Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھوشىيا

ھوشىيا 7

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1مەن ئۆز خەلقىمنىڭ ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرەي دېگەندە، مەن ئىسرائىلنى ساقايتاي دېگەندە، ئەمدى ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى، سامارىيەنىڭ رەزىللىكىمۇ ئاشكارىلىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئالدامچىلىق قىلىدۇ؛ ئوغرىلار بولسا بۆسۈپ كىرىۋاتىدۇ، قاراقچىلار توپى سىرتتا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
2ئۇلار كۆڭلىدە مېنىڭ ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتقانلىقىمنى ئويلىمايدۇ؛ ھازىر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىنى قىستاۋاتىدۇ؛ بۇ ئىشلار كۆز ئالدىمدىدۇر.
3ئۇلار پادىشاھنى رەزىللىكلىرى بىلەن، ئەمىرلەرنى يالغان گەپلىرى بىلەن خۇرسەن قىلىدۇ؛
4ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخورلار؛ ئۇلار ناۋاي ئوت سالغان تونۇردەك؛ ناۋاي خېمىرنى يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغۇچە ئۇنىڭ ئوتىنى يەنە ئۇلغايتمايدۇ؛
5پادىشاھىمىز تەبرىكلەنگەن كۈنىدە، ئەمىرلەر شارابنىڭ كەيپى بىلەن ئۆزلىرىنى زەئىپلەشتۈردى؛ پادىشاھ بولسا مازاق قىلغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشىشقا ئىنتىلدى!
6چۈنكى ئۇلار كۆڭلىنى تونۇردەك قىزىتىپ سۇيىقەست پۈكۈپ قويغانىدى؛ كېچىچە ئۇلارنىڭ غەزىپى چوغلىنىپ تۇرىدۇ؛ سەھەردىلا ئۇ يانغان ئوتتەك يالقۇنلاپ كېتىدۇ.
7ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونۇردەك قىزىقتۇر، ئۇلار ئۆز سوراقچىلىرىنى يەپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى يىقىلدى ــ ئۇلاردىن ھېچكىم مېنى نىدا قىلىپ چاقىرمايدۇ!
8ئەفرائىم يات قوۋملار بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى؛ ئۇ «ئۆرۈلمىگەن بىر قوتۇرماچ»دەكتۇر.  
9يات ئادەملەر ئۇنىڭ كۈچىنى يەپ كەتتى، بىراق ئۇ ھېچ سەزمەيدۇ؛ بەرھەق، بېشىنىڭ ئۇ يەر‫‪‎-‎‬‬بۇ يېرىدە ئاق چاچلار كۆرۈنىدۇ، بىراق ئۇ ھېچ بىلمەيدۇ؛
10شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھ بېرىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتمايدۇ؛ ياكى شۇنداق ئىشلار بېشىغا چۈشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنى ئىزدىمەيدۇ.
11ئەفرائىم ھېچ ئەقلى يوق نادان بىر پاختەكتەك؛ مىسىرغا قاراپ سايرايدۇ، ئاسۇرىيەنى ئىزدەپ بارىدۇ؛
12ئۇلار بارغاندا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تورۇمنى تاشلايمەن؛ خۇددى ئاسماندىكى ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلارنى تورغا چۈشۈرگەندەك ئۇلارنى چۈشۈرىمەن؛ بۇ خەۋەر ئۇلارنىڭ جامائىتىگە يېتىشى بىلەنلا، ئۇلارنى جازالايمەن.
13ئۇلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار مەندىن يىراقلىشىپ تېنىپ كەتتى! ئۇلار ھالاك بولسۇن! چۈنكى ئۇلار ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلدى! مەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە چىقىراي دېگەندە، ئۇلار مەن توغرۇلۇق يالغان گەپ قىلىدۇ!
14ئۇلار ئورنىدا يېتىپ نالە قىلغاندا، ماڭا كۆڭلىدە ھېچ نىدا قىلمىدى؛ ئۇلارنىڭ جامائەتكە يىغىلىشى پەقەت ئاش ۋە يېڭى شاراب ئۈچۈندۇر، خالاس؛ ئۇلار مەندىن چەتلەپ كەتتى.
15بەرھەق، مەن ئەسلى ئۇلارنى تەربىيىلىگەنمەن، ئۇلارنىڭ بىلەكلىرىنى چېنىقتۇرۇپ كۈچەيتكۈزگەنىدىم؛ بىراق ئۇلار ماڭا قارشى يامانلىق قەستلەۋاتىدۇ.
16ئۇلار بۇرۇلدى ــ بىراق بۇرۇلۇشى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قايتىش ئۈچۈن ئەمەس؛ ئۇلار ئالدامچى بىر ئوقياغا ئوخشاش. ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ غالجىرانە تىل‫‪‎-‎‬‬ئاھانەتلىرى ۋەجىدىن قىلىچلىنىدۇ؛ بۇ ئىش مىسىر زېمىنىدا ئۇلارنى مەسخىرىگە قالدۇرىدۇ.