Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - قانۇن‭ ‬شەرھى

قانۇن‭ ‬شەرھى 15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ھەربىر يەتتە يىلنىڭ ئاخىرىدا سەن بىر «خالاس قىلىش»نى جاكارلىغىن.
2بۇ «خالاس قىلىش» مۇنداق بولىدۇ‫‪:‬‬ ــ بارلىق قەرز ئىگىلىرى قوشنىسىغا بەرگەن قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك؛ ئۇنى قوشنىسىدىن ياكى قېرىندىشىدىن تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىدا بىر «خالاس قىلىش» جاكارلاندى.
3چەتئەللىكتىن بولسا تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ؛ لېكىن قېرىندىشىڭدا بولغان قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشىڭ كېرەك.
4ھالبۇكى، ئاراڭلاردا ھاجەتمەنلەر بولمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەرگە مىراس بولۇش ئۈچۈن ئىگىلىشىڭلارغا بېرىدىغان شۇ زېمىندا تۇرغىنىڭدا سېنى زىيادە بەرىكەتلەيدۇ؛
5پەقەت سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ پۈتۈن ئەمرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەڭلار شۇنداق بولىدۇ.
6چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ۋەدە قىلغاندەك ئۇ سېنى بەرىكەتلەيدۇ؛ سەن كۆپ ئەللەرگە كاپالەتلىك ئېلىپ قەرز بېرىسەن، لېكىن ئۇلاردىن قەرز ئالمايسەن؛ سەن كۆپ ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىسەن، لېكىن ئۇلار ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم سۈرمەيدۇ.
7پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزاڭلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىڭ ئارىسىدىن كەمبەغەل بىر ئادەم بولسا، سەن ئۇنىڭغا كۆڭلۈڭنى قاتتىق قىلما ياكى ھاجىتى چۈشكەن قېرىندىشىڭغا قولۇڭنى يۇمۇۋالما؛
8سەن بەلكى سېخىيلىق بىلەن ئۇنىڭغا قولۇڭنى ئوچۇق قىل ۋە ئۇنىڭدا نېمە كەم بولسا چوقۇم ھاجىتىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئۆتنە بېرىپ تۇر.
9كۆڭلۈڭدە نامرات قېرىندىشىڭدىن ئاغرىنىپ‫‪:‬‬ يەتتىنچى يىل، يەنى «خالاس يىلى» يېقىنلاشتى، دەپ رەزىل ئويدا بولۇشتىن، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە بەرمەسلىكتىن ھېزى بول؛ شۇنداق بولۇپ قالسا ئۇ سېنىڭ توغراڭدا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرۈشى بىلەن بۇ ئىش ساڭا گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.
10سەن چوقۇم ئۇنىڭغا سېخىيلىق بىلەن بەرگىن؛ ئۇنىڭغا بەرگىنىڭدە كۆڭلۈڭدە نارازى بولما؛ چۈنكى بۇ ئىش ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بارلىق ئىشلىرىڭدا ۋە قولۇڭدىكى بارلىق ئەمگىكىڭدە بەرىكەتلەيدۇ.
11چۈنكى كەمبەغەللەر زېمىندىن يوقاپ كەتمەيدۇ؛ شۇڭا مەن ساڭا‫‪:‬‬ «سەن سېخىيلىق بىلەن زېمىندىكى قېرىندىشىڭغا، يەنى سېنىڭ نامراتلىرىڭغا ۋە ھاجەتمەنلىرىڭگە قولۇڭنى ئاچقىن» ــ دەپ تاپىلىدىم.
12سېنىڭ قېرىندىشىڭ، مەيلى ئىبرانىي ئەر ياكى ئىبرانىي ئايال بولسۇن ساڭا سېتىلغان بولسا، ئۇ ئالتە يىل قۇللۇقۇڭدا بولىدۇ، ئاندىن يەتتىنچى يىلىدا سەن ئۇنى ئۆزۈڭدىن خالاس قىلىپ قويۇۋەت.
13ئۇنى قويۇۋەتكەندە قۇرۇق قول قويۇۋەتسەڭ بولمايدۇ؛
14سەن چوقۇم قويلىرىڭدىن، خامىنىڭدىن ۋە شاراب كۆلچىكىڭدىن تەقدىم قىلىشىڭ كېرەك؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگىنى بويىچە سەن ئۇنىڭغا بەر.
15سېنىڭ ئەسلىدە مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغانلىقىڭنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغانلىقىنى يادىڭدا تۇت؛ شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ ئىشنى ساڭا تاپىلىدىم.
16ھالبۇكى، شۇ قۇلۇڭ ساڭا‫‪:‬‬ «مەن سەندىن كەتمەيمەن» دېسە (چۈنكى ئۇ سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى سۆيىدۇ، سېنىڭ بىلەن ھالى ياخشى بولىدۇ)
17ــ شۇ چاغدا سەن بىگىزنى ئېلىپ ئۇنىڭ قۇلىقىنى ئىشىكتە تەش. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەڭگۈگە سېنىڭ قۇلۇڭ بولىدۇ. شۇنىڭدەك دېدىكىڭگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلغىن.
18قۇلۇڭنى يېنىڭدىن قويۇۋېتىش ساڭا ئېغىر كەلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ قۇللۇقۇڭدا ئالتە يىل بولغاچقا، قىممىتى مەدىكارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ؛ ئۇنى قويۇۋەتسەڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بارلىق ئىشلىرىڭدا سېنى بەرىكەتلەيدۇ.

19كالىلىرىڭ ۋە قويلىرىڭ ئارىسىدا تۇغۇلغان بارلىق تۇنجى ئەركەك موزاي‫‪‎-‎‬‬قوزىلىرىڭنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتا؛ كالىلىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى ھېچقانداق ئەمگەككە سالما، قويلىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى قىرقىما.
20سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلەر ھەر يىلى شۇ مېلىڭنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا يەڭلار.
21بىراق شۇ ھايۋانلارنىڭ بىر يېرى مېيىپ بولسا، مەيلى ئۇ مەجرۇھ ، كور ياكى ئۇنىڭدا ھەرقانداق نۇقسان بولسا، ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا قۇربانلىق قىلماسلىقىڭ كېرەك.
22بەلكى ئۇنى شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزاڭلار ئىچىدە يېسەڭ بولىدۇ؛ كىشىلەر مەيلى پاك ياكى ناپاك بولسۇن، ئۇنى جەرەن ياكى كېيىكنى يېگەندەك يېسە بولىدۇ.
23پەقەت سەن ئۇنىڭ قېنىنى يېمە؛ قېنىنى سۇنى يەرگە تۆككەندەك تۆكۈۋەت.