Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 1

يۇھاننا 1:7-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7ئۇ گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن، يەنى ھەممە ئىنسان ئۆزى ئارقىلىق ئىشەندۇرۇلسۇن، دەپ نۇرغا گۇۋاھچى بولۇشقا كەلگەنىدى.
8يەھيانىڭ ئۆزى شۇ نۇر ئەمەس، بەلكى پەقەت شۇ نۇرغا گۇۋاھلىق بېرىشكە كەلگەنىدى.
9ھەقىقىي نۇر، يەنى پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتقۇچى نۇر دۇنياغا كېلىۋاتقانىدى.  
10ئۇ دۇنيادا بولغان ۋە دۇنيا ئۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى.
11ئۇ ئۆزىنىڭكىلەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى.
12شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلار، يەنى ئۆز نامىغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلدى.
13ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ.
14كالام ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ماكانلاشتى ۋە بىز ئۇنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىگە قارىدۇق؛ ئۇ شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ بولسا، ئاتىنىڭ يېنىدىن كەلگەن، مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭكىدۇر.   
15(يەھيا ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ‫‪:‬‬ ــ مانا، مەن سىلەرگە‫‪:‬‬ «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» دېگىنىم دەل مۇشۇ كىشىدۇر! ــ دەپ جار قىلدى)   
16چۈنكى ھەممىمىز ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقانلاردىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق.  
17چۈنكى تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنىدى؛ لېكىن مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.   

Read يۇھاننا 1يۇھاننا 1
Compare يۇھاننا 1:7-17يۇھاننا 1:7-17