Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - رۇت

رۇت 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شۇ كۈنلەردە، قېينئانىسى نائومى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئەي قىزىم، ھال‫‪‎-‎‬‬ئەھۋالىڭنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، سېنىڭ ئارام‫‪‎-‎‬‬بەختىڭنى ئىزدىمەيمەنمۇ؟
2سەن دېدەكلىرى بىلەن ئىشلىگەن بوئاز بىزگە تۇغقان كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ مانا، بۈگۈن ئاخشام ئۇ خاماندا ئارپا سورۇيدۇ.
3ئەمدى سەن يۇيۇنۇپ‫‪‎-‎‬‬تارىنىپ، ئۆزۈڭگە ئەتىرلىك ماي سۈرۈپ، ئېسىل كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا چۈشكىن؛ لېكىن ئۇ ئەر كىشى يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ بولمىغۇچە، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمىگىن.
4ئۇ ياتقاندا ئۇنىڭ ئۇخلايدىغان يېرىنى كۆرۈۋال. ئاندىن سەن كىرىپ، ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە يېتىۋالغىن. ئاندىن ئۇ ساڭا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ، ــ دېدى.
5رۇت ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن نېمە دېسەڭ مەن شۇنى قىلىمەن، ــ دېدى.
6ئۇ خامانغا چۈشۈپ، قېينئانىسى ئۇنىڭغا تاپىلىغاندەك قىلدى.
7بوئاز يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ، كۆڭلىنى خۇش قىلىپ چەشنىڭ ئايىغىغا بېرىپ ياتتى. ئاندىن رۇت شەپە چىقارماي كېلىپ، ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە ياتتى.
8يېرىم كېچىدە بوئاز چۆچۈپ، ئالدىغا ئېڭىشكەندە، مانا بىر ئايال ئايىغىدا ياتاتتى!
9كىم سەن؟! ــ دەپ سورىدى ئۇ. رۇت جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ مەن خىزمەتكارىڭ رۇت بولىمەن. سەن مېنىڭ ھەمجەمەت‫‪‎-‎‬‬نىجاتكارىم بولغىنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭنىڭئۈستىگە تونۇڭنىڭ ئېتىكىنى يېيىپ قويغايسەن، ــ دېدى.
10ئۇ جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئەي قىزىم، پەرۋەردىگاردىن بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت تاپقايسەن! سېنىڭ كېيىن كۆرسەتكەن ساداقەت‫‪‎-‎‬‬مېھرىبانلىقىڭ ئىلگىرى كۆرسەتكىنىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر؛ چۈنكى سېنى ئىزدىگەن يىگىتلەر، مەيلى كەمبەغەل بولسۇن، باي بولسۇن، ئۇلارنىڭ كەينىدىن كەتمىدىڭ.
11ئى قىزىم، ئەمدى قورقمىغىن! دېگىنىڭنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بېرىمەن؛ چۈنكى پۈتكۈل شەھىرىمىزدىكى مۆتىۋەرلەر سېنى پەزىلەتلىك ئايال دەپ بىلىدۇ.
12دۇرۇس، ساڭا ھەمجەمەت‫‪‎-‎‬‬نىجاتكار بولغىنىم راست؛ لېكىن سېنىڭ مەندىن يېقىنراق يەنە بىر ھەمجەمەتىڭ بار.
13ئەمدى كېچىچە بۇ يەردە قالغىن؛ ئەتە سەھەردە ئەگەر ئۇ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ سېنى ئېلىشنى خالىسا، ئۇ ئالسۇن؛ لېكىن ھەمجەمەتلىك ھوقۇقى بويىچە سېنى ئالمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ساڭا ھەمجەمەتلىك قىلىپ سېنى ئالاي. تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇرغىن! ــ دېدى
14ئۇ ئۇنىڭ ئايىغىدا تاڭ ئاتقۇچە يېتىپ، كىشىلەر بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىنى تونۇغۇدەك بولۇشتىن بۇرۇن قوپتى. چۈنكى بوئاز‫‪:‬‬ ــ بىر ئايالنىڭ خامانغا كەلگىنىنى ھېچكىم بىلمىسۇن، دەپ ئېيتقانىدى.
15ئۇ يەنە رۇتقا‫‪:‬‬ ــ سەن كىيگەن يېپىنچىنى ئېچىپ تۇرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى ئېچىپ تۇرۇۋىدى، بوئاز ئارپىدىن ئالتە كەمچەن كەملەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆشنىسىگە ئارتىپ قويدى. ئاندىن ئۇ شەھەرگە كىردى.
16رۇت قېينئاناسىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئەي قىزىم، سەن ھازىر كىم؟! ــ دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېينئانىسىغا ئۇ كىشىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى.
17ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئۇ بۇ ئالتە كەمچەن ئارپىنى ماڭا بەردى، چۈنكى ئۇ‫‪:‬‬ «قېينئاناڭنىڭ يېنىغا قۇرۇق قول قايتىپ بارمىغىن» دېدى، ــ دېدى.
18نائومى‫‪:‬‬ ــ ئەي قىزىم، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلگۈچە مۇشۇ يەردە تەخىر قىلغىن؛ چۈنكى ئۇ ئادەم بۈگۈن مۇشۇ ئىشنى پۈتكۈزمەي ئارام ئالمايدۇ، دېدى.