگىزلىكتە ۋە بارلىق يېشىل دەرەخ ئاستىدا سەن پاھىشە ئايالدەك كېرىلىپ ياتقانسەن.
21لېكىن مەن بولسام سېنى ئەسلى ئېسىل سورتلۇق ئۈزۈم تېلىدىن، سەرخىل ئۇرۇقتىن تىككەنىدىم؛ سەن ماڭا نىسبەتەن قانداقمۇ يات ۋە ياۋا بىر سېسىق ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭ؟   
22چۈنكى سەن شۇلتا بىلەن يۇيۇنساڭمۇ، كۆپ ئاقارتقۇچ سوپۇن ئىشلەتسەڭمۇ سېنىڭ قەبىھلىكىڭ مېنىڭ ئالدىمدا تېخى داغ بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
23سەن قانداقمۇ‫‪:‬‬ «مەن ھېچ بۇلغانغان ئەمەسمەن، مەن «بائاللار»غا ھېچ ئەگەشمىدىم!» دېيەلەيسەن؟ جىلغىدا ماڭغان يولۇڭنى كۆرۈپ باق، قىلمىشلىرىڭنى ئىقرار قىل ــ سەن ئۆز يوللىرىدا ئۇيان‫‪‎-‎‬‬بۇيان قاتراپ يۈرىدىغان چاققاق ھىڭگاندۇرسەن!
24سەن چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋانغا ئادەتلەنگەن، ھەۋىسى قوزغالغاندا شامالنى پۇراپ يۈرىدىغان بىر ياۋايى مادا ئېشەكسەن! كۈيلىگەندە كىم ئۇنى توسالىسۇن؟ ئۇنى ئىزدىگەن ھاڭگىلار ئۆزلىرىنى ھېچ ئۇپراتمايدۇ؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى ئىزدەپ تاپماق ئاساندۇر.
25ئى ئىسرائىل، بىكار يۈگۈرۈپ، پۇتۇڭنى ئاياغسىز، گېلىڭنى ئۇسسۇلۇقسىز قىلىپ قويما! لېكىن سەن بۇنىڭغا‫‪:‬‬ «ياق! خام خىيال قىلما! چۈنكى مەن بۇ يات ئىلاھلارنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭىمەن!» ــ دېدىڭ.
26ئوغرى تۇتۇلۇپ قېلىپ خىجالەتكە قالغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىمۇ خىجالەتكە قالىدۇ ــ يەنى ئۆزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، كاھىنلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى ــ
27ئۇلار ياغاچ كۆتىكىگە‫‪:‬‬ «ئاتام!» ۋە تاشقا‫‪:‬‬ «سەن مېنى تۇغدۇردۇڭ!» دەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار يۈزىنى ماڭا قاراتماي، ئەكسىچە ماڭا ئارقىسىنى قىلدى؛ لېكىن كۈلپەت بېشىغا چۈشكەندە ئۇلار‫‪:‬‬ «ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بىزنى قۇتقۇزغايسەن!» دەيدۇ.
28ئەمدى ئۆزۈڭگە ياسىغان ئىلاھلىرىڭ قېنى!؟ كۈلپەت بېشىڭغا چۈشكەندە سېنى قۇتقۇزالايدىغان بولسا، ئۇلار ئورنىدىن تۇرسۇن! ــ چۈنكى شەھەرلىرىڭ قانچە كۆپ بولسا بۇتلىرىڭمۇ شۇنچە كۆپتۇر، ئى يەھۇدا!
29نېمىشقا سىلەر مەن بىلەن دەۋاغا چۈشمەكچىسىلەر؟ سىلەر ھەممىڭلار ماڭا ئاسىيلىق قىلغانسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
30بالىلىرىڭنى بىكاردىن بىكار ئۇرۇپ قويدۇم؛ ئۇلار ھېچ تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۆز قىلىچىڭ يىرتقۇچ شىردەك پەيغەمبەرلىرىڭنى يەۋەتتى.
31ئى بۇ دەۋر كىشىلىرى! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە كۆڭۈل قويۇڭلار! مەن ئىسرائىلغا چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋان ياكى قاپقاراڭغۇلۇق باسقان زېمىن بولۇپ باققانمۇ؟ مېنىڭ خەلقىم نېمىشقا‫‪:‬‬ «نەگىلا بارساق ئۆز ئەركىمىز؛ ئەمدى يېنىڭغا يەنە كەلمەيمىز!» ــ دەيدۇ؟
32قىز زىبۇ‫‪‎-‎‬‬زىننەتلىرىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ توي قىلىدىغان قىز توي كىيىملىرىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ لېكىن ئۆز خەلقىم سان‫‪‎-‎‬‬ساناقسىز كۈنلىرىدە مېنى ئۇنتۇدى.
33سەن ئىشق ئىزدەپ بارىدىغان يوللارغا شۇنچە ماھىر بولۇپ كەتتىڭ! بەرھەق، ھەتتا ئەڭ بۇزۇق ئاياللارغا يوللىرىڭنى كۆرسەتتىڭ.
34ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇڭنىڭ پەشلىرىدە گۇناھسىز نامراتلارنىڭ قېنى بار! سەن ئۇلارنى تېمىڭنى تېشىپ ئوغرىلىققا كىرگىنى ئۈچۈن ئۆلتۈردىڭمۇ؟! ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق تۇرسىمۇ،
35سەن تېخى‫‪:‬‬ «مەندە گۇناھ يوق؛ رەب مەندىن رەنجىۋەرمەيدۇ!» دەيسەن. بىلىپ قوي! مەن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن، چۈنكى سەن‫‪:‬‬ «مەن گۇناھ سادىر قىلمىدىم!» ــ دەۋېرىسەن.
36سەن نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۇيان‫‪‎-‎‬‬بۇيان قاتراپ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىسەن؟ سەن ئاسۇرىيە تەرىپىدىن يەرگە قارىتىلغاندەك مىسىر تەرىپىدىنمۇ يەرگە قارىتىلىسەن.

37بەرھەق، سەن مىسىردىن قوللىرىڭنى بېشىڭغا ئالغان پېتى چىقىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سەن يۆلەنچۈك قىلغانلارنى چەتكە قاقتى؛ سەن ئۇلاردىن ھېچ پايدا كۆرمەيسەن.