Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - قانۇن‭ ‬شەرھى

قانۇن‭ ‬شەرھى 32

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1«قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئاسمانلار، مەن سۆزلەي؛ ئاغزىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلا، ئى يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىن!
2تەلىمىم بولسا يامغۇردەك ياغىدۇ، سۆزلىرىم شەبنەمدەك تامىدۇ، يۇمران ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپ ئۈستىگە چۈشكەن سىم‫‪‎-‎‬‬سىم يامغۇردەك، كۆكزارلىقنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن خاسىيەتلىك يامغۇردەك بولىدۇ.
3چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى بايان قىلىمەن؛ ئەمدى خۇدايىمىزنى ئۇلۇغ دەپ جاكارلاڭلار!
4ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ئەمەللىرى مۇكەممەلدۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق يوللىرى ھەققانىيدۇر. ئۇ ناھەقلىقى يوق، ۋاپادار بىر خۇدا، ئادىل ۋە دىيانەتلىكتۇر.
5ئەمما ئۆز خەلقى ئۇنىڭغا بۇزۇقلۇق قىلدى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇنىڭ ئۆز بالىلىرىنىڭكىدەك بولمىدى ــ مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەيىبىدۇر! ئۇلار ئەگرى ۋە ئىپلاس بىر نەسىلدۇر!
6ئەي ئەخمەق ۋە نادان خەلق، پەرۋەردىگارنىڭ ياخشىلىقىنى شۇنداق ياندۇرامسەن؟ ئۇ سېنى بەدەل تۆلەپ ھۆر قىلغان ئاتاڭ ئەمەسمۇ؟ ئۇ سېنى يارىتىپ، سېنى تىكلىگەن ئەمەسمۇ؟
7ئۆتكەن كۈنلەرنى ئېسىڭگە ئالغىن، دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگىچە ئۆتكەن يىللارنى ئويلىغىن؛ ئاتاڭدىن سورا، ئۇ ساڭا دەپ بېرىدۇ؛ ئاقساقاللىرىڭغا سوئال قوي، ئۇلار سېنى خەۋەرلەندۈرىدۇ.
8ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئەللەرنىڭ ئۈلۈشىنى ئۇلارغا ئۈلەشتۈرگەندە، ئادەمئاتىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىدىن بۆلگىنىدە، ئۇ خەلقلەرنىڭ چېگرىلىرىنى ئىسرائىل بالىلىرىنىڭ سانىغا قاراپ بېكىتكەن.
9چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نېسىۋىسى بولسا ئۇنىڭغا خاس بولغان خەلقىدۇر؛ ياقۇپ خۇددى چەك تاشلىنىپ چىققاندەك، ئۇنىڭ مىراسىدۇر.
10ئۇ ئۇنى چۆل بىر زېمىندا، شامال ھۇۋلايدىغان دەھشەتلىك بىر باياۋاندا ئۇنى تاپتى؛ ئۇنى ئوراپ ئەتراپىدا قوغداپ تۇردى، ئۇنى كۆز قارىچۇقىدەك ساقلىدى؛
11خۇددى بۈركۈت ئۆز چاڭگىسىنى تەۋرىتىپ، بالىلىرىنىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلىپ، قاناتلىرىنى يېيىپ ئۇلارنى پەيلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرگىنىدەك،
12پەرۋەردىگارمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق يالغۇز يېتەكچىلىك قىلدى؛ ھېچقانداق يات ئىلاھ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمەس ئىدى.
13ئۇ ئۇنى يەر يۈزىنىڭ ئېگىز جايلىرىغا مىندۈردى، ۋە ئۇ ئېتىزلىقنىڭ مەھسۇلاتىدىن يېدى، ئۇ ئۇنىڭغا قىيا تاشتىن ھەسەل شورىتىپ، چاقماق تېشىدىن زەيتۇن مېيى شوراتتى؛
14ساڭا كالا قايمىقى بىلەن قوي سۈتىنى ئىچكۈزۈپ، قوزىلارنىڭ يېغىنى، باشاندىكى قوچقارلار ۋە تېكىلەرنىڭ گۆشىنى يېگۈزۈپ، ئېسىل بۇغداينىڭ ئېسىل دانلىرىدىن يېگۈزدى، سەن بولساڭ ئۈزۈم قېنى بولغان ساپ شارابنى ئىچتىڭ.
15لېكىن يەشۇرۇن سەمرىپ تەپكەك بولۇپ قالدى؛ بەرھەق، سەن سەمرىپ كەتتىڭ، بوردىلىپ كەتتىڭ، تويۇنۇپ كەتتىڭ! ئۇ ئۆزىنى ياراتقان تەڭرىنى تاشلاپ، ئۆز نىجاتىنىڭ قورام تېشىنى كۆزگە ئىلمىدى.
16ئۇلار بولسا يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىنى قوزغىدى، يىرگىنچلىك ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.
17ئۇلار ئىگە‫‪‎-‎‬‬تەڭرىسى ئەمەس جىنلارغا، ئۆزى بىلمەيدىغان ئىلاھلارغا، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمۇ قورقمايدىغان، يېڭى پەيدا بولۇپ قالغان ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلدى.
18سەن ئۆزۈڭنى تۆرەلدۈرگەن قورام تاشنى كۆڭلۈڭدىن چىقاردىڭ، سېنى ئاپىرىدە قىلغان تەڭرىنى ئۇنتۇدۇڭ.

19پەرۋەردىگار بۇنى كۆرۈپ، ئوغۇل‫‪‎-‎‬‬قىزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگىنىدىن، ئۇلاردىن بىزار بولۇپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
20«مەن ئۇلاردىن يۈزۈمنى يوشۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرۈپ باقاي؛ چۈنكى ئۇلار ئىپلاس بىر نەسىلدۇر، قەلبىدە ۋاپادارلىقى يوق بالىلاردۇر.
21ئىگە‫‪‎-‎‬‬تەڭرىسى ئەمەسلەر بىلەن ھەسىتىمنى كەلتۈردى، ئەرزىمەس مەبۇدلىرى بىلەن قەھرىمنى قوزغىدى؛ شۇڭا «ھېچ خەلق ئەمەس» بولغان بىر خەلق ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايمەن، نادان بىر ئەل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىمەن.  
22چۈنكى مېنىڭ غەزىپىمدىن بىر ئوت تۇتاشتى؛ ئۇ تەھتىسارانىڭ تېگىگىچە كۆيۈپ بارىدۇ، ئۇ يەر بىلەن ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى يەپ كېتىدۇ، ۋە تاغلارنىڭ ئۇللىرىنىمۇ تۇتاشتۇرىدۇ.
23مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بالايىئاپەتلەرنى دۆۋىلەيمەن؛ يا‫‪‎-‎‬‬ئوقلىرىمنى بىرنى قويماي ئۇلارغا ئاتىمەن.
24ئۇلار ئاچارچىلىقتىن يېگىلەپ كېتىدۇ، تومۇز ئىسسىق ۋە ۋابانىڭ نەشتەرلىرى تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلارغا قارشى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ چىشلىرىنى، توپىدا ئۆمىلىگۈچىلەرنىڭ زەھىرىنى ئەۋەتىمەن.
25تاشقىرىدا قىلىچ ئۇلارنى مۇسىبەتكە سالىدۇ، ئىچكىرىدە ۋەھىمە باسىدۇ؛ ئۇ يىگىت بىلەن قىزنى، ئەمچەكتىكى بالا بىلەن ئاق چاچلىقنى ھەممىسىنى يوقىتىدۇ.
26مەن‫‪:‬‬ «ئۇلارنى چېپىۋېتىمەن، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارنىڭ نامىنى ئۆچۈرىمەن» ــ دەيتتىم،
27بىراق دۈشمەننىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقتۇم؛ ئىسرائىلنىڭ رەقىبلىرى بۇ ئىشنى خاتا چۈشىنىپ‫‪:‬‬ ــ بۇ ئىش بىزنىڭ قولىمىزنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن بولغان بولسا كېرەك، پەرۋەردىگار بۇنى ھېچ قىلمىدى» دېمىسۇن دەپ، بۇ ئىشنى قىلمىدىم.
28ئىسرائىل نەسىھەتتىن مەھرۇم بولغان بىر ئەل، ئۇلارنىڭ ھېچ ئەقىل‫‪‎-‎‬‬پەمى يوقتۇر.
29ئاھ، ئۇلار دانا بولسىدى! شۇنداق بولسا بۇنى چۈشىنىپ، ئۆز ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغىنىنى ئويلايتتى!
30ئەگەر ئۇلارنىڭ قورام تېشى ئۇلارنى سېتىۋەتمىگەن بولسا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ بەرمىگەن بولسا، بىر كىشى قانداقمۇ مىڭ كىشىنى ئۆز ئالدىدىن ھەيدىيەلەيتتى؟، ئىككى كىشى قانداقمۇ ئون مىڭ كىشىنى قاچۇرالايتتى؟
31چۈنكى باشقىلارنىڭ قورام تېشى بولسا بىزنىڭ قورام تېشىمىزدەك ئەمەستۇر. بۇنىڭغا دۈشمەنلىرىمىز ئۆزلىرى گۇۋاھلىق بەرسۇن!
32چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تېلى سودومنىڭ ئۈزۈم تېلىدىن، گوموررانىڭ ئېتىزلىقلىرىدىن چىققاندۇر؛ ئۈزۈملىرى زەھەرلىك ئۈزۈملەردۇر، ئۇلارنىڭ ھەربىر ساپىقى ئاچچىقتۇر،
33شارابى بولسا ئەجدىھالارنىڭ زەھىرىدۇر، كوبرالارنىڭ ئەجەللىك زەھىرىدۇر.
34پەرۋەردىگار‫‪:‬‬ «بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭكىدە ساقلاقلىق ئەمەسمۇ؟ ئۆز خەزىنىلىرىمدە مۆھۈرلەنگەن ئەمەسمۇ؟
35ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، يامانلىقنى قايتۇرۇشمۇ شۇنداق، بۇلار ئۇلار پۇتلىشىدىغان ۋاقىتقىچە ساقلاقلىق تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بالايىئاپەتلىك كۈنى يېقىنلاشماقتا، ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان ئىشلار بولسا تېز كېلىۋاتىدۇ.  
36چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۈچى تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئازىيىپ، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپلەرنىڭمۇ قالمىغىنىنى كۆرگەندە، ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۆز بەندىلىرىگە مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت كۆرسىتىدۇ.  

37ئۇ ۋاقىتتا ئۇ مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ «قېنى، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى؟ ئۆزىگە تايانچ قىلغان قورام تېشى ئەمدى قەيەردىدۇر؟
38ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغىنى يېگەن، ئۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرىدىكى شارابىنى ئىچكەنلەر قەيەرگە كەتتى؟ ئەمدى ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ سىلەرگە ياردەم بېرىپ، پاناھىڭلار بولسۇن!
39ئەمدى مەن ئۆزۈم، پەقەت مەنلا «شۇ»دۇرمەن، ماڭا ھەمراھ ھېچقانداق ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ بىلىڭلار. مەن ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈرىمەن، زەخىملەندۈرۈپ ساقايتىمەن؛ ۋە ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ.  
40چۈنكى مەن قولۇمنى ئاسمانلارغا كۆتۈرۈپ‫‪:‬‬ ــ «ئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن» دەپ ئېيتىپ،
41چاقناپ تۇرىدىغان قىلىچىمنى ئىتتىك قىلىمەن، مېنىڭ قولۇم ئادالەتنى قورال قىلىپ تۇتىدۇ، دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن، مەندىن نەپرەتلەنگۈچىلەرنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇلارغا ياندۇرىمەن!
42مەن يا ئوقلىرىمنى قان ئىچكۈزۈپ مەست قىلىمەن، مېنىڭ قىلىچىم گۆش يەيدۇ، مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن ئەسىرلەرنىڭ قېنىنى، دۈشمەننىڭ سەردارلىرىنىڭ باشلىرىنى يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىدىغان قىلىمەن».
43ئەي ئەللەر، ئۇنىڭ خەلقى بىلەن بىللە شادلىنىڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز بەندىلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قىساس ياندۇرىدۇ، ئۆز زېمىنى بىلەن خەلقى ئۈچۈن كەچۈرۈم‫‪‎-‎‬‬كافارەت كەلتۈرۈپ بېرىدۇ».
44ئەمدى مۇسا بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كېلىپ بۇ غەزەلنىڭ بارلىق سۆزلىرىنى خەلقنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بەردى.
45ئاندىن مۇسا بۇ ھەممە سۆزلەرنى بارلىق ئىسرائىل ئالدىدا ئاخىرلاشتۇرۇپ
46ئۇلارغا سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ «مەن بۈگۈن ئوتتۇراڭلاردا سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن بۇ بارلىق سۆزلەرگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ سىلەر بۇلارنى بالىلىرىڭلارغا تاپىلاپ‫‪:‬‬ «بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار» دەپ بۇيرۇشۇڭلار كېرەك.
47چۈنكى بۇ سۆز سىلەرگە مۇناسىۋەتسىز، قۇرۇق سۆز ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر! سىلەر ئۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسىلەر؛ ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ زېمىندا بۇ سۆز ئارقىلىق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر» ــ دېدى.
48يەنە شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
49سەن ئۇشبۇ ئابارىم تېغىغا، يەنى يېرىخونىڭ ئۇتتۇرىدىكى، موئابنىڭ زېمىنىدىكى نېبو تېغىغا چىققىن ۋە شۇ يەردە مەن ئىسرائىللارغا ئۆز تەۋەلىكى بولۇش ئۈچۈن بېرىدىغان قانائان زېمىنىنى كۆرگىن.
50ئاندىن ئاكاڭ ھارۇن ھور تېغىدا ئۆلۈپ ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلغاندەك، سەنمۇ چىقىدىغان شۇ تاغدا ئۆلۈپ خەلقلىرىڭگە قوشۇلغىن؛
51چۈنكى سىلەر زىن چۆلىدىكى مەرىباھ‫‪‎-‎‬‬قادەشنىڭ سۇلىرىنىڭ يېنىغا بارغاندا، ئىككىڭلار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماڭا ۋاپاسىزلىق كۆرسىتىپ، ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مېنى «مۇقەددەس» دەپ ھۆرمەتلىمىدىڭلار.
52شۇڭا سەن ئىسرائىللارغا بېرىدىغان شۇ زېمىننى ئۇدۇلۇڭدا كۆرىسەن، لېكىن ئۇنىڭغا كىرەلمەيسەن.