Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - قانۇن‭ ‬شەرھى

قانۇن‭ ‬شەرھى 34

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاندىن مۇسا موئابنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدىن چىقىپ نېبو تېغىنىڭ ئۈستىگە، يەنى يېرىخونىڭ ئۇتتۇرىسىدىكى پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقتى. شۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پۈتكۈل زېمىننى كۆرسەتتى؛ گىلېئادتىن دانغىچە،
2پۈتكۈل نافتالى بىلەن ئەفرائىم ۋە ماناسسەھنىڭ زېمىنىنى، يەھۇدانىڭ پۈتكۈل زېمىنى بىلەن قوشۇپ مەغرىبتىكى دېڭىزغىچە،
3جەنۇبتىكى نەگەۋ زېمىنىنى، «خورما شەھىرى» دەپ ئاتالغان يېرىخو ۋادىسىدىكى تۈزلەڭلىكنى زوئار شەھىرىگە قەدەر، ھەممىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى.
4ئاندىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ «مەن قەسەم قىلىپ‫‪:‬‬ «بۇ زېمىننى سېنىڭ نەسلىڭگە بېرىمەن» دەپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىن مانا مۇشۇدۇر. ئەمدى ساڭا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ قىلدىم، لېكىن سەن شۇ يەرگە ئۆتۈپ كىرەلمەيسەن» دېدى.
5ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا شۇ يەردە، يەنى موئابنىڭ زېمىنىدا ۋاپات بولدى.
6ئۇ ئۇنى موئابنىڭ زېمىنىدىكى تاغ جىلغىسىدا، بەيت‫‪‎-‎‬‬پېئورنىڭ ئۇتتۇرىسىدا دەپنە قىلدى؛ ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بۈگۈنگىچە ھېچكىم بىلمەيدۇ.
7مۇسا ۋاپات بولغان ۋاقىتتا بىر يۈز يىگىرمە ياشقا كىرگەنىدى، لېكىن كۆزلىرى ھېچ تورلاشمىغان ۋە ماغدۇرىدىن ھېچ كەتمىگەنىدى.
8ئىسرائىللار مۇسا ئۈچۈن موئابدىكى تۈزلەڭلىكتە ئوتتۇز كۈنگىچە ماتەم تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغلايدىغان كۈنلەر تۈگىگەنىدى.
9مۇسا قوللىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويغاچقا، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا دانالىق بەرگۈچى روھ بىلەن تولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى.
10مۇسادىن كېيىن ئۇنىڭدەك پەرۋەردىگار بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلەشكەن ئىككىنچى بىر پەيغەمبەر ئىسرائىل ئىچىدە چىقمىدى؛
11پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مىسىر زېمىنىغا ئەۋەتىشى بىلەن ئۇ شۇ يەردە پىرەۋنگە، ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە پۈتكۈل زېمىنىدىكىلەر ئالدىدا كۆرسەتكەن ھەممە مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرگە،
12ئايان قىلىنغان شۇ بارلىق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ۋە مۇسانىڭ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسەتكەن بارلىق دەھشەتلىك ھەيۋىسىگە تەڭ تۇرغۇدەك ھېچقانداق ئادەم چىقمىدى.