Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - قانۇن‭ ‬شەرھى

قانۇن‭ ‬شەرھى 12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئىگىلىشىڭلارغا بېرىدىغان زېمىندا تۇرغاندا، يەر يۈزىدىكى بارلىق كۈنلىرىڭلەردە كۆڭۈل قويۇپ تۇتۇشۇڭلار كېرەك بولغان بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەر مانا مۇنۇلاردۇر‫‪:‬‬ ــ
2سىلەر ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ ئېگىز تاغلار، دۆڭلەر ۋە ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدىكى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولغان ئىبادەتگاھلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭلار كېرەك؛
3ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىڭلار ۋە ئاشەراھلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ ئىلاھلىرىنىڭ ئويما مەبۇدلىرىنى كېسىپ تاشلاڭلار؛ ئۇلارنىڭ ئىسىم‫‪‎-‎‬‬ناملىرىنىمۇ شۇ يەردىن يوقىتىشىڭلار كېرەك.
4سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ خىزمىتىدە ئۇلاردەك قىلماڭلار،
5بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن بارلىق قەبىلىلىرىڭلارنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن تاللىغان، ئۆز تۇرالغۇسى بولغان جاينى ئىزدەڭلار، شۇ يەرگە كېلىڭلار؛
6شۇ يەرگە سىلەر كۆيدۈرمە ۋە ئىناقلىق قاتارلىق قۇربانلىقىڭلارنى، مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلەرنى، قولۇڭلاردىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى، قەسەمگە باغلىق ھەدىيەلەرنى، ئىختىيارىي ھەدىيەلەرنى ۋە قوي‫‪‎-‎‬‬كالا پادىلىرىڭلارنىڭ تۇنجى بالىلىرىنى ئەكىلىسىلەر؛
7سىلەر ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن قوشۇلۇپ شۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا زىياپەت قىلىڭلار، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى بەرىكەتلىگەن قول ئەمگىكىڭلارنىڭ مېۋىسىدىن شادلىنىسىلەر.
8سىلەر بىز بۈگۈن قىلغىنىمىزدەك، يەنى ھەربىرىڭلار ئۆز بىلگىنىڭلارچە قىلغىنىڭلاردەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك؛
9چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان ئاراملىق ھەم مىراسقا تېخى يېتىپ كەلمىدىڭلار.
10بىراق سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، شۇنداقلا ئۇ سىلەرنى ئەتراپىڭلاردىكى بارلىق دۈشمەنلىرىڭلاردىن قۇتقۇزۇپ ئارام بەرگەندىن كېيىن، سىلەر تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان تۇرغاندا،
11شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى قويىدىغان بىر جاي بولىدۇ؛ سىلەر شۇ يەرگە كۆيدۈرمە ۋە ئىناقلىق قاتارلىق قۇربانلىقىڭلارنى، مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلەرنى، قولۇڭلاردىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەلەرنى ئەكىلىسىلەر؛
12ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىدا شادلىنىسىلەر، يەنى سىلەر، ئوغۇل‫‪‎-‎‬‬قىزلىرىڭلار، قۇل‫‪‎-‎‬‬دېدەكلىرىڭلار ۋە سىلەر بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار (چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاراڭلاردا ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوقتۇر) ھەممىڭلار شادلىنىسىلەر.  
13سەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭنى ئۇدۇل كەلگەن جايلاردا قىلماسلىق ئۈچۈن كۆڭۈل قويغىن؛
14پەقەت پەرۋەردىگار ھەممە قەبىلىلىرىڭنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن تاللىغان جايدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭنى قىل ۋە شۇ جايدا مېنىڭ ساڭا بارلىق تاپىلىغىنىمغا ئەمەل قىل.
15ھالبۇكى، سەن كۆڭلۈڭ تارتقىنىچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگىنى بويىچە شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزىلىرىڭدا ھالال ھايۋانلارنى سويۇپ (خۇددى جەرەن ياكى كېيىك گۆشىدىن يېگەنگە ئوخشاش)، گۆش يېسەڭ بولىدۇ؛ مەيلى پاك، مەيلى ناپاك كىشىلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ.
16سىلەر پەقەت ئۇنى قېنى بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ سىلەر قېنىنى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىشىڭلار كېرەك.
17سەن ئاشلىقتىن، يېڭى شارابتىن، زەيتۇن مېيىدىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلىرىڭنى ياكى كالا‫‪‎-‎‬‬قوي پادىلىرىڭنىڭ تۇنجى بالىلىرىنى، ياكى قەسەمگە باغلىق ھەدىيەلىرىڭنى، ئىختىيارىي ھەدىيەلىرىڭنى ياكى قولۇڭدىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلىرىڭنى شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزىلىرىڭدا يېمەسلىكىڭ كېرەك؛
18بەلكى بۇلارنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايدا يېيىشىڭ كېرەك، يەنى سەن، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇل‫‪‎-‎‬‬دېدىكىڭ ۋە سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار بىرگە يېسەڭ بولىدۇ؛ ۋە سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ئەمگىكىڭنىڭ بارلىق مېۋىسىدىن شادلىنىسەن.

19ئۆزۈڭگە ھېزى بولغىنكى، سەن زېمىندا تۇرغان بارلىق كۈنلىرىڭدە لاۋىيلاردىن ۋاز كەچمەسلىكىڭ كېرەك.
20پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ۋەدە قىلغاندەك چېگرالىرىڭنى كېڭەيتكەندە، سەن كۆڭلۈڭ تارتىپ‫‪:‬‬ «گۆش يەيمەن» دېسەڭ، سەن كۆڭلۈڭنىڭ تارتقىنىچە گۆش يېسەڭ بولىدۇ.
21ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى قويۇشقا تاللايدىغان جاي سەندىن بەك يىراق بولسا، سەن پەرۋەردىگار ساڭا تەقدىم قىلغان كالا‫‪‎-‎‬‬قويلاردىن ئېلىپ سويىسەن؛ مەن ساڭا تاپىلىغاندەك ئۇلارنى سويىسەن ۋە شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزىلىرىڭ ئىچىدە كۆڭلۈڭ تارتقىنىچە بوغۇزلاپ يەيسەن.
22جەرەن ياكى كېيىك يېگەندەك ئۇلارنى يەيسەن؛ مەيلى پاك مەيلى ناپاك كىشىلەر بولسۇن ئۇنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ.
23پەقەت شۇنىڭدىن ھېزى بولغىنكى، ئۇلارنىڭ قېنىنى يېمە؛ چۈنكى جان دېگەن قاندىدۇر؛ سەن گۆشنى جان بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭ كېرەك.
24سەن قاننى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ بەلكى ئۇنى سۇنى يەرگە تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋەت.
25سەن ئۇنى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ شۇنداق قىلساڭ ھالىڭ ۋە سەندىن كېيىنكى بالىلىرىڭنىڭ ھالى ياخشى بولىدۇ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلغان بولىسەن.
26بىراق سەندىكى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ۋە قەسەمگە باغلىق نەرسىلەرنى بولسا، سەن ئۇلارنى ئېلىپ پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايغا ئاپىرىسەن؛
27سەن شۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھى ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭنى، گۆش بىلەن قېنىنى سۇنغىن؛ باشقا قۇربانلىقلىرىڭنىڭ قېنىنىمۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھى ئۈستىدە قۇيغىن ۋە گۆشىنى يېگىن.
28مەن ساڭا تاپىلىغان بۇ بارلىق سۆزلەرگە قۇلاق سېلىپ كۆڭۈل بۆلگىن. شۇنداق قىلساڭ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە ياخشى ۋە دۇرۇس بولغاننى قىلغان بولىسەن ۋە ئۆز ھالىڭ ۋە سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭنىڭ ھالى ياخشى بولىدۇ.
29پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بارىدىغان يەردىكى ئەللەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى سېنىڭ ئالدىڭدا يوقىتىدۇ. شۇ چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەپ شۇ يەردە تۇرغىنىڭدا،
30شۇ ئەللەر ئالدىڭدا يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا ئېزىقتۇرۇلماسلىقىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭگە ھېزى بول ۋە‫‪:‬‬ ــ «بۇ ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىنى قانداق تۇتقان بولغىيدى؟ مەنمۇ شۇنداق قىلىپ باقايچۇ!» دەپ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ھېچ ئىزدىمە.
31سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتىدە بولغىنىڭدا قەتئىي ئۇلارنىڭ يولى بويىچە ئىش تۇتماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى نېمە ئىش پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىك بولسا، نېمە ئىش ئۇنىڭغا نەپرەتلىك بولسا، ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرى ئۈچۈن شۇ ئىشلارنى قىلغان؛ ئۇلار ھەتتا ئۆز ئوغۇللىرىنى ۋە قىزلىرىنىمۇ ئىلاھلىرىغا ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ كەلگەن.
32مەن سىلەرگە تاپىلىغانلىكى ئەمەللەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭغا ھېچ نېمە قوشماڭلار، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى چىقىرىۋەتمەڭلار.