Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھوشىيا

ھوشىيا 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگارنىڭ كالامى ــ ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيالار يەھۇداغا، يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، كالام بەئەرىنىڭ ئوغلى ھوشىياغا كەلدى؛
2پەرۋەردىگارنىڭ ھوشىيا ئارقىلىق كەلگەن سۆزىنىڭ باشلىنىشى ــ پەرۋەردىگار ھوشىياغا‫‪:‬‬ «بارغىن، پاھىشىلىككە بېرىلگەن بىر ئايالنى ئەمرىڭگە ئالغىن، پاھىشىلىكتىن بولغان بالىلارنى ئۆز قولۇڭغا ئالغىن؛ چۈنكى زېمىن پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ پاھىشىلىككە پۈتۈنلەي بېرىلدى» دېدى.
3شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ دىبلائىمنىڭ قىزى گومەرنى ئەمرىگە ئالدى؛ ئايال ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى.
4پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «ئۇنىڭ ئىسمىنى «يىزرەئەل» دەپ قويغىن؛ چۈنكى يەنە ئازغىنا ۋاقىت ئۆتكەندە، مەن «يىزرەئەل»نىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى يەھۇنىڭ جەمەتى ئۈستىگە قويىمەن ۋە ئىسرائىل جەمەتىنىڭ پادىشاھلىقىغا خاتىمە بېرىمەن.
5ۋە شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، مەن ئىسرائىلنىڭ ئوقياسىنى يىزرەئەل جىلغىسىدا سۇندىرىۋېتىمەن».
6گومەر يەنە ھامىلىدار بولۇپ، قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا‫‪:‬‬ «ئۇنىڭ ئىسمىنى «لو‫‪‎-‎‬‬رۇھاماھ» دەپ قويغىن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىل جەمەتىگە ئىككىنچى رەھىم قىلمايمەن، ئۇلارنى قەتئىي كەچۈرۈم قىلمايمەن؛
7بىراق يەھۇدا جەمەتىگە رەھىم قىلىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزىمەن؛ ئۇلارنى ئوقياسىز، قىلىچسىز، جەڭسىز، ئاتلارسىز ۋە ئاتلىق ئەسكەرسىز قۇتقۇزىمەن» ــ دېدى.
8گومەر لو‫‪‎-‎‬‬رۇھاماھنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن يەنە ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغدى؛
9رەب‫‪:‬‬ «ئۇنىڭ ئىسمىنى‫‪:‬‬ «لو‫‪‎-‎‬‬ئاممى» دەپ قويغىن؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس ۋە مەن سىلەرگە پەرۋەردىگار بولمايمەن» دېدى.
10ــ بىراق ئىسرائىلنىڭ بالىلىرىنىڭ سانى دېڭىزدىكى قۇمدەك بولۇپ، ئۇنى ئۆلچىگىلى ياكى سانىغىلى بولمايدۇ؛ «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا شۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ئۇلارغا‫‪:‬‬ «سىلەر تىرىك تەڭرىنىڭ ئوغۇللىرى!» ــ دېيىلىدۇ.
11ئىسرائىل بالىلىرى ۋە يەھۇدا بالىلىرى بىرگە يىغىلىدۇ، ئۆزلىرىگە بىرلا باشنى تىكلەيدۇ ۋە تۇرغان زېمىندىن چىقىدۇ؛ چۈنكى «يىزرەئەلنىڭ كۈنى» ئۇلۇغدۇر! ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئۇكىلىرىڭلارغا «ئاممى! (مېنىڭ خەلقىم!)» ۋە سىڭىللىرىڭلارغا «رۇھاماھ! (رەھىم قىلىنغان!)» ــ دەڭلار!