Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - سامۇئىل «1» - سامۇئىل «1» 2

سامۇئىل «1» 2:2-27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2پەرۋەردىگاردەك مۇقەددەس بولغۇچى يوقتۇر؛ چۈنكى سەندىن باشقا ھېچ كىم يوق، خۇدايىمىزدەك ھېچ ئۇيۇلتاش يوقتۇر.
3ئى ئىنسانلار، كىبىرلىك سۆزلىرىڭلارنى كۆپەيتىۋەرمەڭلار، يوغان گەپلەرنى ئاغزىڭلاردىن چىقارماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بىلىم‫‪‎-‎‬‬ھىدايەتگە ئىگە خۇدادۇر. ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرى ئۇنىڭ تەرىپىدىن تارازىدا تارتىلىدۇ.
4پالۋانلارنىڭ ئوق‫‪‎-‎‬‬يالىرى سۇندۇرىلدى؛ لېكىن پۇتلىشىپ يىقىلغانلارنىڭ بېلى بولسا قۇدرەت بىلەن باغلاندى.
5قورسىقى توق بولغانلار نان تېپىش ئۈچۈن ئۆزىنى ياللانمىلىققا بەردى؛ لېكىن ئاچ قالغانلار ھازىر ئاچ قالمىدى؛ ھەتتا تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغىدۇ؛ لېكىن كۆپ بالىلىق بولغان سولىشىپ كېتىدۇ.
6پەرۋەردىگار ھەم ئۆلتۈرىدۇ، ھەم ھايات بېرىدۇ؛ ئۇ ئادەمنى تەھتىساراغا چۈشۈرىدۇ، ئۇ يەردىن يەنە تۇرغۇزىدۇ؛  
7پەرۋەردىگار ئادەمنى ھەم نامرات قىلىۋېتىدۇ، ھەم باي قىلىدۇ؛ ئۇ كىشىنى ھەم پەس قىلىدۇ، ھەم ئېگىز كۆتۈرىدۇ.
8ئۇ ئۆزى مىسكىننى توپىدىن قوپۇرىدۇ، قىغلىقتىن يوقسۇلنى كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلارنى ئېسىلزادىلەر ئارىسىدا تەڭ ئولتۇرغۇزىدۇ؛ ئۇلارنى شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپلىك تەختىگە مىراس قىلدۇرىدۇ؛ چۈنكى يەرنىڭ تۈۋرۈكلىرى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر؛ ئۇ ئۆزى دۇنيانى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سالغانىدى.
9ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ پۇتلىرىنى ئۇ مەزمۇت قىلىدۇ؛ ئەمما رەزىللەر بولسا، قاراڭغۇدا شۈك قىلىنىدۇ؛ چۈنكى ھېچكىم ئۆز قۇدرىتى بىلەن نۇسرەت تاپمايدۇ.
10پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقانلار پارە‫‪‎-‎‬‬پارە قىلىۋېتىلىدۇ؛ ئۇ ئۆزى ئاسمانلاردىن ئۇلارغا قارشى گۈلدۈرلەيدۇ. پەرۋەردىگار يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئۇ ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھغا قۇدرەت بېرىدۇ، ئۇ ئۆزى مەسىھلىگىنىنىڭ مۈڭگۈزىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ!».  
11ئەلكاناھ بولسا راماھدىكى ئۆز ئۆيىگە يېنىپ باردى. بالا بولسا ئەلىنىڭ قېشىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ قالدى.
12ئەمما ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئىنتايىن يامان كىشىلەردىن بولۇپ، پەرۋەردىگارنى تونۇمايتتى.
13كاھىنلارنىڭ خەلقلەرگە مۇنداق ئادىتى بولغان‫‪:‬‬ ــ بىرسى قۇربانلىق قىلىپ، گۆش قايناپ پىشىۋاتقاندا كاھىننىڭ خىزمەتكارى كېلىپ ئۈچ تىللىق چاڭگاكنى قولىدا تۇتۇپ
14داش، قازان، داڭقان ياكى كورىنىڭ ئىچىگە سانجىپ، چاڭگاكقا نېمە ئېلىنغان بولسا كاھىن شۇنى ئۆزىگە ئالاتتى. ئۇلارنىڭ شىلوھغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلگەن ھەممە ئىسرائىللارغا شۇنداق ئادىتى بولغان.
15شۇنداقلا ھەتتا ياغنى كۆيدۈرمەستە كاھىننىڭ خىزمەتكارى كېلىپ قۇربانلىق قىلىۋاتقان ئادەمگە‫‪:‬‬ ــ كاھىنغا كاۋاپ ئۈچۈن گۆش بەرگىن، چۈنكى ئۇ سەندىن قايناپ پىشقان گۆش قوبۇل قىلمايدۇ، بەلكى خام گۆش لازىم، دەيتتى.
16ئەگەر قۇربانلىق قىلغۇچى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئاۋۋال يېغى كۆيدۈرۈلۈپ بولسۇن، ئاندىن نېمىنى خالىساڭ شۇنى ئالغىن، دېسە، ئۇ‫‪:‬‬ ــ بولمايدۇ، ماڭا دەرھال بەر! بولمىسا مەجبۇرىي ئالىمەن، دەيتتى؛
17شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ياشنىڭ گۇناھى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئېغىر بولغانىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن خەق پەرۋەردىگارغا ئاتىغان قۇربانلىقلار كۆزگە ئىلىنمايۋاتاتتى.
18ئەمما سامۇئىل نارەسىدە بالا بولۇپ كاناپتىن توقۇلغان بىر ئەفودنى كىيىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى.
19بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئانىسى ھەر يىلدا ئۇنىڭغا بىر كىچىك تون تىكىپ، ھەر يىللىق قۇربانلىقنى قىلغىلى ئېرى بىلەن بارغاندا ئالغاچ كېلەتتى.
20ئەلى ئەلكاناھ ۋە ئايالىغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلىپ‫‪:‬‬ ــ «ئايالىڭنىڭ پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغىنىنىڭ ئورنىغا ساڭا ئۇنىڭدىن باشقا نەسىل بەرگەي، دېدى. ئاندىن بۇ ئىككىسى ئۆز ئۆيىگە ياندى.
21شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ھانناھنى يوقلاپ بەرىكەتلەپ، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ جەمئىي ئۈچ ئوغۇل ۋە ئىككى قىز تۇغدى. كىچىك سامۇئىل بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۆسۈۋاتاتتى.
22ئەلى بەك قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ پۈتكۈل ئىسرائىلغا ھەممە قىلغانلىرىنى ئاڭلىدى ھەم جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن ياتقىنىنىمۇ ئاڭلىدى.
23ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ سىلەر نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ چۈنكى بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىدىن سىلەرنىڭ يامانلىقىڭلارنى ئاڭلاۋاتىمەن، دېدى.
24بولمايدۇ، ئى ئوغۇللىرىم! مەن ئاڭلىغان بۇ خەۋەر ياخشى ئەمەس، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئازدۇرۇپسىلەر.
25ئەگەر بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە گۇناھ قىلسا، باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن رەھىم سورىسا بولىدۇ؛ لېكىن ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلسا، كىم ئۇنىڭ گۇناھىنى تىلىيەلەيدۇ؟ ــ دېدى. لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى نىيەت قىلغانىدى.
26ئەمما سامۇئىل دېگەن بالا ئۆسۈۋاتاتتى، پەرۋەردىگار ھەم ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقانىدى.
27خۇدانىڭ بىر ئادىمى ئەلىنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ «مىسىردا، پىرەۋننىڭكىدە تۇرغاندا ئۆزۈمنى ئاتاڭنىڭ جەمەتىگە ئوچۇق ئايان قىلمىدىممۇ؟

Read سامۇئىل «1» 2سامۇئىل «1» 2
Compare سامۇئىل «1» 2:2-27سامۇئىل «1» 2:2-27