Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 18

لۇقا 18:11-24

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11پەرىسىي ئۆرە تۇرۇپ ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزىگە مۇنداق دۇئا قىلىپتۇ‫‪:‬‬ ــ «ئەي خۇدا، مېنىڭ باشقا ئادەملەردەك بۇلاڭچى، ئادالەتسىز، زىناخور ۋە ھەتتا بۇ باجگىردەك بولمىغىنىم ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر!
12ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم روزا تۇتىمەن ۋە تاپقانلىرىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى سەدىقە قىلىمەن».
13بىراق ھېلىقى باجگىر يىراقتا تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ پېتىنالماي مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ‫‪:‬‬ «ئەي خۇدا، مەن مۇشۇ گۇناھكارغا رەھىم قىلغايسەن!» ــ دەپتۇ.
14مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇ ئىككىيلەندىن پەرىسىي ئەمەس، بەلكى باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنار، لېكىن كىمكى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسا ئۈستۈن كۆتۈرۈلەر.  
15ئەمدى قولىنى تەگكۈزسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلەتتى. لېكىن بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى.
16ئەمما ئەيسا بالىلارنى يېنىغا چاقىرىپ‫‪:‬‬ كىچىك بالىلارنى ئالدىمغا كەلگىلى قويۇڭلار، ئۇلارنى توسۇشماڭلار. چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلاردىن تەركىب تاپقاندۇر.
17مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى‫‪:‬‬ كىمكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىدەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، ــ دېدى.
18مەلۇم بىر ھۆكۈمدار ئەيسادىن‫‪:‬‬ ئى ياخشى ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك، ــ دەپ سورىدى.  
19لېكىن ئەيسا‫‪:‬‬ مېنى نېمە ئۈچۈن ياخشى دەيسەن؟ ياخشى بولغۇچى پەقەت بىرلا، يەنى خۇدادۇر.
20ئەمرلەرنى بىلىسەن‫‪:‬‬ ــ «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ــ دېدى.
21ــ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ــ دېدى ئۇ.
22ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەندە يەنە بىر ئىش كەم. پۈتكۈل مال‫‪‎-‎‬‬مۈلكىڭنى سېتىپ، پۇلىنى يوقسۇللارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەرگىن ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ؛ ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى.
23ئەمما ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ تولىمۇ قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ ناھايىتى باي ئىدى.
24تولىمۇ قايغۇغا چۆمۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئەيسا‫‪:‬‬ ــ مال‫‪‎-‎‬‬دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس‫‪‎-‎‬‬ھە!

Read لۇقا 18لۇقا 18
Compare لۇقا 18:11-24لۇقا 18:11-24