Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - قانۇن‭ ‬شەرھى

قانۇن‭ ‬شەرھى 31

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاندىن مۇسا بېرىپ ھەممە ئىسرائىلغا سۆز قىلدى؛
2ئۇ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ «مەن بۈگۈن بىر يۈز يىگىرمە ياشقا كىردىم؛ ئەمدى سىلەرگە سەردار ياكى باشلىغۇچى بولالمايمەن. پەرۋەردىگار ماڭا‫‪:‬‬ سەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن، دېگەنىدى.  
3لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى سىلەرنى يېتەكلەپ دەريادىن ئۆتۈپ، بۇ ئەللەرنى ئالدىڭلاردا ۋەيران قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مال‫‪‎-‎‬‬مۈلكىنى ئىگىلەيسىلەر؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، يەشۇئا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا باشلاپ دەريادىن ئۆتىدۇ.
4پەرۋەردىگار سىھون بىلەن ئوگ دېگەن ئىككى ئامورىي پادىشاھى ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ھالاك قىلغاندەك، ئۇ بۇ ئەللەرگىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.
5ئەمما پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغىنىدا، مەن سىلەرگە تاپىلىغان پۈتكۈل ئەمر بويىچە ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىسىلەر.
6جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىترىمەڭلار، ئۇلاردىن ھېچ قورقماڭلار؛ چۈنكى سىلەر بىلەن بىرگە بارغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سىلەردىن ۋاز كەچمەيدۇ، سىلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ!».
7ئاندىن مۇسا يەشۇئانى چاقىرىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ «سەن جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن؛ چۈنكى بۇ خەلق پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىغا قەسەم قىلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرگەندە سەن ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارغا ئۇنى ئىگىلىتىپ مىراس قىلدۇرىسەن.
8مانا، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سەن بىلەن بىللە بولۇپ سەندىن ۋاز كەچمەيدۇ، سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ! سەن قورقمىغىن، پاراكەندە بولما!» ــ دېدى.
9مۇسا بۇ قانۇننى يېزىپ بولۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىينىڭ ئەۋلادى بولغان كاھىنلار بىلەن ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
10مۇسا ئۇلارغا مۇنداق بۇيرۇدى‫‪:‬‬ ــ «ھەر يەتتە يىلنىڭ ئاخىرقى يىلىدا، يەنى ئازادلىق يىلى دەپ بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، «كەپىلەر ھېيتى» باشلانغاندا،
11ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى كېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھۇزۇرىدا جەم بولۇش ئۈچۈن ئۇ تاللايدىغان جايغا يىغىلغاندا، ئۇنى ئاڭلىسۇن دەپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا بۇ قانۇننى ئوقۇپ بېرىسەن.
12شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ چاغدا بارلىق خەلقنى، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بالا بولسۇن، قوۋۇقلىرىڭنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلاپ، ئۆگىنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، بۇ قانۇننىڭ بارلىق سۆزلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسۇن، دەپ ئۇلارنى يىغقىن.
13شۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ قانۇننى تونۇمىغان بالىلىرىمۇ ئۇنى ئاڭلاپ ئۆگىنىپ، سىلەر ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىندا ياشىغان بارلىق كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقىدىغان بولىدۇ».
14ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ «مانا سېنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. ئەمدى يەشۇئانى چاقىرغىن، ئىككىڭلار جامائەت چېدىرىغا بېرىپ شۇ يەردە ھازىر بولۇڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن يەشۇئا ئىككىسى بېرىپ، جامائەت چېدىرىدا ھازىر بولدى.
15پەرۋەردىگار بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدە كۆرۈندى؛ بۇلۇت تۈۋرۈكى چېدىرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىدە توختىدى.
16پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ «مانا، سەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭنىڭ قېشىدا ئۇخلاش ئالدىدا تۇرىسەن؛ ئاندىن بۇ خەلق قوزغىلىپ، بارىدىغان زېمىندىكى يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، مېنى تاشلاپ، مەن ئۇلار بىلەن باغلىغان ئەھدىنى بۇزىدۇ.
17شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ غەزىپىم ئۇلارغا تۇتىشىپ، مەن ئۇلارنىمۇ تاشلاپ، ئۇلاردىن يۈزۈمنى يوشۇرىمەن. ئۇلار يۇتۇۋېتىلىدۇ، كۆپ بالايىئاپەت ۋە كۈلپەتلەر بېشىغا چۈشىدۇ ۋە ئۇلار شۇ ۋاقىتتا‫‪:‬‬ «شۈبھىسىزكى، خۇدايىمىز ئارىمىزدا بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ بالالار بېشىمىزغا چۈشتى» ــ دەيدۇ.
18لېكىن مەن ئۇلارنىڭ باشقا ئىلاھلارغا مايىل بولۇپ ئەگىشىپ، قىلغان ھەممە رەزىللىكلىرى ئۈچۈن شۇ كۈنى يۈزۈمنى پۈتۈنلەي يوشۇرىمەن.

19ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ غەزەلنى پۈتۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىڭلار؛ بۇ غەزەلنىڭ كېيىن ئىسرائىللارنىڭ ئەيىبىگە مەن ئۈچۈن گۇۋاھچى بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سالغىن.
20چۈنكى مەن ئۇلارنى مەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يۇرتقا كىرگۈزىمەن؛ ئاندىن ئۇلار يەپ تويۇپ، سەمرىگەندە باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىدۇ ۋە مېنى كۆزگە ئىلماي ئەھدەمنى بۇزىدۇ.
21ئەمما شۇنداق بولىدۇكى، كۆپ بالايىئاپەتلەر بىلەن كۈلپەتلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكىنىدە، بۇ غەزەل ئۇلارنى ئەيىبلەپ گۇۋاھ بېرىدۇ؛ چۈنكى بۇ غەزەل ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدا ئۇنتۇلمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا تېخى كىرگۈزمەيلا ئۇلارنىڭ نېمە خىيال قىلىۋاتقىنىنى ئوبدان بىلىمەن».
22شۇلارنى دەپ، مۇسا شۇ كۈنى بۇ غەزەلنى يېزىپ، ئىسرائىللارغا ئۆگەتتى.
23ئاندىن پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا‫‪:‬‬ «جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن، چۈنكى سەن مەن ئىسرائىللارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرىسەن ۋە مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن» دەپ ئەمر قىلدى.
24مۇسا بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىنى بىر كىتابقا پۈتۈنلەي يېزىپ بولغاندىن كېيىن
25ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬
26ــ بۇ قانۇن كىتابىنى سىلەرنىڭ ئەيىبىڭلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار.
27چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئاسىي ۋە بوينۇڭلار قاتتىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. مانا، مەن تېخى ئاراڭلاردا تىرىك تۇرسام پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار؛ ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەر تېخىمۇ شۇنداق قىلىسىلەر!
28مەن ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىتىشىم ئۈچۈن، شۇنداقلا يەر بىلەن ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئەيىبىگە گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىشىم ئۈچۈن ئەمدى مېنىڭ ئالدىمغا قەبىلىلىرىڭلارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى يىغىڭلار.
29چۈنكى ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەرنىڭ تۈپتىن بۇزۇلۇپ، مەن سىلەرگە ئەمر قىلغان يولدىن چەتنەپ كېتىدىغىنىڭلارنى بىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا كۈلپەتلەر بېشىڭلارغا چۈشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، قوللىرىڭلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغايسىلەر».
30ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئالدىدا بۇ غەزەلنىڭ تېكىستىنى باشتىن‫‪‎-‎‬‬ئاخىرغىچە ئوقۇپ بەردى‫‪:‬‬ ــ