Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 19

لۇقا 19:4-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4شۇڭا ئۇ ئالدى تەرەپكە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىگە يامىشىپ چىقتى؛ چۈنكى ئەيسا ئۇ يول بىلەن ئۆتەتتى.
5ۋە ئەيسا ئۇ يەرگە كەلگەندە يۇقىرىغا قاراپ ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ زاكاي، چاپسان چۈشكىن! چۈنكى مەن بۈگۈن سېنىڭ ئۆيۈڭدە قونۇشۇم كېرەك، ــ دېدى.
6ئۇ ئالدىراپ چۈشۈپ، خۇشاللىق بىلەن ئۇنى ئۆيىدە مېھمان قىلدى.
7بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقنىڭ ھەممىسى‫‪:‬‬ ئۇ گۇناھكار كىشىنىڭكىدە قونغىلى كىرىپ كەتتى! ــ دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى.
8لېكىن زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەبگە‫‪:‬‬ ــ ئى رەببىم، مانا، مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى يوقسۇللارغا بېرىمەن؛ ئەگەر بىراۋنى يالغاندىن شىكايەت قىلىپ ئۇنىڭدىن بىرنېمە ئۈندۈرۈۋالغان بولسام بىرىگە تۆتنى قايتۇرىمەن، ــ دېدى.
9بۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ‫‪:‬‬ ــ بۈگۈن نىجات بۇ ئۆيگە كىردى. چۈنكى بۇ كىشى ھەم ئىبراھىمنىڭ ئوغلىدۇر!   
10چۈنكى ئىنسانئوغلى ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، ــ دېدى.
11خالايىق بۇ سۆزلەرنى تىڭشاۋاتقاندا ئۇ يەنە سۆز قىلىپ بىر تەمسىلنى قوشۇپ ئېيتتى. چۈنكى ئۇ يېرۇسالېمغا يېقىنلاشقانىدى ۋە ئۇلار‫‪:‬‬ «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرھال نامايان بولىدىغۇ!؟» ــ دەپ ئويلاشقانىدى.
12شۇڭا ئۇ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ بىر ئاقسۆڭەك پادىشاھلىق تەختىگە ئېرىشىپ كېلىش ئۈچۈن يىراق بىر يۇرتقا قاراپ يولغا چىقىپتۇ.

Read لۇقا 19لۇقا 19
Compare لۇقا 19:4-12لۇقا 19:4-12