10ئەگەر سىلەر دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن جەڭ قىلغىلى چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى قولۇڭلارغا بەرگەچ، ئۇلاردىن ئەسىر ئالغان بولساڭلار،
11بۇ ئەسىرلەرنىڭ ئارىسىدا چىرايلىق بىر ئايالنى كۆرۈپ، كۆڭلۈڭ ئۇنىڭغا چۈشۈپ، ئۇنى ئەمرىڭگە ئېلىشنى خالىساڭ،
12ئۇنداقتا ئۇنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ بارغىن؛ ئۇ چېچىنى چۈشۈرۈپ، تىرناقلىرىنى ياساپ،
13ئەسىرلىكتە كىيگەن كىيىملىرىنى سېلىپ، ئۆيۈڭدە ئولتۇرۇپ تولۇق بىر ئاي ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ماتەم توتسۇن؛ ئاندىن سەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلىپ ئۇنىڭغا ئەر بولساڭ بولىدۇ.
14كېيىن، ئەگەردە كۆڭلۈڭ ئۇنىڭدىن سۆيۈنمىسە، ئۇ قەيەرنى خالىسا، بارغىلى قويۇشۇڭ كېرەك؛ ئۇنى پۇلغا ساتمىغىن ۋە ئۇنىڭغا دېدەكتەك مۇئامىلە قىلمىغىن، چۈنكى سەن ئۇنىڭغا يېقىنلىق قىلىپ ئۇيات قىلغانسەن.
15ئەگەر بىرسىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرىگە ئامراقلىق، يەنە بىرىگە ئۆچلۈك قىلغان بولسا ۋە ئامراق ۋە ئۆچ بولغان ھەر ئىككىسىدىن ئوغۇل تۇغۇلغان بولسا، تۇنجىسىنى ئۆچ ئايالىدىن تاپقان بولسا
16ئۇنداقتا ئۇ كىشى ئوغۇللىرىغا بارىنى مىراس ئۈچۈن ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن كۈنىدە ئۆچ ئايالىنىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئورنىغا ئامراق ئايالىنىڭ ئوغلىنى تۇنجى ئوغۇللۇققا قويۇشقا بولمايدۇ.
17ئۇ بەلكى ئۆچ ئايالىنىڭ ئوغلىنى تۇنجى ئوغلۇم دەپ ئېتىراپ قىلسۇن؛ چۈنكى بۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى بار ۋاقتىدىكى دەسلەپكى مېۋىسىدۇر؛ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقى ئۇنىڭكى بولغاچقا، ئاتىسى بارلىق مال-مۈلۈكتىن ئۇنىڭغا ئىككى ئۈلۈش مىراس بەرسۇن.