Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - قانۇن‭ ‬شەرھى

قانۇن‭ ‬شەرھى 17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ھەرقانداق نۇقسانى ياكى باشقا كەمچىلىكى بولغان كالا ياكى قوينى قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى ئۇنداق قىلىش پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا يىرگىنچلىكتۇر.
3پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزاڭ ئىچىدە ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بىرسىنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا بىرەر رەزىل ئىشنى قىلغانلىقى ــ ئۇنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، باشقا ئىلاھلارغا (مەسىلەن، مەن ساڭا ئىبادەت قىلىشقا مەنئى قىلغان قۇياش، ئاي ياكى پۈتكۈل ساماۋى قوشۇن بولغان يۇلتۇزلارغا)، ئىبادەت قىلىپ ئۇلارغا باش ئۇرغانلىقى بايقالسا،   
4ــ شۇنداق بىر ئىشتىن خەۋەر تاپقان ياكى ئۇنى ئاڭلىغان بولساڭ، ئۇنداقتا سەن ئەستايىدىللىق بىلەن سۈرۈشتۈرگىن؛ بۇ ئىش ئىسپاتلىنىپ راست چىقسا، دەرۋەقە ئىسرائىلدا شۇنداق يىرگىنچلىك ئىش قىلىنغان بولسا،
5سەن شۇ رەزىل ئىشنى قىلغان ئەر ياكى ئايالنى دەرۋازىلىرىڭغا ئېلىپ چىقىپ، شۇ ئەر ياكى ئايالنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلىشىڭ كېرەك.
6بىرسىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن ئىككى‫‪‎-‎‬‬ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزلىرى بولۇشى كېرەك. بىرسىنى بىرلا گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ.
7ئۆلتۈرۈلىدىغاندا ئاۋۋال گۇۋاھچىلار قول سالسۇن، ئاندىن بارلىق خەلق قول سالسۇن؛ شۇنداق قىلساڭلار سىلەر رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن ھەيدىۋېتىسىلەر.
8شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزاڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىشقا ساڭا تەس كېلىدىغان بىر ئىش چىقسا، مەيلى خۇن دەۋاسى، ھەق‫‪‎-‎‬‬تەلەپ دەۋاسى ياكى زوراۋانلىق دەۋاسىدا، ھەرقانداق تالاش‫‪‎-‎‬‬تارتىش بولسا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايغا بېرىڭلار.   
9سىلەر لاۋىي كاھىنلارنىڭ ۋە شۇ چاغدا بولىدىغان سوراقچى بەگنىڭ يېنىغا بارىسىلەر ۋە ئۇلاردىن ھۆكۈم سورايسىلەر؛ ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
10سىلەر پەرۋەردىگار تاللايدىغان ئاشۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ سىلەرگە تاپشۇرىدىغان ھۆكۈم سۆزى بويىچە ئىجرا قىلىسىلەر؛ ئۇلارنىڭ سىلەرگە كۆرسەتكىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلار كېرەك.
11سىلەر ئۇلارنىڭ سىلەرگە كۆرسەتكەن قانۇن ھۆكۈمى بويىچە، چىقىرىدىغان قارارى بويىچە قىلىسىلەر؛ ئۇلار سىلەرگە تاپشۇرىدىغان سۆزدىن ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەڭلار.
12ۋە باشباشتاقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن شۇ يەردە تۇرىدىغان كاھىنغا ياكى سوراقچى بەگكە قۇلاق سالمىغان كىشى بولسا، شۇ ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر رەزىللىكنى ئىسرائىلدىن ھەيدەپ چىقىرىسىلەر.
13شۇنداقلا، بارلىق خەلق بۇلارنى ئاڭلاپ قورقىدۇ ۋە يەنە باشباشتاقلىق قىلمايدۇ.
14سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلىگەندە، شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغاندا‫‪:‬‬ «مەن ئەتراپىمدىكى ئەللەرنىڭكىدەك ئۆزۈمگە بىر پادىشاھ تىكلىمەكچىمەن» دېسەڭ،
15شۇ چاغدا سەن ئۆزۈڭگە پەقەت پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغىنىنى تىكلەيسەن؛ ئۈستۈڭگە قېرىنداش بولمىغان چەتئەللىكنى بېكىتمەسلىكىڭ كېرەك.
16پادىشاھ بولسا ئۆزى ئۈچۈن ئاتلارنى كۆپەيتمەسلىكى ياكى ئاتلارنى كۆپەيتىمەن دەپ خەلقنى مىسىرغا قايتۇرماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە‫‪:‬‬ «سىلەر شۇ يول بىلەن ھەرگىز قايتماسلىقىڭلار كېرەك» دېگەنىدى.
17پادىشاھ كۆپ ئاياللارنى ئۆز ئەمرىگە ئالماسلىقى كېرەك؛ بولمىسا ئۇنىڭ كۆڭلى ئېزىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈشنى كۆپەيتمەسلىكى كېرەك.
18پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغىنىدا ئۇ ئۆزى ئۈچۈن لاۋىي كاھىنلارنىڭ ئالدىدا مۇشۇ قانۇننى بىر دەپتەرگە كۆچۈرۈپ پۈتۈشى كېرەك.
19شۇ دەپتەر ئۇنىڭ يېنىدا دائىم بولۇشى ۋە ئۇنى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئوقۇشى كېرەك؛ شۇنداق قىلسا ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىدىن قورقۇپ، مۇشۇ قانۇننىڭ سۆزلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.

20شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆڭلى قېرىنداشلىرى ئالدىدا ھاكاۋۇرلىشىپ كەتمەيدۇ، بۇ ئەمرلەردىن ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەيدۇ ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىل ئارىسىدا ئۇنىڭ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پادىشاھلىق كۈنلىرى كۆپ بولىدۇ.