Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھوشىيا

ھوشىيا 6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1«كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتايلى؛ چۈنكى ئۇ تىتما‫‪‎-‎‬‬تىتما قىلىۋەتتى، بىراق ساقايتىدۇ؛ ئۇرۇۋەتتى، بىراق بىزنى تېڭىپ قويىدۇ.
2ئۇ ئىككى كۈندىن كېيىن بىزنى جانلاندۇرىدۇ؛ ئۈچىنچى كۈنى ئۇ بىزنى تىرىلدۇرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يۈزى ئالدىدا ھايات ياشايمىز!
3ۋە بىز ئۇنى بىلىدىغان بولىمىز! بىز پەرۋەردىگارنى تونۇش ھەم بىلىش ئۈچۈن ئىنتىلىپ قوغلايمىز! ئۇنىڭ بىزنى قۇتقۇزۇشقا چىقىشى تاڭ سەھەرنىڭ بولۇشىدەك مۇقەررەر؛ ئۇ يېنىمىزغا يامغۇردەك، يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىننى سۇغىرىدىغان «كېيىنكى يامغۇر»دەك چۈشۈپ كېلىدۇ!».
4ئى ئەفرائىم، سېنى قانداق قىلسام بولار؟ ئى يەھۇدا، سېنى قانداق قىلسام بولار؟ چۈنكى ياخشىلىقىڭلار سەھەردىكى بىر پارچە بۇلۇتتەك، تېزدىن يوقاپ كېتىدىغان شەبنەمدەكتۇر.
5شۇڭا مەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇلارنى چېپىۋەتكەن؛ ئاغزىمدىكى سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنمەن؛ مېنىڭ ھۆكۈمۈم تاڭ نۇرىدەك چىقىدۇ.
6چۈنكى مەن قۇربانلىقلاردىن ئەمەس، بەلكى مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەتتىن، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن كۆرە، خۇدانى تونۇش ھەم بىلىشتىن خۇرسەنلىك تاپىمەن.  
7بىراق ئۇلار ئادەمئاتىدەك ئەھدىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغان؛ ئۇلار مانا شۇ يول بىلەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان.
8گىلېئاد بولسا قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ شەھىرى؛ ئۇ قان بىلەن بويالغان.
9قاراقچىلار ئادەمنى پايلىغاندەك، كاھىنلار توپى شەكەمگە بارىدىغان يولدا قاتىللىق قىلماقتا؛ بەرھەق، ئۇلار ئىپلاسلىق قىلماقتا.
10ئىسرائىل جەمەتىدە يىرگىنچلىك بىر ئىشنى كۆردۈم؛ ئەفرائىمنىڭ پاھىشىلىكى شۇ يەردە تېپىلىدۇ، ئىسرائىل بۇلغاندى.
11يەنە ساڭىمۇ، ئى يەھۇدا، تېرىغان گۇناھلىرىڭنىڭ ھوسۇلى بېكىتىلگەندۇر!