1ــ «بۇ يوللىرىمدىن بۇرۇلاي!» دېسەڭ، ئى ئىسرائىل ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ئەمدى مېنىڭ يېنىمغا بۇرۇلۇپ قايتىپ كەل! ئەگەر بۇ يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆزۈمدىن نېرى قىلساڭ، ۋە شۇنداقلا يولدىن يەنە تېنەپ كەتمىسەڭ،
2ــ ئەگەر سەن: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكىنىڭدە، ئۇ قەسەم ھەقىقەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن بولسا، ئۇنداقتا يات ئەللەرمۇ ئۇنىڭ نامىدا ئۆزلىرىگە بەخت تىلىشىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ پەخىر-شۆھرىتى قىلىدۇ.
3چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «بوز يېرىڭلانى چېپىپ ئاغدۇرۇڭلار؛ تىكەنلىك ئارىسىغا ئۇرۇق چاچماڭلار!
4ئۆزلىرىڭلارنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا سۈننەت قىلىڭلار؛ قەلبىڭلارنى سۈننەت قىلىڭلار، ئى يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار! ــ بولمىسا، مېنىڭ قەھرىم پارتلاپ ئوت بولۇپ سىلەرنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى ئۆچۈرەلەيدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ.
5ــ يەھۇدادا مۇشۇلارنى ئېلان قىلىپ، يېرۇسالېمدا: ــ «زېمىن-زېمىندا كاناي چېلىڭلار!» ــ دەپ جاكارلاڭلار؛ «يىغىلىڭلار! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرەيلى!» ــ دەپ نىدا قىلىڭلار!
6زىئوننى كۆرسىتىدىغان بىر تۇغنى تىكلەڭلار؛ دەرھال قېچىڭلار، كېچىكىپ قالماڭلار! چۈنكى مەن كۈلپەت، يەنى زور بىر ھالاكەتنى شىمالدىن ئېلىپ كېلىمەن.
7شىر ئۆز چاتقاللىقىدىن چىقتى، «ئەللەرنى يوقاتقۇچى» يولغا چىقتى؛ ئۇ ئۆز جايىدىن چىقىپ زېمىنىڭنى ۋەيران قىلىشقا كېلىدۇ؛ شەھەرلىرىڭ ۋەيران قىلىنىپ، ئادەمزاتسىز بولىدۇ.
8بۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىڭلارغا بۆز كىيىم ئوراڭلار، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ نالە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىزدىن يانمىدى!
9شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ پادىشاھنىڭ يۈرىكى، ئەمىرلەرنىڭ يۈرىكىمۇ سۇ بولۇپ كېتىدۇ، كاھىنلار ئالاقزادە بولۇپ، پەيغەمبەرلەر تەئەججۈپلىنىدۇ.
10ــ ئاندىن مەن: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! بەرھەق سەن بۇ خەلقنى، جۈملىدىن يېرۇسالېمنى: «سىلەر ئامان-تىنچ بولىسىلەر» دەپ ئالدىدىڭ؛ ئەمەلىيەتتە بولسا قىلىچ جانغا يېتىپ كەلدى، دېدىم.
11ــ شۇ چاغدا بۇ خەلققە ۋە يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «چۆل-باياۋاندىكى ئېگىزلىكلەردىن چىققان ئىسسىق بىر شامال خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يولىغا قاراپ چۈشىدۇ؛ لېكىن ئۇ خامان سورۇشقا ياكى دان ئايرىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ!
12ــ بۇنىڭدىن ئەشەددىي بىر شامال مەندىن چىقىدۇ؛ مانا، مەن ھازىر ئۇلارغا جازا ھۆكۈملىرىنى جاكارلايمەن.
13مانا، ئۇ توپ بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قارا قۇيۇندەكتۇر، ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېزدۇر! ــ «ھالىمىزغا ۋاي! چۈنكى بىز نابۇت بولدۇق!»
14ــ «ئى يېرۇسالېم، ئۆز قۇتۇلۇشۇڭ ئۈچۈن قەلبىڭنى رەزىللىكتىن يۇيۇۋەت؛ قاچانغىچە كۆڭلۈڭگە بىھۇدە ئوي-خىياللارنى پۈكۈپ تۇرىسەن؟
15چۈنكى دان دىيارىدىن، ئەفرائىمدىكى ئېگىزلىكلەردىنمۇ ئازاب-كۈلپەتنى ئېلان قىلىدىغان بىر ئاۋاز ئاڭلىتىلىدۇ: ــ
16ئۇلار: ئەللەرگە ئېلان قىلىڭلار، يېرۇسالېمغىمۇ ئاڭلىتىڭلار: ــ مانا، قورشاۋغا ئالغۇچىلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇلار يەھۇدا شەھەرلىرىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى كۆتۈرۈشكە تەييار! ــ دەيدۇ.
17ئېتىزلىقنى مۇداپىئە قىلىۋاتقانلاردەك، ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشىۋالىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
18سېنىڭ يولۇڭ ۋە قىلمىشلىرىڭ مۇشۇلارنى ئۆز بېشىڭغا چۈشۈردى؛ بۇ رەزىللىكىڭنىڭ ئاقىۋىتىدۇر؛ بەرھەق، ئۇ ئازابلىقتۇر، يۈرىكىڭگىمۇ سانجىيدۇ!».
19ــ مەن: «ئاھ، ئىچ-باغرىم! ئىچ-باغرىم! تولغاققا چۈشتۈم! ئاھ، كۆڭلۈم ئازابلاندى! يۈرىكىم دۈپۈلدەۋاتىدۇ، سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن؛ چۈنكى مەن كاناينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمەن؛ جەڭ چۇقانلىرى جېنىمغا سانجىدى.
20ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت چۈشتى! پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولدى؛ چېدىرلىرىم دەقىقىدە بەربات قىلىندى، پەردىلىرىم ھايت-ھۇيتنىڭ ئىچىدە يىرتىپ تاشلاندى!
21قاچانغىچە تۇغقا قاراپ تۇرۇشۇم، جەڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىشىم كېرەك؟» ــ دېدىم.
22ــ «چۈنكى مېنىڭ خەلقىم ناداندۇر؛ ئۇلار مېنى ھېچ تونۇمىغان؛ ئۇلار ئەقلى يوق بالىلار، ئۇلار ھېچ يورۇتۇلمىغان؛ رەزىللىككە نىسبەتەن ئۇلار دانادۇر، ئەمما ياخشىلىققا نىسبەتەن ئۇلار بىلىمسىزدۇر».
23ــ «مەن يەر يۈزىگە قارىدىم؛ مانا، ئۇ شەكىلسىز ۋە قۇپ-قۇرۇق بولدى؛ ئاسمانلارغىمۇ قارىدىم، ئۇ نۇرسىز قالدى؛
24تاغلارغا قارىدىم، مانا، ئۇلار زىلزىلىگە كەلدى، بارلىق دۆڭلەر ئەشەددىي سىلكىنىپ كەتتى.
25قاراپ تۇرۇۋەردىم، ۋە مانا، ئىنسان يوق ئىدى، ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلارمۇ ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدى.
26مەن قارىدىم، مانا، باغ-ئېتىزلار چۆل-باياۋانغا ئايلاندى، بارلىق شەھەرلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا، يەنى ئۇنىڭ قاتتىق غەزىپى ئالدىدا ۋەيران بولدى.
27چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولىدۇ؛ ئەمما مەن ئۇنى پۈتۈنلەي يوقاتمايمەن.
28بۇنىڭ تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، يۇقىرىدا ئاسمان قارىلىق بىلەن قاپلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، مەن شۇنداق نىيەتكە كەلگەنمەن؛ مەن ئۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن، ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايمەن؛
29ئاتلىقلار ۋە ئوقيالىقلارنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنى بىلەن ھەربىر شەھەردىكىلەر قېچىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار چاتقاللىقلارغا كىرىپ مۆكۈۋالىدۇ، تاشلار ئۈستىگە چىقىۋالىدۇ؛ بارلىق شەھەرلەر تاشلىنىپ ئادەمزاتسىز قالىدۇ.
30ــ سەن، ئى ھالاك بولغۇچى، نېمە قىلماقچىسەن؟ گەرچە سەن پەرەڭ كىيىملەرنى كىيگەن بولساڭمۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىغان بولساڭمۇ، كۆز-قاشلىرىڭنى ئوسما بىلەن پەردازلىغان بولساڭمۇ، ئۆزۈڭنى ياسىغىنىڭ بىكاردۇر؛ سېنىڭ ئاشىقلىرىڭ سېنى كەمسىتىدۇ؛ ئۇلار جېنىڭنى ئىزدەۋاتىدۇ.
31چۈنكى مەن تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭكىدەك بىر ئاۋازنى، تۇنجى بالىنى تۇغقاندىكىدەك ئازابدا بولغان زىئون قىزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەن؛ ئۇ قوللىرىنى سوزۇپ: «ھالىمغا ۋاي! بۇ قاتىللار تۈپەيلىدىن ھالىمدىن كەتتىم!» دەپ ھاسىرىماقتا.