Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - قانۇن‭ ‬شەرھى

قانۇن‭ ‬شەرھى 8

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا سىلەر ھايات بولىسىلەر، كۆپىيىسىلەر ۋە پەرۋەردىگار ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر.
2پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى تۆۋەن قىلىپ، كۆڭلۈڭدە نېمە بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتىدىغان‫‪‎-‎‬‬تۇتمايدىغانلىقىڭنى بىلەي دەپ سېنى سىناش ئۈچۈن بۇ قىرىق يىل چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندا يېتەكلىگەن يولنى ئەسلىگىن.
3دەرۋەقە ئۇ سېنى تۆۋەن قىلىپ، سېنى ئاچ قويۇپ، سەن ئەسلىدە بىلمەيدىغان، شۇنداقلا ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان؛ ئۇ ساڭا ئىنسان پەقەت يېمەكلىك بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاغزىدىن چىققان بارلىق سۆزلىرى بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى.   
4بۇ قىرىق يىلدا كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچىكىڭ كونىرىمىدى، پۇتۇڭ ئىششىپ كەتمىدى.
5سەن شۇنى بىلىپ قويغىنكى، ئادەم ئۆز ئوغلىنى تەربىيىلىگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى تەربىيىلەيدۇ؛
6شۇڭا سەن ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقىن.
7چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ياخشى بىر زېمىنغا ــ ئېرىق‫‪‎-‎‬‬ئېقىنلىرى، بۇلاقلىرى ۋە جىلغا‫‪‎-‎‬‬دۆڭلەردە ئۇرغۇپ چىقىدىغان ئۇلۇغ سۇلىرى بار بىر زېمىنغا ــ
8بۇغداي ۋە ئارپا، ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر دەرەخلىرى ۋە ئانارلىرى بار بىر زېمىنغا، زەيتۇن دەرەخلىرى ۋە ھەسەل بار بىر زېمىنغا،
9ــ سەن ھېچنىمىدىن كەملىك تارتماي ئوزۇقلۇق يەيدىغان بىر زېمىنغا ــ تاشلىرى تۆمۈر، تاغلىرىدىن مىس كولايدىغان بىر زېمىنغا يېتەكلەپ كىرىدۇ؛
10سەن شۇ يەردە يەپ تويۇنىسەن ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلغان شۇ ياخشى زېمىن ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە ئېيتىسەن.
11مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرى، بەلگىلىمىلىرى ھەم ھۆكۈملىرىنى تۇتماسلىقتىن، ئۇنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ھېزى بول؛
12بولمىسا، سەن يەپ تويۇنغاندىن كېيىن، ئېسىل ئۆيلەرنى قۇرۇپ ئۇلاردا ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن،
13كالا‫‪‎-‎‬‬قوي پادىلىرىڭ كۆپىيىپ، ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈشۈڭ، شۇنداقلا سېنىڭ بارلىقىڭ كۆپەيگەندىن كېيىن،
14كۆڭلۈڭ مەغرۇرلىنىپ سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى ئۇنتۇيسەن؛
15(ئۇ سېنى بىپايان ۋە دەھشەتلىك چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندىن، يەنى زەھەرلىك يىلانلار ۋە چايانلار قاپلاپ كەتكەن، سۇسىراپ قاغجىراپ كەتكەن بىر چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندىن يېتەكلەپ چىققان، شۇ يەردە ساڭا چاقماق تېشىدىن سۇ چىقىرىپ بەرگەن،   
16سېنى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسۇن دەپ سىناپ، ساڭا ئاخىر راھەت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندا ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان)
17ــ ئەگەر ئۇنى ئۇنتۇساڭ، كۆڭلۈڭدە‫‪:‬‬ «ئۆز كۈچۈم، ئۆز قولۇمنىڭ قۇدرىتى مېنى مۇشۇ دۆلەتكە ئېرىشتۈرگەن» دېيىشىڭ مۇمكىن.
18شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆزى سېنى دۆلەتكە ئېرىشتۈرگۈچى قۇدرەتنى بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۇنى ئېسىڭدە تۇت؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان ئەھدىنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك مەھكەم قىلىدۇ.

19ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى قاچانىكى ئۇنتۇساڭ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگەشسەڭ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ ئۇلارغا باش ئۇرساڭ، مەن سىلەرگە بۈگۈن شۇ ئاگاھنى بېرەيكى، شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر تەلتۆكۈس ھالاك بولىسىلەر.
20پەرۋەردىگار كۆز ئالدىڭلاردا يوقىتىۋاتقان ئەللەردەك سىلەرمۇ يوقىتىلىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغانسىلەر.