Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھوشىيا

ھوشىيا 2

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2ــ ئاناڭلارغا دەۋايىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئايالىم ئەمەس ۋە مەن ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس؛ ئۇ پاھىشىلىك تۇرقىنى چىرايىدىن، زىناخورلۇق ھالەتلىرىنى كۆكسىنىڭ ئارىسىدىن ياقاتسۇن!
3بولمىسا، مەن ئۇنى قىپ‫‪‎-‎‬‬يالىڭاچ قىلىپ قويىمەن، تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك ئانىدىن تۇغما قىلىپ قويىمەن؛ مەن ئۇنى خۇددى چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋانغا ئوخشاش قىلىمەن، ئۇنى بىر قاغجىراق يەرگە ئايلاندۇرىمەن، ئۇنى ئۇسسۇزلۇق بىلەن ئۆلتۈرىمەن؛
4ئۇنىڭ بالىلىرىغا رەھىم قىلمايمەن، چۈنكى ئۇلار پاھىشىلىكلەردىن تۆرەلگەن بالىلاردۇر.
5چۈنكى ئۇلارنىڭ ئانىسى پاھىشىلىك قىلغان، ئۇلارنى قارنىدا كۆتۈرگۈچى نومۇسسىزلىق قىلغان؛ چۈنكى ئۇ‫‪:‬‬ «مەن ماڭا نان ۋە سۈيۈمنى، يۇڭ ۋە كاناپىمنى، زەيتۇن مېيىم ۋە ئىچىملىك‫‪‎-‎‬‬شارابلىرىمنى تەمىنلىگۈچى ئاشنىلىرىمغا ئىنتىلىپ ئۇلارنى قوغلىشىمەن» ــ دېدى.
6ــ شۇڭا مانا، مەن يولۇڭنى تىكەن‫‪‎-‎‬‬جىغانلىقلار بىلەن چىتلاپ قورشىۋالىمەن، ئىسرائىلنىڭ ئەتراپىنى تام بىلەن توسىمەن، ئۇ چىغىر يوللىرىنى تاپالمايدىغان بولىدۇ.
7شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشنىلىرىنى قوغلايدۇ، بىراق ئۇلارغا يېتىشەلمەيدۇ؛ ئۇلارنى ئىزدەيدۇ، تاپالمايدۇ؛ شۇڭلاشقا ئۇ‫‪:‬‬ «مەن بېرىپ بىرىنچى ئېرىمنى تېپىپ، ئۇنىڭ يېنىغا قايتىمەن؛ چۈنكى ئەھۋالىم بۈگۈنكىدىن ياخشى ئىدى» ــ دەيدۇ.
8ــ ئۇ زىرائەتلەرنى، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنى تەمىنلىگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى، ئۆزلىرى «بائال» بۇتلارنى ياساشقا ئىشلەتكەن كۈمۈش‫‪‎-‎‬‬ئالتۇننى كۆپ قىلغۇچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى زادى بىلمىدى.
9شۇڭا مەن قايتىپ كېلىمەن، ئۇنىڭدىكى زىرائەتلىرىمنى ئۆز ۋاقتىدا، يېڭى شارابلىرىمنى ئۆز پەسلىدە ئېلىپ كېتىمەن، ئۆزۈمدىكى ئۇلارنىڭ يالىڭاچلىقىنى يېپىشقا كېرەكلىك يۇڭ‫‪‎-‎‬‬كاناپلىرىمنى بەرمەي قايتۇرۇپ كېتىمەن؛
10ھازىر مەن ئۇنىڭ نومۇسسىزلىقىنى ئاشنىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىلايمەن، ھېچكىم ئۇنى قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ.
11شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ تاماشالىرىغا خاتىمە بېرىمەن؛ ئۇنىڭ ھېيتلىرىغا! ئۇنىڭ «يېڭى ئاي»لىرىغا! ئۇنىڭ «شابات»لىرىغا! قىسقىسى، ئۇنىڭ بارلىق «جامائەت ئىبادەت سورۇن»لىرىغا خاتىمە بېرىمەن!
12ۋە مەن ئۇنىڭ ئۈزۈم تاللىرىنى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىنى ۋەيران قىلىمەن؛ ئۇ بۇلارنى‫‪:‬‬ «بۇلار بولسا ئاشنىلىرىم ماڭا بەرگەن ئىش ھەققىلىرىمدۇر!» دېگەنىدى؛ مەن بۇلارنى جاڭگالغا ئايلاندۇرىمەن، ياۋايى ھايۋانلار ئۇلارنى يەپ كېتىدۇ.
13مەن ئۇنىڭ بېشىغا «بائال»لارنىڭ كۈنلىرىنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇ شۇ كۈنلىرىدە ئۇلارغا ئىسرىق سالاتتى، ئۇ ئۆزىنى ئۈزۈكلىرى ۋە زىبۇ‫‪‎-‎‬‬زىننەتلىرى بىلەن پەردازلاپ، ئاشنىلىرىنى قوغلىشىپ، مېنى ئۇنتۇدى ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
14شۇڭا مانا، مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن، ئۇنى دالاغا ئېلىپ كېلىمەن، كۆڭلىگە سۆزلەيمەن.
15شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا شۇ يەردە ئۈزۈمزارلىرىنى قايتۇرىمەن، «ئاقور جىلغىسى»نى «ئۈمىد ئىشىكى» قىلىپ بېرىمەن؛ ئاندىن ئۇ شۇ يەردە ياشلىق كۈنلىرىدىكىدەك، مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈنىدەك كۈي‫‪‎-‎‬‬ناخشا ئېيتىدۇ.
16ۋە شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ«سەن مېنى «ئېرىم» دەپ چاقىرىسەن، ئىككىنچى مېنى «بائال»ىم دېمەيسەن.
17چۈنكى مەن «بائال»لارنىڭ ناملىرىنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇلار بۇ نامى بىلەن ئىككىنچى ھېچقانداق ئەسلەنمەيدۇ.
18شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلار ئۈچۈن دالادىكى ھايۋانلار، ئاسماندىكى ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلار ۋە يەر يۈزىدىكى ئۆمۈلىگۈچىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن؛ مەن ئوقيا، قىلىچ ۋە جەڭنى سۇندۇرۇپ زېمىندىن ئېلىپ تاشلايمەن؛ خەلقىمنى ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن ياتقۇزىمەن.
19شۇنداق قىلىپ مەن سېنى ئەبەدىلئەبەد ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ ھەققانىيلىقتا، مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەتتە، رەھىم‫‪‎-‎‬‬شەپقەتلەردە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن؛

20ساداقەتلىكتە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگارنى بىلىپ يېتىسەن.   
21ۋە شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، «مەن ئاڭلايمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «مەن ئاسمانلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلايمەن، بۇلار يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىننىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ؛
22يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىن زىرائەتلەرنىڭ، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ؛ ۋە بۇلار «يىزرەئەل»نىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ!
23ۋە مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئۇنى زېمىندا تېرىيمەن؛ مەن «لو‫‪‎-‎‬‬رۇھاماھ»غا رەھىم قىلىمەن؛ مەن «لو‫‪‎-‎‬‬ئاممى»غا‫‪:‬‬ «مېنىڭ خەلقىم!» دەيمەن؛ ۋە ئۇلار مېنى‫‪:‬‬ «مېنىڭ خۇدايىم!» ــ دەيدۇ.