Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - قانۇن‭ ‬شەرھى

قانۇن‭ ‬شەرھى 6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1«مانا، بۇلار پەرۋەردىگار ماڭا سىلەر دەريادىن ئۆتۈپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا تۇرغىنىڭلاردا ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئۆگىتىشنى تاپىلىغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەردۇر‫‪:‬‬ ــ
2(شۇنىڭ بىلەن سىلەر، يەنى سەن ئۆزۈڭ، ئوغلۇڭ ۋە نەۋرەڭ بارلىق تىرىك كۈنلىرىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، مەن سىلەرگە تاپىلاۋاتقان ئۇنىڭ بارلىق بەلگىلىمە ۋە ئەمرلىرىنى تۇتىسىلەر، شۇنداقلا ئۇزۇن كۈنلەرنى كۆرىسىلەر.
3سەن، ئى ئىسرائىل، ئۇلارنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە دېگىنىدەك، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت زېمىندا تۇرۇپ، ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە سانىڭلار ئىنتايىن كۆپىيىدۇ)‫‪:‬‬ ــ
4ــ ئاڭلاڭلار، ئەي ئىسرائىل‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، پەرۋەردىگار بىر بىرلىكتۇر؛   
5سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن.
6مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان بۇ سۆزلەر قەلبىڭدە بولسۇن؛
7سەن ئۇلارنى بالىلىرىڭغا سىڭدۈرۈپ ئۆگەت، مەيلى ئۆيدە ئولتۇرغاندا، يولدا ماڭغاندا، ئورنۇڭدا ياتقاندا ۋە ئورنۇڭدىن تۇرۇۋاتقاندا ھەر ۋاقىت ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلىگىن؛
8ئۇلارنى قولۇڭغا ئەسلەتمە‫‪‎-‎‬‬بەلگە قىلىپ تېڭىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك سىمۋول قىلىپ ئورنىتىۋال؛
9سەن ئۇلارنى ئۆيۈڭدىكى كېشەكلىرىڭگە ۋە دەرۋازىلىرىڭغا پۈتكۈزگىن.
10ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى قەسەم قىلىپ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىننى ساڭا ئاتا قىلىش ئۈچۈن سېنى ئۇنىڭغا باشلىغاندا، ــ ئۆزۈڭ قۇرمىغان ئۇلۇغ ۋە ئېسىل شەھەرلەرگە،
11ئۆزۈڭ بىساتلىق قىلمىغان ئاللىقاچان ئېسىل بىساتلىق قىلىنغان ئۆيلەرگە، ئۆزۈڭ كولىمىغان، ئاللىقاچان كولانغان قۇدۇقلارغا، ئۆزۈڭ تىكمىگەن ئۈزۈمزارلار ۋە زەيتۇنزارلارغا مۇيەسسەر قىلىنىشىڭ بىلەن سەن يەپ تويۇنغاندىن كېيىن،
12ــ ئەينى چاغدا سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقارغان پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇشتىن ھېزى بول.
13سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورققىن، ئىبادىتىدە بولغىن ۋە قەسەم قىلساڭ ئۇنىڭ نامى بىلەنلا قەسەم ئىچكىن.
14سىلەر باشقا ئىلاھلار، يەنى ئەتراپىڭدىكى ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىنى قەتئىي ئىزدىمەڭلار؛
15چۈنكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇر. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ غەزىپى ساڭا قوزغىلىپ، ئۇ سېنى يەر يۈزىدىن يوقاتماي قالمايدۇ.
16سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ماسساھتا سىنىغاندەك ئۇنى سىنىماڭلار.   
17پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىنى، سىلەرگە تاپىلىغان گۇۋاھ‫‪‎-‎‬‬ھۆكۈملىرى ۋە بەلگىمىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تۇتۇڭلار.
18پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە ياخشى بولغاننى قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگار ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر،

19شۇنداقلا پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغاندەك بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىسىلەر.
20كەلگۈسىدە ئوغلۇڭ سەندىن‫‪:‬‬ ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز سىلەرگە تاپىلىغان ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھ، بەلگىلىمە ھەم ھۆكۈملەر نېمە؟» دەپ سورىسا،
21سەن ئوغلۇڭغا مۇنداق دەيسەن‫‪:‬‬ «بىز ئەسلىدە مىسىردا پىرەۋننىڭ قۇللىرى ئىكەنمىز؛ بىراق پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن كۈچلۈك بىر قول بىلەن چىقارغان.
22پەرۋەردىگار كۆز ئالدىمىزدا ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ھەم ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈردى؛
23ئۇ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزغا قەسەم ئىچىپ ۋەدە قىلغان زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭغا بىزنى باشلاپ كىرىشكە شۇ يەردىن يېتەكلەپ چىقارغان.
24پەرۋەردىگار بىزگە بۇ بارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇشنى، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن قورقۇشنى تاپىلىغان؛ ئۇ ھالىمىزنىڭ دائىم ياخشى بولۇشى ۋە بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك تىرىك ساقلانغاندەك، ئۇنىڭ پاناھىدا بولۇشىمىز ئۈچۈن شۇنداق تاپىلىغاندۇر؛
25ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇ بىزگە تاپىلىغاندەك بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەك بۇ بىز ئۈچۈن ھەققانىيلىق بولىدۇ».