Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەرەمىيا

يەرەمىيا 46

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەللەر توغرۇلۇق سۆزى تۆۋەندە‫‪:‬‬ ــ
2مىسىر توغرۇلۇق‫‪:‬‬ ئەفرات دەرياسى بويىدىكى كاركېمىش شەھىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، پىرەۋن‫‪‎-‎‬‬نەقونىڭ قوشۇنى توغرۇلۇق (بۇ قوشۇننى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى بىتچىت قىلغان)‫‪:‬‬ ــ
3«قالقان‫‪‎-‎‬‬سىپارلارنى ئېلىپ سەپكە چۈشۈڭلار! جەڭگە چىقىشقا تەييارلىنىڭلار!
4ئاتلارنى ھارۋىلارغا قېتىڭلار! ئاتلىرىڭلارغا مىنىڭلار! بېشىڭلارغا دۇبۇلغا سېلىپ سەپتە تۇرۇڭلار! نەيزىلىرىڭلارنى بىلەپ ئىتتىكلىتىڭلار! ساۋۇت‫‪‎-‎‬‬قۇياقلارنى كىيىۋېلىڭلار!
5لېكىن مەن نېمىنى كۆرىمەن؟! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مانا، مۇشۇ لەشكەرلەر دەككە‫‪‎-‎‬‬دۈككىگە چۈشۈپ چېكىنىدۇ؛ باتۇر‫‪‎-‎‬‬پالۋانلىرى بىتچىت قىلىنىپ كەينىگە قارىماي بەدەر قاچىدۇ! تەرەپ‫‪‎-‎‬‬تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
6ــ ئەمدى ئەڭ چاققانلارمۇ قاچالمايدۇ، باتۇر‫‪‎-‎‬‬پالۋانلارمۇ ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن قۇتۇلۇپ قالمايدۇ؛ مانا، شىمال تەرىپىدە، ئەفرات دەرياسى بويىدا ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ!
7سۇلىرى دەريالاردەك ئۆزلىرىنى دولقۇنلىتىپ، نىل دەرياسى كەلكۈن كەبى كۆتۈرۈلگەندەك ئۆزىنى كۆتۈرگەن كىمدۇر!؟
8سۇلىرى دەريالاردەك ئۆزلىرىنى دولقۇنلىتىپ، نىل دەرياسىدەك ئۆزىنى كۆتۈرگەن دەل مىسىر ئۆزىدۇر؛ ئۇ‫‪:‬‬ «مەن ئۆزۈمنى كۆتۈرۈپ پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلايمەن؛ مەن شەھەرلەر ھەم ئۇلاردا تۇرۇۋاتقانلارنى يوقىتىمەن!» ــ دەيدۇ.
9ئېتىلىڭلار، ئى ئاتلار! ھە دەپ ئالغا بېسىپ چېپىڭلار، ئى جەڭ ھارۋىلىرى! قالقان كۆتۈرگەن ئېفىئوپىيە ھەم لىۋىيەدىكىلەر، ئوقيالىرىنى ئېگىلدۈرگەن لىدىيەدىكىلەر، پالۋان‫‪‎-‎‬‬باتۇرلار جەڭگە چىقسۇن!   
10لېكىن بۇ كۈن بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىدۇر؛ ئۇ قىساسلىق بىر كۈن، يەنى ئۆز ياۋلىرىدىن قىساس ئالىدىغان كۈنى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ قىلىچى كىشىلەرنى تويغۇچە يۇتىدۇ؛ ئۇ قانغۇچە ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئىچىدۇ؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ شىمالىي زېمىندا، ئەفرات دەرياسى بويىدا قىلماقچى بولغان بىر قۇربانلىقى بار!
11گىلېئادقا چىقىپ تۇتىيا ئىزدەپ تاپ، ئى مىسىرنىڭ قىزى! لېكىن سەن ئۆزۈڭگە نۇرغۇن دورىلارنى ئالساڭمۇ بىكار؛ سەن ئۈچۈن ھېچ شىپالىق يوقتۇر!
12ئەللەر خىجالىتىڭ توغرۇلۇق ئاڭلايدۇ، سېنىڭ پەريادلىرىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە پۇر كېتىدۇ؛ پالۋان پالۋانغا پۇتلىشىدۇ، ئىككىسى تەڭ مەغلۇپ بولۇپ يىقىلىدۇ!
13پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ مىسىر زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى توغرۇلۇق يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزى‫‪:‬‬ ــ
14مىسىردا جاكارلا، مىگدولدا ئېلان قىل، نوفتا ۋە تاھپانەستىمۇ ئېلان قىل‫‪:‬‬ چىڭ تۇر، جەڭگە بەل باغلا؛ چۈنكى قىلىچ ئەتراپىڭدىكىلەرنى يۇتۇۋاتىدۇ؛
15سېنىڭ باتۇرلىرىڭ نېمىشقا سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ؟ ئۇلار چىڭ تۇرالمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى سەپتىن ئىتتىرىپ يىقىتىۋېتىدۇ.
16ئۇ ئۇلاردىن كۆپلىرىنى پۇتلاشتۇرىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار قاچقاندا بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار‫‪:‬‬ «بولە، تۇرايلى، زومىگەرنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ ئۆز خەلقىمىزگە ۋە ئانا يۇرتىمىزغا قايتىپ كېتەيلى!» ــ دەيدۇ؛
17شۇ يەرگە قايتقاندا ئۇلار‫‪:‬‬ «مىسىر پادىشاھى پىرەۋن پەقەت بىر قىيقاس‫‪‎-‎‬‬سۈرەن، خالاس! ئۇ پەيتنى بىلمەي ئۆتكۈزىۋەتتى!» ــ دەيدۇ.
18ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ پادىشاھ، نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ تاغلار ئارىسىدا تابور تېغى بولغاندەك، كارمەل تېغى دېڭىز بويىدا ئاسمانغا تاقىشىپ تۇرغاندەك بىرسى كېلىدۇ.

19ئەمدى سەن، ئى مىسىردا تۇرۇۋاتقان قىز، سۈرگۈن بولۇشقا لايىق يۈك‫‪‎-‎‬‬تاقلارنى تەييارلاپ قوي؛ چۈنكى نوف خارابە بولۇپ كۆيدۈرۈلىدۇ، ھېچ ئادەمزاتسىز بولىدۇ.
20مىسىر بولسا چىرايلىق بىر ئىنەكتۇر؛ لېكىن ئۇنى نىشان قىلغان بىر كۆكۈيۈن كېلىۋاتىدۇ، شىمالدىن كېلىۋاتىدۇ!
21ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ياللانما لەشكەرلەر بولسا بورداق تورپاقلاردەك بولىدۇ؛ ئۇلارمۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ، بىرلىكتە قېچىشىدۇ؛ ئۇلار چىڭ تۇرۇۋالمايدۇ؛ چۈنكى كۈلپەتلىك كۈن، يەنى جازالىنىش كۈنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
22مىسىرنىڭ ئاۋازى يىلاننىڭكىدەك «كۈش‫‪‎-‎‬‬كۈش» قىلىپ ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى دۈشمەن قوشۇنلىرى بىلەن ئاتلىنىپ، ئوتۇن كەسكۈچىلەردەك ئۇنىڭغا قارشى پالتىلارنى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ.
23ئورمانلىقى قويۇقلىقىدىن كىرگۈسىز بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنى كېسىپ يىقىتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى كەسكۈچىلەر چېكەتكە توپىدىن كۆپ، سان‫‪‎-‎‬‬ساناقسىز بولىدۇ.
24مىسىرنىڭ قىزى خىجالەتتە قالدۇرۇلىدۇ؛ ئۇ شىمالىي ئەلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ.
25ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ مانا، مەن نو شەھىرىدىكى بۇت ئاموننى، پىرەۋننى، شۇنداقلا مىسىر ۋە ئۇنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن پادىشاھلىرىنى جازالايمەن؛ بەرھەق، پىرەۋن ۋە ئۇنىڭغا تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن؛
26مەن ئۇلارنى ئۇلارنىڭ جېنىنى ئىزدىگۈچىلەر، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا ھەم خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. بىراق كېيىن، مىسىر قەدىمكى زامانلاردەك قايتىدىن ئاھالىلىك بولىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
27لېكىن سەن، ئى قۇلۇم ياقۇپ، قورقما، ئالاقزادە بولما، ئى ئىسرائىل؛ چۈنكى مانا، مەن سېنى يىراق يۇرتتىن، نەسلىڭنى سۈرگۈن بولغان زېمىندىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ قايتىپ، خاتىرجەملىك ۋە ئارامبەخشتە تۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قورقۇتمايدۇ.
28قورقما، ئى قۇلۇم ياقۇپ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن؛ مەن سېنى تارقىتىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ھەممىسىنى تۈگەشتۈرسەممۇ، لېكىن سېنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن؛ پەقەت ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ تەربىيە‫‪‎-‎‬‬ساۋاق بېرىمەن؛ سېنى جازالىماي قويمايمەن.