Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 10

لۇقا 10:3-39

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3مېڭىڭلار! مەن قوزىلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك سىلەرنى ئەۋەتىمەن.
4ھەميان، خۇرجۇن ۋە كەشلەر ئالماڭلار؛ يولدا كىشىلەر بىلەن سالاملىشىشقا توختىماڭلار.  
5قايسى ئۆيگە كىرسەڭلار، ئالدى بىلەن‫‪:‬‬ «مۇشۇ ئۆيدىكىلەرگە ئاراملىق بولغاي!» دەڭلار.
6ئۇ ئۆيدە «ئاراملىق ئىگىسى» بولسا، تىلىگەن ئاراملىقىڭلار شۇ ئۆيگە قونىدۇ؛ ئەگەر بولمىسا، ئۇ ئاراملىق ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ.
7ئاندىن چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇپ يۆتكەلمەڭلەر، شۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىڭلار، چۈنكى ئىشلەمچى ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر. ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار.  
8سىلەر قايسى شەھەرگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى قوبۇل قىلسا، ئۇلار ئالدىڭلارغا نېمە قويسا شۇنى يەڭلار.
9ئۇ يەردىكى كېسەللەرنى ساقايتىپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬ «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە يېقىنلاشتى!» دەڭلار.
10بىراق سىلەر قايسى شەھەرگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارنىڭ رەستە‫‪‎-‎‬‬كوچىلىرىغا چىقىپ كۆپچىلىككە‫‪:‬‬
11«سىلەرگە ئاگاھ بولسۇن ئۈچۈن ھەتتا شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا چاپلاشقان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز! ھالبۇكى، شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە راستتىنلا يېقىنلاشتى!» ــ دەڭلار.   
12مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، شۇ كۈنى ھەتتا سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى بۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ.
13ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت‫‪‎-‎‬‬سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى.
14قىيامەت كۈنىدە تۇر ۋە زىدوندىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ.
15ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر!
16ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە‫‪:‬‬ ــ كىمدەكىم سىلەرنى تىڭشىسا، مېنىمۇ تىڭشىغان بولىدۇ؛ كىمدەكىم سىلەرنى چەتكە قاقسا، مېنىمۇ چەتكە قاققان بولىدۇ؛ كىم مېنى چەتكە قاققان بولسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ چەتكە قاققان بولىدۇ، ــ دېدى.
17يەتمىش مۇخلىس خۇشال‫‪‎-‎‬‬خۇراملىق ئىچىدە قايتىپ كېلىپ‫‪:‬‬ ــ ئى رەب! ھەتتا جىنلارمۇ سېنىڭ نامىڭ بىلەن بىزگە بويسۇنىدىكەن! ــ دەپ مەلۇم قىلدى.
18ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ مەن شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنمەن.   
19مانا، مەن سىلەرگە يىلان‫‪‎-‎‬‬چايانلارنى دەسسەپ يانجىشقا ۋە دۈشمەننىڭ بارلىق كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرىتىنى بېسىپ تاشلاشقا ھوقۇق بەردىم. ھېچقاچان ھېچقانداق نەرسە سىلەرگە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ.   
20لېكىن سىلەر روھلارنىڭ سىلەرگە بويسۇنغانلىقى تۈپەيلىدىن شادلانماڭلار، بەلكى نامىڭلارنىڭ ئەرشلەردە پۈتۈلگەنلىكى تۈپەيلىدىن شادلىنىڭلار، ــ دېدى.
21شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا روھتا خۇشاللىنىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ «ئاسمان‫‪‎-‎‬‬زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى مەدھىيىلەيمەن! بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى.  
22ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنىڭ كىملىكىنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ۋە ئاتىنىڭمۇ كىملىكىنى ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ».
23ئاندىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا بۇرۇلۇپ، ئۇلارغا ئاستىغىنا‫‪:‬‬ سىلەر كۆرۈۋاتقان ئىشلارنى كۆرگەن كۆزلەر نەقەدەر بەختلىكتۇر!   
24چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار سىلەر كۆرگەن ئىشلارنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغىنى بىلەن ئۇلارنى كۆرمىگەن؛ ۋە سىلەر ئاڭلاۋاتقان ئىشلارنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغىنى بىلەن، ئۇلارنى ئاڭلاپ باقمىغان، ــ دېدى.
25ۋە مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.
26ئۇ جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ تەۋرات قانۇنىدا نېمە پۈتۈلگەن؟ بۇنىڭغا ئۆزۈڭ قانداق قارايسەن؟ ــ دېدى.
27ھېلىقى كىشى جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ ۋە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ دېدى.  
28ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ توغرا جاۋاب بەردىڭ. مانا شۇنداق قىلساڭ ھايات بولىسەن، ــ دېدى.
29لېكىن ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ئىسپاتلىماقچى بولۇپ، ئەيسادىن يەنە سوراپ‫‪:‬‬ ــ ئەمدى «مېنىڭ قوشنام» كىمدۇر؟ ــ دېدى.
30ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ بىر ئادەم يېرۇسالېمدىن يېرىخو شەھىرىگە چۈشۈۋېتىپ، يولدا قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى يارىلاندۇرۇپ، چالا ئۆلۈك ھالدا تاشلاپ كېتىپتۇ.
31ۋە شۇنداق بولدىكى، مەلۇم بىر كاھىن شۇ يولدىن چۈشۈۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
32شۇنىڭدەك بىر لاۋىيلىق روھانىي بۇ يەرگە كەلگەندە، يېنىغا كېلىپ قاراپ قويۇپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
33لېكىن سەپەردە بولغان بىر سامارىيەلىك ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ
34ۋە ئالدىغا بېرىپ، جاراھەتلىرىگە ماي ۋە شاراب قۇيۇپ، تېڭىپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۇلىغىقا مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ.
35ئەتىسى يولغا چىققاندا، ئىككى كۈمۈش دىنارنى ئېلىپ سارايۋەنگە بېرىپ‫‪:‬‬ «ئۇنىڭغا قاراپ قويۇڭ، بۇنىڭدىن ئارتۇق چىقىم بولسا، قايتىشىمدا سىزگە تۆلەيمەن» دەپتۇ.
36ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ئۇستازدىن‫‪:‬‬ ــ سېنىڭچە، بۇ ئۈچ ئادەم ئىچىدە قايسىسى قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ھېلىقى كىشىگە ھەقىقىي قوشنا بولغان؟ ــ دەپ سورىدى.
37ــ ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن كىشى، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۇنداق بولسا، سەن ھەم بېرىپ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلغىن، ــ دېدى.
38ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە يولدا كېتىۋېتىپ، مەلۇم بىر يېزىغا كىردى. ئۇ يەردە مارتا ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنى ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلدى.
39مارتانىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇ ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى تىڭشىۋاتاتتى.

Read لۇقا 10لۇقا 10
Compare لۇقا 10:3-39لۇقا 10:3-39