1موئاب توغرۇلۇق: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ نېبونىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇ خارابە قىلىنىدۇ؛ كىرىئاتايىم خىجالەتكە قالدۇرۇلۇپ، ئىشغال قىلىنىدۇ؛ يۇقىرى قورغان بولسا خىجالەتكە قالدۇرۇلۇپ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.
2موئاب يەنە ھېچ ماختالمايدۇ؛ ھەشبوندا كىشىلەر ئۇنىڭغا: «ئۇنى ئەل قاتارىدىن يوقىتايلى» دەپ سۇيىقەست قىلىدۇ؛ سەنمۇ، ئى مادمەن، تۈگەشتۈرۈلىسەن؛ قىلىچ سېنى قوغلايدۇ.
3ھورونائىمدىن ئاھ-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ: ــ «ئاھ، ۋەيرانچىلىق، دەھشەتلىك پاتىپاراقچىلىق!»
4موئاب بىتچىت قىلىندى! ئۇنىڭ كىچىكلىرىدىن پەريادلىرى ئاڭلىنىدۇ.
5بەرھەق، لۇھىتقا چىقىدىغان داۋان يولىدىن توختىماي يىغىلار كۆتۈرۈلىدۇ؛ ھورونائىمغا چۈشىدىغان يولدا ھالاكەتتىن ئازابلىق نالە-پەريادلار ئاڭلىنىدۇ.
6قېچىڭلار، جېنىڭلارنى ئېلىپ يۈگۈرۈڭلار! چۆلدىكى بىر چاتقال بولۇڭلار!
7چۈنكى سەن ئۆز قىلغانلىرىڭغا ۋە بايلىقلىرىڭغا تايانغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، سەنمۇ ئەسىرگە چۈشىسەن؛ بۇتۇڭ كېموش، ئۇنىڭ كاھىنلىرى ھەم ئەمىرلىرى بىلەن بىللە سۈرگۈن بولىدۇ.
8ۋەيران قىلغۇچى ھەربىر شەھەرگە جەڭ قىلىدۇ؛ شەھەرلەردىن ھېچقايسى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ؛ پەرۋەردىگار دېگەندەك جىلغىمۇ خارابە بولىدۇ، تۈزلەڭلىكمۇ ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ.
9دالدىغا بېرىپ قېچىش ئۈچۈن موئابقا قاناتلارنى بېرىڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابىلىك، ئادەمزاتسىز بولىدۇ
10(پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالسۇن! قىلىچىنى قان تۆكۈشتىن قالدۇرغان كىشى لەنەتكە قالسۇن!).
11موئاب ياشلىقىدىن تارتىپ كەڭ-كۇشادە ياشاپ ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك ئەندىشىسىز بولۇپ كەلگەن؛ ئۇ ھېچقاچان كۈپتىن كۈپكە قۇيۇلغان ئەمەس، ياكى ھېچ سۈرگۈن بولغان ئەمەس؛ شۇڭا ئۇنىڭ تەمى بىرخىل بولۇپ، پۇرىقى ھېچ ئۆزگەرمىگەن.
12شۇڭا ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭ يېنىغا ئۇلارنى ئۆز كۈپىدىن تۆكىدىغان تۆككۈچىلەرنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئۇنىڭ كۈپلىرىنى قۇرۇقدايدۇ، ئۇنىڭ چۆگۈنلىرىنى چېقىۋېتىدۇ.
13ئۆتكەندە ئىسرائىل جەمەتى ئۆز تايانچىسى بولغان بەيت-ئەل تۈپەيلىدىن يەرگە قاراپ قالغاندەك موئابمۇ كېموش تۈپەيلىدىن يەرگە قاراپ قالىدۇ.
14سىلەر قانداقمۇ: «بىز باتۇر، جەڭگىۋار پالۋانمىز!» ــ دېيەلەيسىلەر؟
15موئابنىڭ زېمىنى خارابە قىلىنىدۇ؛ دۈشمەن ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىغا چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ ئېسىل يىگىتلىرى قەتل قىلىنىشقا چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پادىشاھ، يەنى نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
16ــ موئابنىڭ ھالاكىتى يېقىنلاشتى، ئۇنىڭ كۈلپىتى بېشىغا چۈشۈشكە ئالدىرايدۇ.
17ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار؛ ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى بىلگەنلەر: «كۈچلۈك شاھانە ھاسىسى، گۈزەل تايىقىمۇ شۇنچە سۇندۇرۇلدىغۇ!» ــ دەڭلار.
18شان-شۆھرىتىڭدىن چۈشۈپ قاغجىراپ كەتكەن يەردە ئولتۇر، ئى دىبوندا تۇرۇۋاتقان قىز؛ چۈنكى موئابنى ھالاك قىلغۇچى ساڭا جەڭ قىلىشقا يېتىپ كەلدى؛ ئۇ ئىستىھكام-قورغانلىرىڭنى بەربات قىلىدۇ.
19يول بويىدا كۆزەت قىل، ئى ئاروئەردە تۇرۇۋاتقان قىز؛ بەدەر تىكىۋاتقان ئەردىن ۋە قېچىۋاتقان قىزدىن: «نېمە بولدى؟» دەپ سورا؛
20«موئاب خىجالەتكە قالدى، چۈنكى ئۇ بىتچىت قىلىندى!» دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. ئاھ-زار تارتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرۈڭلار؛ ئارنوندا: «موئاب ھالاك قىلىندى» ــ دەپ جاكارلاڭلار.
21جازا ھۆكۈمى تۈزلەڭلىك جايلىرى ئۈستىگە چىقىرىلدى؛ ھولون، ياھاز ۋە مەفائات ئۈستىگە،
22دىبون، نېبو ھەم بەيت-دىبلاتائىم ئۈستىگە،
23كىرىئاتايىم، بەيت-گامۇل ھەم بەيت-مېئون ئۈستىگە،
24كېرىئوت، بوزراھ ھەم موئابدىكى يىراق-يېقىن بارلىق شەھەرلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلىدۇ.
25موئابنىڭ مۈڭگۈزى كېسىۋېتىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلىكى سۇندۇرۇلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
26ــ ئۇنى مەست قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ئالدىدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغان؛ موئاب ئۆز قۇسۇقىدا ئېغىناپ ياتسۇن، شۇنىڭ بىلەن رەسۋا قىلىنسۇن.
27چۈنكى سەن موئاب ئىسرائىلنى مازاق قىلغان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئوغرىلار قاتارىدا تۇتۇۋېلىنغانمۇ، سەن ئۇنى تىلغا ئالساڭلا بېشىڭنى چايقايسەن؟!
28شەھەرلەردىن چىقىپ تاش-قىيالار ئارىسىنى تۇرالغۇ قىلىڭلار، ئى موئابدا تۇرۇۋاتقانلار؛ غار ئاغزىدا ئۇۋىلىغان پاختەكتەك بولۇڭلار!
29بىز موئابنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى (ئۇ ئىنتايىن ھاكاۋۇر!)، يەنى ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقى، ھاكاۋۇرلۇقى، كۆڭلىدىكى مەغرۇر-كۆرەڭلىكى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق.
30مەن ئۇنىڭ نوچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق نوچىلىقى كارغا يارىمايدۇ؛ ئۇنىڭ چوڭ گەپلىرى بىكار بولىدۇ.
31شۇڭا مەن موئاب ئۈچۈن زار يىغلايمەن، موئابنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن زار-زار كۆتۈرىمەن؛ كىر-خارەسەتتىكىلەر ئۈچۈن ئاھ-پىغان ئاڭلىنىدۇ؛
32ئى سىبماھتىكى ئۈزۈم تېلى، مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن تەڭ سەن ئۈچۈن يىغلايمەن؛ سېنىڭ پېلەكلىرىڭ سوزۇلۇپ، ئەسلىدە «ئۆلۈك دېڭىز»نىڭ نېرىغا يەتكەنىدى؛ ئۇلار ئەسلىدە يائازەر شەھىرىگىچىمۇ يەتكەنىدى. لېكىن سېنىڭ يازلىق مېۋىلىرىڭگە، ئۈزۈم ھوسۇلۇڭ ئۈستىگە بۇزغۇچى بېسىپ كېلىدۇ.
33شۇنىڭ بىلەن شادلىق ۋە خۇشاللىق موئابنىڭ باغ-ئېتىزلىرىدىن ۋە زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ مەن ئۈزۈم كۆلچەكلەردىن شارابنى يوقىتىمەن؛ ئۈزۈم چەيلىگۈچىلەرنىڭ تەنتەنە ئاۋازلىرى قايتىدىن ياڭرىمايدۇ؛ ئاۋازلار بولسا تەنتەنە ئاۋازلىرى ئەمەس، جەڭ ئاۋازلىرى بولىدۇ.
34چۈنكى نالە-پەريادلار ھەشبوندىن كۆتۈرۈلۈپ، ياھازغىچە ۋە ئېلېئالاھغىچە يېتىدۇ؛ نالە ئاۋازلىرى زوئاردىن كۆتۈرۈلۈپ، ھورونائىمغىچە ۋە ئەگلات-شېلىشىياغىچە يېتىدۇ؛ ھەتتا نىمرىمدىكى سۇلارمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ.
35مەن موئابتا «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلغۇچىلارنى ۋە يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياققۇچىلارنى يوقىتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
36ــ شۇڭا مېنىڭ قەلبىم موئاب ئۈچۈن نەيدەك مۇڭلۇق مەرسىيە كۆتۈرىدۇ؛ مېنىڭ قەلبىم كىر-ھەرەستىكىلەر ئۈچۈنمۇ نەيدەك مۇڭلۇق مەرسىيە كۆتۈرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئىگىلىۋالغان بايلىق-خەزىنىلەر يوقاپ كېتىدۇ.
37ھەممە باش تاقىر قىلدۇرۇلغان، ھەممە ساقال چۈشۈرۈلگەن؛ ھەممە قول تىتما-تىتما كېسىلگەن، ھەممە چاتىراققا بۆز كىيىلگەن.
38موئابنىڭ بارلىق ئۆي ئۆگزىلىرى ئۈستىدە ۋە مەيدانلاردا ماتەم تۇتۇشتىن باشقا ئىش بولمايدۇ؛ چۈنكى مەن موئابنى ھېچكىمگە ياقمايدىغان بىر قاچىدەك چېقىپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
39ــ ئۇلار پىغاندىن زارلىشىدۇ؛ موئاب شۇنچىلىك پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇكى، ئۇ خىجالەتتىن كۆپچىلىككە ئارقىسىنى قىلىدۇ؛ موئاب ئەتراپىدىكى ھەممە تەرىپىدىن رەسۋا قىلىنىدىغان، ۋەھىمە سالغۇچى ئوبيېكت بولىدۇ.
40چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بىرسى بۈركۈتتەك قاناتلىرىنى كېرىپ پەرۋاز قىلىپ، موئاب ئۈستىگە شۇڭغۇپ چۈشىدۇ.
41شەھەرلىرى ئىشغال بولىدۇ، ئىستىھكاملار ئىگىلىۋېلىنىدۇ؛ شۇ كۈنى موئابدىكى پالۋانلارنىڭ يۈرىكى تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭ يۈرىكىدەك بولىدۇ.
42موئاب ئەل قاتارىدىن يوقىتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغان؛
43ۋەھشەت، ئورا ۋە قىلتاق بېشىڭلارغا چۈشۈشنى كۈتمەكتە، ئى موئابدا تۇرۇۋاتقانلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
44ــ ۋەھشەتتىن قاچقان ئورىغا يىقىلىدۇ؛ ئورىدىن چىققان قىلتاققا تۇتۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەنى موئاب ئۈستىگە جازالىنىش يىلىنى چۈشۈرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
45قاچقانلار ھەشبون سېپىلىنىڭ دالدىسىدا تۇرۇپ ئامالسىز قالىدۇ؛ چۈنكى ھەشبوندىن ئوت، ھەم مەھرۇم سىھون پادىشاھنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىن بىر يالقۇن پارتلاپ چىقىدۇ ۋە موئابنىڭ چېكىلىرىنى، سوقۇشقاق خەلقنىڭ باش چوققىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ.
46ھالىڭغا ۋاي، ئى موئاب! كېموشقا تەۋە بولغان ئەل نابۇت بولدى؛ ئوغۇللىرىڭ ئەسىرگە چۈشىدۇ، قىزلىرىڭ سۈرگۈن بولىدۇ.
47لېكىن، ئاخىرقى زامانلاردا موئابنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. موئاب ئۈستىگە چىقىرىدىغان ھۆكۈم مۇشۇ يەرگىچە.