Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - قانۇن‭ ‬شەرھى

قانۇن‭ ‬شەرھى 20

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەگەر سەن دۈشمەنلىرىڭگە جەڭ قىلغىلى چىقىپ، ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى، شۇنداقلا ئۆزۈڭدىن كۆپ بولغان بىر ئەلنى كۆرسەڭ، ئۇلاردىن ھېچ قورقما. چۈنكى سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى سەن بىلەن بىللىدۇر.
2سىلەر جەڭگە چىقىش ئالدىدا كاھىن ئۆزى ئالدىغا چىقىپ خەلققە سۆز قىلىپ
3ئۇلارغا‫‪:‬‬ ئەي ئىسرائىل، ئاڭلاڭلار! سىلەر بۈگۈن دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن سوقۇشۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. كۆڭۈللىرىڭلار جۈرئەتسىز بولمىسۇن؛ قورقماڭلار، تىترىمەڭلار، ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن دەككە‫‪‎-‎‬‬دۈككىگە چۈشمەڭلار؛
4چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى دۈشمەنلىرىڭلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىللە جەڭگە چىقىدۇ» ــ دەپ ئېيتسۇن.
5شۇ چاغدا ئەمەلدارلار خەلققە مۇنداق دېسۇن‫‪:‬‬ ــ «ئاراڭلاردا بىر يېڭى ئۆي سېلىپ، ئۇنى خۇداغا ئاتىمىغان بىرسى بارمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كېتىپ، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنى خۇداغا ئاتىشى مۇمكىن.
6تەك سېلىپ ئۈزۈمزار بەرپا قىلىپ، تېخى ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېمىگەن بىركىم بارمۇ؟ بار بولسا ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسە، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېيىشى مۇمكىن.
7بىر قىز بىلەن ۋەدىلەشكەن بولۇپ، تېخى ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئالمىغان بىركىم بولسا، ئۇ ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسە، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنى ئۆزىگە خوتۇنلۇققا ئېلىشى مۇمكىن».
8ئاندىن مەنسەپدارلار خەلققە يەنە سۆزلەپ‫‪:‬‬ «قورقۇپ كەتكەن، جۈرئەتسىز بىركىم بارمۇ؟ ئۇ ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن. بولمىسا قېرىنداشلىرىنىڭ يۈرىكىمۇ ئۇنىڭكىدەك جاسارەتسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دەپ ئېيتسۇن.
9ئەمەلدارلار خەلققە شۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلار خەلقنىڭ ئالدىدا يېتەكچىلىك قىلىشقا قوشۇنلارغا سەردارلارنى تىكلىسۇن.
10سىلەر ھۇجۇم قىلىشقا مەلۇم بىر شەھەرگە يېقىنلاشقىنىڭلاردا ئاۋۋال ئۇنىڭغا سۈلھى توغرىسىدا سۆز قىلىڭلار.
11ئەگەر ئۇلار سۈلھىنى خالايمىز، دەپ جاۋاب بېرىپ ئۆز دەرۋازىلىرىنى سىلەرگە ئاچسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممە خەلق سىلەرگە بېقىنىپ قۇللۇق ھاشاردا بولىدۇ.
12لېكىن سىلەر بىلەن سۈلھى قىلىشقا ئۇنىماي، بەلكى سىلەر بىلەن جەڭ قىلماقچى بولسا سىلەر ئۇنى قورشاڭلار.
13پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا ئۇنىڭدىكى ھەربىر ئەركەكنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈڭلار؛
14لېكىن ئاياللار بىلەن بالىلىرى، كالا بىلەن شەھەردىكى ھەممە نەرسىنى، يەنى بارلىق غەنىيمەتنى ئۆزۈڭلارغا ئولجا قىلىپ ئېلىڭلار؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز دۈشمەنلىرىڭلاردىن سىلەرگە ئېلىپ بەرگەن ئولجىدىن يەپ سۆيۈنىسىلەر.
15سىلەردىن يىراقتا بولغان، زېمىنغا تەۋە بولمىغان ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىگە شۇنداق قىلىڭلار.
16لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىندىكى ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىنى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىنىقى بار ھېچ نەرسىنى تىرىك قويماي،
17بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بۇيرۇغاندەك ھىتتىيلار بىلەن ئامورىيلار، قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار بىلەن يەبۇسىيلارنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭلار كېرەك.
18بولمىسا، ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇشتىكى ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى سىلەرگە ئۆگىتىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا گۇناھ قىلىدىغان بولىسىلەر.

19بىر شەھەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت جەڭ قىلىپ قورشاپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى پالتا بىلەن كېسىپ ۋەيران قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يېسەڭلار بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى كەسمەڭلار؛ چۈنكى دالادىكى دەرەخلەر قورشىۋېلىش كېرەك بولغان ئادەممىدى؟
20لېكىن سىلەر مېۋىلىك دەرەخ ئەمەس دەپ بىلگەن دەرەخلەرنى كېسىپ يوقىتىپ، سىلەر بىلەن سوقۇشقان شەھەرنى ھۇجۇم قىلىپ غۇلىتىشقا شۇ دەرەخلەردىن ئىستىھكام‫‪‎-‎‬‬پوتەيلەرنى ياسىساڭلار بولىدۇ.