Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھوشىيا

ھوشىيا 10

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئىسرائىل باراقسان بىر ئۈزۈم تېلىدۇر؛ ئۇ ئۆزى ئۈچۈن مېۋە چىقىرىدۇ؛ مېۋىسى كۆپەيگەنسېرى ئۇ قۇربانگاھلارنىمۇ كۆپەيتكەن؛ زېمىنىنىڭ ئېسىللىقىدىن ئۇلار «ئېسىل» بۇت تۈۋرۈكلىرىنى ياسىدى.  
2ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئالا؛ ئۇلارنىڭ گۇناھكارلىقى ھازىر ئاشكارىلىنىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى چېقىپ غۇلىتىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇت تۈۋرۈكلىرىنى بۇزۇۋېتىدۇ.
3چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا‫‪:‬‬ «بىزدە پادىشاھ يوق، چۈنكى پەرۋەردىگاردىن قورقمىدۇق؛ پادىشاھىمىز بار بولسىمۇ، ئۇ بىزگە نېمە قىلىپ بېرىدۇ؟» ــ دەيدىغان بولىدۇ.  
4ئۇلار گەپلەرنى قىلىۋېرىدۇ، ئەھدىنى تۈزۈپ قويۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار ئارىسىدىكى دەۋالىشىشلار ئېتىزدىكى چۆنەكلەرگە شۇمبۇيا ئۈنۈپ كەتكەندەك بولىدۇ.
5سامارىيەدە تۇرۇۋاتقانلار «بەيت‫‪‎-‎‬‬ئاۋەن»نىڭ موزىيى ئۈچۈن غەم‫‪‎-‎‬‬ئەندىشىگە چۈشىدۇ؛ «بەيت‫‪‎-‎‬‬ئاۋەن»دىكىلەر دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭ «بۇتپەرەس كاھىن»لىرىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؛ ئۇلار «بەيت‫‪‎-‎‬‬ئاۋەن»نىڭ «شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى» ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ سۈرگۈن قىلىندى!
6بەرھەق، شۇ نەرسە «جېدەلخور پادىشاھ» ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنىپ، ئاسۇرىيەگە كۆتۈرۈلۈپ كېتىلىدۇ؛ ئەفرائىم ئىزا‫‪‎-‎‬‬ئاھانەتكە قالىدۇ، ئىسرائىل ئۆز «ئەقلى»دىن خىجىل بولىدۇ.
7سامارىيەنىڭ بولسا، پادىشاھى دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىدىكى خەشەكتەك يوقىلىپ كەتتى؛
8«ئاۋەن»دىكى «يۇقىرى جايلار»، يەنى «ئىسرائىلنىڭ گۇناھى» بىتچىت قىلىنىدۇ؛ قۇربانگاھلىرىنى تىكەن‫‪‎-‎‬‬جىغانلار باسىدۇ؛ ئۇلار تاغلارغا‫‪:‬‬ «ئۈستىمىزنى يېپىڭلار!»، دۆڭلۈكلەرگە‫‪:‬‬ «ئۈستىمىزگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈڭلار!» ــ دەيدۇ.  
9ــ ئى ئىسرائىل، گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىن باشلاپ سەن گۇناھ قىلىپ كەلدىڭ؛ ئىشلار شۇ پېتى تۇرىۋەردى؛ رەزىللىكنىڭ بالىلىرى ئۈستىگە قىلىنغان جەڭ ئۇلارنى گىبېئاھتا بېسىۋەتمىدىمۇ؟  
10مەن خالىغىنىمدا ئۇلارنى جازالايمەن؛ ئۇلار ئىككى گۇناھى تۈپەيلىدىن ئەسىرگە چۈشۈشكە توغرا كەلگەندە، يات قوۋملار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىدۇ.
11ئەفرائىم بولسا كۆندۈرۈلگەن بىر ئىنەكتۇر، ئۇ خامان تېپىشكە ئامراق؛ مەن ئۇنىڭ چىرايلىق گەدىنىنى ئۇپراشتىن ئاياپ كەلدىم؛ بىراق ھازىر ئۇنىڭغا بويۇنتۇرۇق سېلىپ ھەيدەيمەن؛ يەھۇدا يەر ھەيدىسۇن! ياقۇپ ئۆزى ئۈچۈن يەرنى تىرنىلىشى كېرەك.
12ئۆزۈڭلارغا ھەققانىيلىق بىلەن تېرىڭلار، مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت ئىچىدە ھوسۇل ئالىسىلەر؛ بوز يېرىڭلارنى چاناپ ئېچىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنى ئىزدەش ۋاقتى كەلدى، ــ تا ئۇ ئۈستۈڭلارغا ھەققانىيلىقنى ياغدۇرغۇچە!
13بىراق سىلەر رەزىللىكنى ئاغدۇردۇڭلار، قەبىھلىك ھوسۇلىنى ئوردۇڭلار، يالغانچىلىقنىڭ مېۋىسىنى يېدىڭلار؛ چۈنكى سەن ئۆز يولۇڭغا، يەنى باتۇرلىرىڭنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشىنىپ تاياندىڭ؛
14قوۋملىرىڭ ئارىسىدا چۇقان‫‪‎-‎‬‬سۈرەن كۆتۈرۈلىدۇ؛ شالمان جەڭ كۈنىدە بەيت‫‪‎-‎‬‬ئاربەلنى بەربات قىلغاندەك، بارلىق قورغانلىرىڭ بەربات قىلىنىدۇ؛ (شۇ كۈنى بەيت‫‪‎-‎‬‬ئاربەلدىكى ئانا‫‪‎-‎‬‬بالىلار تەڭلا پارە‫‪‎-‎‬‬پارە قىلىۋېتىلمىگەنمۇ؟) ــ
15ئەمدى ئۇچىغا چىققان رەزىللىكىڭ تۈپەيلىدىن، ئوخشاش بىر كۈن سېنىڭ بېشىڭغا چۈشۈرۈلىدۇ، ئى بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەل! تاڭ سەھەردىلا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.