Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - قانۇن‭ ‬شەرھى

قانۇن‭ ‬شەرھى 29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار ئىسرائىللار بىلەن ئەھدە باغلاش ئۈچۈن موئاب زېمىنىدا مۇساغا تاپىلىغان سۆزلەردۇر. بۇ ئەھدە پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە قىلغان ئەھدىدىن باشقا بىر ئەھدە ئىدى.
2مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىلنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ «سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مىسىر زېمىنىدا پىرەۋنگە، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى ۋە زېمىننىڭ ھەممە يېرىدە كۆز ئالدىڭلاردا نېمە ئىش قىلغىنىنى كۆردۈڭلار،
3يەنى شۇ چوڭ ئاپەتلەر بىلەن ئۇلۇغ مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار.
4لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرگە بۈگۈنگىچە چۈشەنگۈدەك كۆڭۈل، كۆرگۈدەك كۆز ۋە ئاڭلىغۇدەك قۇلاق بەرمىدى.
5مەن قىرىق يىل سىلەرنى باياۋاندا يېتەكلەپ يۈردۈم؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئۈستۈڭلاردىكى كىيىملىرىڭلار كونىرىمىدى، پۇتۇڭلاردىكى كەشىڭلارمۇ كونىراپ كەتمىدى.
6خۇدا ئۆزىنىڭ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىنى بىلسۇن دەپ، سىلەرگە يېيىشكە نان، ئىچىشكە شاراب ياكى كۈچلۈك ئىچىملىك نېسىپ قىلمىدى.
7سىلەر بۇ جايغا يېتىپ كەلگىنىڭلاردا ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھون بىلەن باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ بىز بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقتى؛ ئەمما بىز ئۇلارنى ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلدۇق؛
8بىز ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئېلىپ رۇبەنلەر بىلەن گادلار ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بەردۇك.
9ئەمدى سىلەر ھەممە ئىشلىرىڭلاردا راۋاج تېپىش ئۈچۈن بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار.
10بۈگۈن ھەممىڭلار ــ قەبىلە باشلىقلىرىڭلار، ئاقسقاللىرىڭلار، ئەمەلدارلىرىڭلار، شۇنىڭدەك ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئەرلىرى،
11كىچىك بالىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار، چېدىرگاھىڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار، شۇنداقلا ئوتۇن كەسكۈچىلىرىڭلار ۋە سۇ توشۇغۇچىلىرىڭلارمۇ، ھەممىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر تۇرۇۋاتىسىلەر؛
12مەقسەت شۇكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۈگۈن سىلەرگە بەرگەن قەسىمى بىلەن باغلىغان ئەھدىگە داخىل بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر،
13ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇ سىلەرنى بۈگۈن ئۆزىگە خاس بىر خەلق قىلىپ سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلارغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا قىلغان قەسىمى بويىچە ئۆزى سىلەرگە خۇدا بولۇشتۇر.
14لېكىن مەن بۇ ئەھدە ۋە قەسەمنى يالغۇز سىلەر بىلەنلا ئەمەس،
15بەلكى بۈگۈن بىز بىلەن بۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلار، شۇنداقلا بۈگۈن بۇ يەردە بىز بىلەن بىرگە بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەنمۇ تۈزۈشىمەن
16(چۈنكى سىلەر بىزنىڭ مىسىر زېمىنىدا قانداق تۇرغانلىقىمىز ۋە سەپىرىمىزدە ئەللەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قانداق ئۆتۈپ كەلگىنىمىزنى ئوبدان بىلىسىلەر؛
17سىلەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يىرگىنىشلىك نەرسىلەرنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياغاچ، تاش، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان بۇتلارنى كۆردۈڭلار).
18ئەھدىنىڭ مەقسىتى بولسا، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئەر، ھەربىر ئايال، ھەربىر ئائىلە ۋە ھەربىر قەبىلىلىرىڭلاردىن بۈگۈن كۆڭلى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن يېنىپ، شۇ ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ كېتىدىغان ھېچ كىشى بولمىسۇن، شۇنداقلا ئاراڭلاردا ئۆت سۈيى ۋە ئەمەن چىقىرىدىغان يىلتىز پەيدا بولۇپ قالمىسۇن ئۈچۈندۇر.

19دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇكى، شۇ لەنەت سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا ئۆز كۆڭلىدە ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزىنى بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەتلىك ساناپ‫‪:‬‬ «مەن قانچە باشباشتاقلىق بىلەن ماڭساممۇ، تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامانلىقتا تۇرىۋېرىمەن»، دېگۈچى شۇنداق بىر كىشى بولىدۇ؛ نەتىجىدە، نەم يەرمۇ چاڭقاق يەرگە ئوخشاشلا ۋەيران قىلىنىدۇ.
20پەرۋەردىگار مۇنداق كىشىنى ئەپۇ قىلمايدۇ، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بىلەن ئوتلۇق قەھرى تۈتۈندەك شۇ كىشىگە چۈشىدۇ؛ بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ھەممە لەنەتلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاسماننىڭ تېگىدىن ئۆچۈرىدۇ.
21پەرۋەردىگار بۇ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەھدىنىڭ ھەممە لەنەتلىرى بويىچە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرىدىن ئۇنى ئايرىپ چىقىپ، ئاپەتكە مۇپتىلا قىلىدۇ.
22كەلگۈسى دەۋر بولسا، يەنى سىلەردىن كېيىن چىقىدىغان بالىلىرىڭلار ۋە شۇنداقلا يىراق يۇرتتىن كەلگەن مۇساپىرلار پەرۋەردىگار شۇ زېمىننىڭ ئۈستىگە ئەۋەتكەن بالايىئاپەتلەر بىلەن كېسەللەرنى كۆرىدۇ؛
23پەرۋەردىگار غەزىپى ۋە قەھرى بىلەن ۋەيران قىلغان سودوم، گوموررا، ئادماھ ۋە زەبوئىملارنىڭ ۋەيرانچىلىقىدەك زېمىننىڭ ھەممە يېرى گۈڭگۈرتلىشىپ، شورلىشىپ، كۆيۈپ كەتكىنىنى، تېرىقچىلىقمۇ، ھوسۇلمۇ بولمىغىنىنى، ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپمۇ ئۈنمىگىنىنى كۆرىدۇ؛
24بۇنى كۆرگەنلەر، ھەتتا ھەممە ئەل‫‪‎-‎‬‬يۇرت‫‪:‬‬ «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا مۇنداق قىلغاندۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ غەزىپى شۇنچە قاتتىق، ئەشەددىي بولغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ؛
25ئاندىن ئۇلارغا جاۋاب بېرىلىپ‫‪:‬‬ «ئۇلار ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغىنىدا ئۇلار بىلەن بېكىتكەن ئەھدىنى تاشلاپ،
26بېرىپ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولمىغان، ئۆزىمۇ تونۇمىغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا چوقۇنغىنى ئۈچۈن شۇنداق بولدى.
27مانا بۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بۇ زېمىنغا تۇتىشىپ، بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ھەممە لەنەتنى ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلتۈردى.
28شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار غەزەپ، ئاچچىق ۋە زور قەھر بىلەن ئۇلارنى يۇرتىدىن يۇلۇپ، باشقا بىر يۇرتقا تاشلىدى» ــ دېيىلىدۇ.
29ھەربىر يوشۇرۇن سىرلار بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭكىدۇر؛ لېكىن ھەرقانداق ئاشكارىلانغان ۋەھىيلەر بولسا بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەبەدگىچە بىز ۋە بالىلىرىمىزنىڭكىدۇر.