1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «بارغىن، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈپ بۇ سۆزنى شۇ يەردە قىلغىن: ــ
2پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئى داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇچى، يەھۇدا پادىشاھى ــ سەن، ئەلەمدار-خىزمەتكارلىرىڭ ۋە مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىپ-چىقىدىغان خەلقىڭ، ــ
3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزۈڭلار؛ بۇلانغان كىشىنى ئەزگۈچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار؛ مۇساپىرلارنى، يېتىم-يېسىرلەرنى ۋە تۇل خوتۇنلارنى ھېچ خارلىماڭلار ياكى بوزەك قىلماڭلار، گۇناھسىز قانلارنى بۇ يەردە تۆكمەڭلار.
4سىلەر بۇ ئەمرلەرگە ھەقىقەتەن ئەمەل قىلساڭلار، ئەمدى داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلار، يەنى ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمەلدار-خىزمەتكارلىرى ۋە خەلقى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ ۋە ئاتلارغا مىنىپ بۇ ئۆينىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ چىقىشىدۇ.
5بىراق سىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىمىساڭلار، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ ئوردا بىر خارابە بولىدۇ.
6چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئۆيى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ماڭا خۇددى گىلېئاد، لىۋاننىڭ چوققىسىدەك بولغىنىڭ بىلەن، بەرھەق مەن سېنى بىر چۆل-باياۋان، ئادەملەر ۋاز كەچكەن شەھەرلەردەك قىلىمەن.
7مەن ھەربىرى ياخشى قوراللانغان ۋەيران قىلغۇچىلارنى ساڭا قارشى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار «ئېسىل كېدىرلىرىڭنى» كېسىۋېتىپ، ئوتقا تاشلايدۇ.
8نۇرغۇن ئەللەر بۇ شەھەردىن ئۆتۈپ، ھەربىرى يېقىنىدىن: «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ ئۇلۇغ شەھەرنى بۇنداق قىلغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ.
9ۋە ئۇلار جاۋابەن: «چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئەھدىسىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرگەن» ــ دەيدۇ.
10ئۆلگىنىگە يىغلىماڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زارلىماڭلار؛ بەلكى سۈرگۈن بولغىنى ئۈچۈن قاتتىق يىغلاڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز يۇرتىغا ھېچقاچان قايتىپ كەلمەيدۇ.
11چۈنكى يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئاتىسى يوسىيانىڭ ئورنىغا تەختىگە ئولتۇرغان، بۇ يەردىن سۈرگۈن بولغان شاللۇم توغرۇلۇق پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ھەرگىز بۇ يەرگە قايتمايدۇ؛
12چۈنكى ئۇ ئەسىر قىلىنىپ ئاپىرىلغان يۇرتتا ئۆلىدۇ، ئۇ بۇ زېمىننى ئىككىنچى كۆرمەيدۇ.
13ئۆيىنى ئادىلسىزلىق بىلەن، بالىخانا-راۋاقلىرىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن قۇرغاننىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ قوشنىسىنى بىكار ئىشلىتىپ، ئەمگىكىگە ھېچقانداق ھەق بەرمەيدۇ؛
14ئۇ: «ئۆزۈمگە كەڭتاشا بىر ئوردىنى، ئازادە راۋاقلار بىلەن قوشۇپ سالىمەن؛ تاملىرىغا دېرىزىلەرنى كەڭ چىقىرىمەن؛ تاملىرىنى كېدىر تاختايلار بىلەن بېزەيمەن، ئۆيلىرىنى پەرەڭ سىرلايمەن» ــ دەيدۇ. ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي!
15سەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تاختايلارنى چاپلاپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن بەسلەشسەڭ قانداقمۇ پادىشاھ بولۇشقا لايىق بولىسەن؟ سېنىڭ ئاتاڭ يەپ-ئىچىشكە تەشەككۈر ئېيتىپ، ئادالەت ۋە دۇرۇس ئىشلارنى يۈرگۈزگەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئۇ بۇنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرگەن.
16ئۇ مۆمىنلەرنىڭ ۋە نامراتلارنىڭ دەۋاسىنى توغرا سورىغان؛ شۇڭا خەلقنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئىدى. بۇنداق ئىش مېنى تونۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
17ــ بىراق كۆزۈڭ ۋە كۆڭلۈڭ بولسا پەقەت ئۆز جازانە-مەنپەئەتىڭگە ئېرىشىش، گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش، زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىش پەيتىنى كۆزلەپ تىكىلگەندۇر.
18شۇڭا پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ خەلق ئۇنىڭ ئۆلۈمىدە: «ئاھ، ئاكام! ئاھ، سىڭلىم!» دەپ ئاھ-زارلار كۆتۈرمەيدۇ؛ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن: «ئاھ، بېگىم! ئاھ، ئۇنىڭ ھەيۋىسى!» دەپ ئاھ-زارلار كۆتۈرمەيدۇ؛
19ئۇ ئېشەكنىڭ دەپنىسىدەك كۆمۈلىدۇ، جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنىڭ سىرتىغا چۆرۈپ تاشلىنىدۇ.
20لىۋانغا چىقىپ پەرياد قىل، باشاندا ئاۋازىڭنى كۆتۈر، ئابارىمنىڭ چوققىلىرىدىنمۇ نالە كۆتۈر؛ چۈنكى سېنىڭ «ئاشنىلىرىڭ»نىڭ ھەممىسى نابۇت قىلىندى.
21مەن ئامان-ئېسەن تۇرغىنىڭدا ساڭا ئاگاھلاندۇردۇم؛ لېكىن سەن: «ئاڭلىمايمەن!» ــ دېدىڭ. ياشلىقىڭدىن تارتىپلا بۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالماسلىق دەل سېنىڭ يولۇڭ بولۇپ كەلگەن.
22شامال بارلىق «باققۇچى»لىرىڭغا «باققۇچى» بولۇپ ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشنىلىرىڭ سۈرگۈن بولۇشقا چىقىدۇ؛ بەرھەق، سەن شۇ چاغدا بارلىق رەزىللىكىڭ تۈپەيلىدىن خىجىل بولۇپ رەسۋا بولىسەن.
23ئى «لىۋان»دا تۇرغۇچى، كېدىر دەرەخلىرى ئۈستىگە ئۇۋىلىغۇچى، سەن تولغاق تۇتقان ئايالنىڭ ئازابلىرىدەك، دەرد-ئەلەملەر بېشىڭغا چۈشكەندە قانچىلىك ئىڭراپ كېتەرسەن!
24ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سەن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى كونىيا ھەتتا ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، مەن سېنى شۇ يەردىن يۇلۇپ تاشلايمەن؛
25مەن سېنى جېنىڭنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا ۋە سەن قورققان ئادەملەرنىڭ قولىغا، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا ۋە كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن.
26مەن سېنى ھەم سېنى تۇغقان ئاناڭ ئىككىڭلارنى ئۆزۈڭلار تۇغۇلمىغان يات بىر يۇرتقا چۆرىۋېتىمەن؛ سىلەر شۇ يەردە ئۆلىسىلەر.
27جېنىڭلار قايتىپ كېلىشكە شۇنچە تەشنا بولغان بۇ زېمىنغا بولسا، سىلەر ھەرگىز قايتىپ كېلەلمەيسىلەر.
28كونىيا دېگەن بۇ كىشى چېقىلغان، نەزەرگە ئېلىنمايدىغان ساپال كوزىمۇ؟ ھېچكىم قارىمايدىغان بىر قاچىمۇ؟ ئەمدى نېمىشقا ئۇلار، يەنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ نەسلى بولغانلار چۆرىۋېتىلگەن، ئۇلار تونۇمايدىغان بىر يۇرتقا تاشلىۋېتىلىدۇ؟
29ئى زېمىن، زېمىن، زېمىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا!
30پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ ئادەم «پەرزەنتسىز، ئۆز كۈنىدە ھېچ غەلىبە قىلالمىغان بىر ئادەم» دەپ يازغىن؛ چۈنكى ئۇنىڭ نەسلىدىن ھېچقانداق ئادەم غەلىبە قىلىپ، داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇپ يەھۇدا ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرمەيدۇ.